پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 34|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

بانكا كارتىسى ئوغرىلىقچە ئىشلىتىلىپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

642

تېما

669

يازما

2561

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2561
بانكا كارتىسى ئوغرىلىقچە ئىشلىتىلىپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟


20170329164830421.jpg (32.24 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

چۈشۈرۈش

2017-3-30 11:35 چىقىرىش



شىنخۇا تورىنىڭ 29-مارتتىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا بېيجىڭ شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بىر ئىناۋەتلىك كارتا ماجراسى دېلوسىغا ئاخىرقى ھۆكۈم چىقاردى. دېلوغا ئالاقىدار ۋاڭ ئەپەندىمنىڭ ئېيتىشىچە، 2013-يىلى ئۇ بانكىغا بېرىپ بىر ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرگەن بولۇپ، 2014-يىلى 11-ئايدىكى ئىستېمال قەرزىنى قايتۇرغان ۋاقىتتا، ھېسابات سېلىشتۇرۇش تالونىدا شۇ ئاينىڭ 5-كۈنى شاڭخەيدە ئىشلىتىلگەن 1200 يۈەنلىك ئىستېمال خاتىرىسى بارلىقىنى بايقىغان. ئەمما ئىناۋەتلىك كارتا ئىزچىل ئۆزىنىڭ يېنىدا بولۇپ، ئۆزىمۇ ئەزەلدىن شاڭخەيگە بېرىپ باقمىغان.

بانكا كارتىسىنى ئوغرىلىقچە ئىشلىتىپ كېتىش دېلولىرى كۆپەيدى، ئىسپاتلاش قىيىن
بېيجىڭ 2-ئوتتۇرا سوتنىڭ سوتچىسى خەن ياۋبىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ كارتا ئىگىسىنىڭ پۇلىنى ئوغرىلىقچە ئىشلىتىۋېلىش ئەھۋاللىرى ئۈزلۈكسىز كۆرۈلۈپ تۇرغان بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن كارتا ئىگىسى بانكىنى ئەرز قىلىپ تۆلەم تەلەپ قىلىدىغان دېلولار ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ تۇرغان. 2012-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە بېيجىڭ 2-ئوتتۇرا سوتى بانكا كارتىسىنى ئوغرىلىقچە ئىشلىتىپ كېتىش دېلوسىدىن سەككىزنى قوبۇل قىلغان بولۇپ سانى ئاز ئىكەن. ئەمما 2015-يىلىدىن بۈگۈنگە قەدەر قوبۇل قىلغان مۇشۇ تۈردىكى دېلونىڭ سانى 51گە ئۆرلىگەن بولۇپ، ئۆرلەش كۆرسەتكۈچى خېلىلا چوڭ بولغان.
خەن ياۋبىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بانكا كارتىسىنىڭ ئوغرىلىقچە ئىشلىتىلىپ كېتىش دېلولىرىدىكى بىۋاستە پاكىت ئىنتايىن ئاز بولىدىكەن. ئەگەر كارتا ئىگىسى بانكا كارتىسىنىڭ ئوغرىلىقچە ئىشلىتىلگەنلىكىنى ۋاقتىدا بايقىيالمىسا، دېلودىن كېيىن ئۆزى ۋە كارتىنىڭ نەق مەيداندا يوقلۇقىنى ئىسپاتلاش تەسكە توختايدىكەن. پاش قىلىنغان بانكا كارتىسى ئوغرىلىقچە ئىشلىتىلىش دېلولىرىدىن باشقا دېلولاردا ئالاقىدار كىشىلەر بانكا كارتىسى ئۇچۇرى ياكى مەخپىي نومۇر ئاشكارىلىنىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبىنى بىۋاستە ئىسپاتلايدىغان ئىسپات كۆرسىتەلمىگەن.

سوتچى تۆۋەندىكى بەش خىل ئۇسۇلدا بانكا كارتىسى ئوغرىلىقچە ئىشلىتىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئەسكەرتىدۇ:
بىرىنچىسى: بانكا كارتىسى بىلەن مەخپىي نومۇرنى ياخشى ساقلاش لازىم. بانكا كارتىسىنى ئىجارىگە، ئارىيەتكە بېرىپ تۇرۇشقا بولمايدۇ، بانكا كارتىسى ۋە مەخپىي نومۇرنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىشكە بولمايدۇ، بانكا كارتىسى يوقالغانلىقى ياكى مەخپىي نومۇر ئاشكارىلىنىپ قالغانلىقىنى بايقىغان ھامان، ۋاقتىدا يوقالغانلىقىنى مەلۇم قىلىش رەسمىيىتى بېجىرىش لازىم.  
ئىككىنچىسى: كارتا ئىشلەتكەندە ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىش لازىم. كارتا ئىگىلىرى بانكا كارتىسى ئىشلەتكەن ۋاقىتتا ATM ماشىنىسى ياكى POS ئەتراپىدىكى مۇھىتتا گۇمانلىق ئۈسكۈنە بار-يوقلۇقكىغا دىققەت قىلىشى لازىم؛ ئۆچىرەتتە تۇرۇپ بانكا كارتىسى بېجىرگەن ۋاقىتتا باشقىلار بىلەن بىخەتەر ئارىلىق ساقلاپ، مەخپىي نومۇرنى باشقىلارنىڭ ئوغرىلىقچە كۆرۈۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم؛ توردا ھەق تۆلەش مەشغۇلاتى قىلغان ۋاقىتتا تور ئادرېسىنىڭ توغرا ياكى ئەمەسلىكى، تور بەتتە نورمالسىز ئۇلانما بار-يوقلۇقىغا دىققەت قىلىش لازىم.
ئۈچىنچىسى: بانكا كارتىسى باغلانغان يانفونلارنى ياخشى ساقلاش لازىم. بېيجىڭ 2-ئوتتۇرا سوتىدا بىر تەرەپ قىلىنغان دېلولاردا بەزىلەر باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسىنى ئېلىۋېلىشى ۋە ئۆزىنىڭ يانفونىدىن پايدىلىنىپ كارتىدا چىقىم قىلىشىغا يول ئېچىپ بەرگەن. يانفون بانكا كەسپى بىرلەشكەندىن كېيىن يەككە ھالدىكى ئاددىي خەۋەرلىشىش قورالى بولماي قالدى، ئۇ تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان مال-مۈلۈك خاسلىقى ۋە مەخپىيەتلىكىگە ئىگە بولدى، شۇڭا كارتا ئىگىلىرى يانفوننى ياخشى ساقلىشى لازىم.
تۆتىنچىسى: ئامال بار ھېسابات ئۆزگىرىشىنى قىسقا ئۇچۇردا ئەسكەرتىش مۇلازىمىتىنى ئاشقۇزۇش لازىم. قىسقا ئۇچۇردا ئەسكەرتىش مۇلازىمىتى كارتا ئىگىلىرىنى ھېساباتتىكى نورمالسىزلىقلاردىن ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىپ، ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ. بېيجىڭ 2-سوتىدا بىرتەرەپ قىلىنغان دېلولارنىڭ بەزىلىرىدە كارتا ئىگىلىرى ھېسابات ئۆزگىرىشىنى قىسقا ئۇچۇردا ئەسكەرتىش مۇلازىمىتىنى ئاچمىغانلىقى ئۈچۈن، ھېساباتتىكى پۇلنىڭ ئازلاپ قالغانلىقىنى نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئاندىن بايقىغان، بۇنىڭ بىلەن ساختا كارتا ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئىسپاتلاشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئېشىپ كەتكەن.
بەشىنچىسى: ئامال بار ئاممىۋىي WiFi تورىدا چىقىم قىلماسلىق لازىم. ئاممىۋىي WiFi تورىدا چىقىم قىلغاندا بىخەتەرلىك خەتىرى مەۋجۇد بولۇپ، كارتا ئۇچۇرى ۋە مەخپىي نومۇر ئاسانلا ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ.
بېيجىڭ 2-ئوتتۇرا سوتنىڭ سوتچىسى تۇ خاۋنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كارتا تارقاتقۇچى بانكىمۇ بانكا كەسپى بىلەن تەمىنلىگۈچى تەرەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاكتىپ تەدبىر قوللىنىپ ئوغرىلىق قىلمىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، كارتا ئېلىش ۋە كېيىنكى مۇلازىمەت ھالقىلىرىنى ئۆزئىچىگە ئالغان تەشۋىقاتلاردا ئۆزەكلىك كارتا ئىشلىتىش، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق كارتا ئىگىسىگە بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسى بېرىش، تور بېكەت ۋە ATMنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش تەدبىرىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، كارتا ئىگىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىشى زۆرۈر ئىكەن.

بانكا كارتىسى ئوغرىلىقچە ئىشلىتىلگەنلىكىنى بايقىغان ھامان تۆۋەندىكى ئۈچ باسقۇچ بويىچە قىلىش لازىم
بىرىنچى: بانكىغا ئۇقتۇرۇش قىلىش ھەمدە يوقالغانلىقىنى مەلۇم قىلىش رەسمىيىتى بېجىرىش لازىم. كارتا ئىگىسى يەنە بانكىدىن ئوغرىلىقچە ئىشلىتىش ئۇسۇلى، ۋاقتى، ئورنى، قارشى تەرەپنىڭ ھېسابات ئۇچۇرى ۋە ئۆزى بىلەن ئەڭ يېقىن ئورۇندىكى ATMنىڭ ئورنى قاتارلىقلارنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ. كارتا ئىگىلىرى زۆرۈر بولغاندا خېرىدارلار مۇلازىمىنىڭ نومۇرىنى خاتىرىلىۋېلىپ، ئەرز قىلغان ۋاقىتتا ئىسپات سۈپىتىدە ئىشلەتسە بولىدۇ.
ئىككىنچى: دېلو مەلۇم قىلىش. كارتا ئىگىلىرى يەنە ج خ ئورۇنلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە بانكىغا بېرىپ ھېسابات تەپسىلاتىنى ئۇرۇپ چىقىرىپ، بانكا كارتىسى، كىملىك قاتارلىقلارنى ئېلىپ ج خ ئورۇنلىرىغا بېرىپ دېلو مەلۇم قىلىش رەسمىيىتى بېجىرىشى لازىم.
سۈچىنچى: ATM مەشغۇلاتى. كارتا ئىگىسى دەرھال يېقىن ئەتراپتىكى ATMغا بېرىپ مەشغۇلات قىلىشى زۆرۈر، بۇ ۋاقىتتا ئاللىبۇرۇن يوقالغانلىقىنى مەلۇم قىلىپ بولغانلىقى ئۈچۈن ATM بانكا كارتىسىنى يۇتۇۋالىدۇ، بۇ ۋاقىتتا كارتا ئىگىسى ATM چىقىرىپ بەرگەن تالوننى ياخشى ساقلىشى لازىم. بۇنداق قىلىشنىڭ مەقسىتى كارتا ئىگىسى بىلەن بانكا كارتىسىنىڭ دېلو مەق مەيدانىدا يوق ئىكەنلىكىنى، بانكا كارتىسىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن يالغاندىن ياسالغانلىقى ۋە ئوغرىلىقچە ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئىسپاتلاشتىن ئىبارەت. بېيجىڭ 2-ئوتتۇرا سوتى قوبۇل قىلغان ساختا كارتىدا ئوغرىلىق قىلىش دېلولىرى ئىچىدە ئوغرىلىقچە كارتا ئىشلىتىشتىن كېيىن ۋاقتىدا ATMغا بېرىپ مەشغۇلات قىلىش ساختا كارتىدا ئوغرىلىق قىلىش قىلمىشىنى ئىسپاتلايدىغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنىڭ بىرى بولغان. بانكا كارتىسى يۇتۇۋېلىنغاندىن كېيىن، كارتا ئىگىسى ۋاقتىدا بانكا بىلەن ئالاقىلىشىپ كارتىنى ئېلىۋېلىش رەسمىيىتى بېجىرىپ، ئاندىن ج خ ئورۇنلىرىغا بېرىپ دېلو مەلۇم قىلىشى لازىم.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش