ئۇيغۇر ماركا تورى

تېما: سودىدا شىرىك تاللاش ھەققىدە [بەتنى بېسىپ چىقىرىش]

يوللىغۇچى: akbarjan    ۋاقىت: 2016-4-7 00:41
تېما: سودىدا شىرىك تاللاش ھەققىدە
سودىدا شىرىك تاللاش ھەققىدە

ئادەم ئۆزگىرىدۇ، ئۆزىمىزمۇ شۇنداق، شۇنىڭ ئۈچۈن شېرىك تاللاش بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە.
كىچىك شىركەت قۇرۇپ ئىگىلىك تىكلەشتە، ئىمكانقەدەر شېرىكلەشمەسلىك كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا %80 كۆڭۈلسىزلىك پەيدا قىلىدۇ.
ئىككىنچى مۇھىم ۋەزىپە، ئەگەر شېرىك تاللاشقا توغرا كەلسە، چوقۇميېزىق بىلەن پۈتكەن ئىككى تەرەپ مەسئۇلىيەت، ۋەزىپە، كۈچ چىقىرىش، جاۋاب قايتۇرۇش شەكلى ئېنىق بولغان يېزىقچە توختام بولۇشى كېرەك، بىراق ئىگىلىك تىكلىگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۆزلىگەن ئىشنى ئۆزى چۈشەنمىسە، ئېنىق يېزىپ چىقىش ناھايىتى قىيىن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاغىنىلەر ھەققانىي بولسا، كېيىنكى ئاغرىنىشتىن ساقلىنىپ قالغىلى بولىدۇ.
بۇ تەرەپتە ئۇنچە ئاقىلانە بولمىغاندا، بۇنداق كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ناھايىتى مۇرەككەپ، ئەگەر ئۆزىنىڭ ئايالىنى شېرىك قىلىپ تاللىسا، ھېچقانداق مەسىلە يوق بولامدۇ؟ بۇنىڭغا بىر نېمە دېيىش ھەقىقەتەن قىيىن، خوتۇن بولۇشقا ماس كەلگەن ئادەمنىڭ شېرىك بولۇشقا ماس كېلىشى ناتايىن.
بۇ دۇنيادىكى ئىشلار ھەقىقەتەن مۇرەككەپ.
ئىشقىلىپ شېرىك تاللاش شىركەت قۇرۇشتىكى بىرىنچى يول.
پەقەت تۆۋەندىكى 10 پىرىنسىپتا چىڭ تۇرسىڭىزلا، شېرىكلەشكەن تىجارىتىڭىز ئۇزۇنغىچە داۋاملىشالايدۇ.
1. سەمىمىيلىك پىرىنسىپى
شېرىكلىشىپ پۇل تېپىشتا چىن نىيەتنى ئالدىنقى ئورۇنغاقويۇپ، سەمىمىيلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ. شېرىكىڭىزنىڭ سىزگە قانداق مۇئامىلەقىلىشى بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، سىز ئاۋۋال ئۆزىڭىزنى ئىسلاھ قىلىڭ.
2. نىشان پىرىنسىپى
كىچىك ئىشلارنى زىغىرلىماڭ، چوڭ ئىشلاردا ھوشيار بولۇڭ،ئورتاق نىشاننىڭ قىممىتىنى توغرا مۆلچەرلەڭ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئىگىلەڭ.
3. ئىشەنچ پىرىنسىپى
شېرىكلەر چوقۇم گۇمانخورلۇقتىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك. پەقەت پايدا تەقسىماتىدا تەڭسىزلىك كۆرۈلمىسىلا، ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۆز-ئارا ئىشىنىشى كېرەك.
4. كەڭ قورساق بولۇش پىرىنسىپى
ئۆز-ئارا كەڭ قورساق بولغاندا شېرىكلەر ئاندىن ئۇزۇنغىچەبىرگە ماڭالايدۇ.
5. زىيان تارتىش پىرىنسىپى
ئۆزىڭىز ئازراق زىيان تارتسىڭىز ھېچقىسى يوق، قارشى تەرەپكەكۆپرەك نەپ بېرىڭ. بىلىشىڭىز كېرەككى، مۇتلەق ئادىللىق قۇرۇپ چىققىلى بولمايدۇ. شېرىكىڭىزگەكۆپرەك نەپ يەتكۈزۈڭ.
6. بېرىش-كېلىش پىرىنسىپى
شېرىكىڭىزنى سادىق دوستىڭىزدەك كۆرۈڭ، ھەرگىزمۇ پۇلنى دوستلۇقنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالماڭ.
7. ئادىللىق پىرىنسىپى
ھېسابلىق دوست ئايرىلماس دېگەن گەپ بار. ئاغىنىدارچىلىق قىلىمەن دەپ ئارىلىقتىكى ھېسابلارغا سەل قارىسىڭىز، ھامىنى بىرمۇنچە نىزا-ئاداۋەتلەرگەسەۋەب بولۇپ قالىسىز.
8. كەمتەرلىك پىرىنسىپى
باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆپرەك بايقاڭ، كەمچىلىكىگە ئېسىلىۋالماڭ. ئۆز-ئارا ئۆگىنىپ،بىرلىكتە تەرەققىي قىلىڭ.
9. پىكىرلىشىش پىرىنسىپى
ھەممىنى ئىچىڭىزگە يۈتۈۋالىدىغان كىشى بولماي، باشقىلار بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇڭ.
10. بەرداشلىق بېرىش پىرىنسىپى
ئورتاق بېكىتكەن پىرىنسىپلارنى قەتئىي مۇھاپىزەت قىلىڭ، شېرىكىڭىز ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىڭىزنى بېغىشلاڭ.

يوللىغۇچى: ئالغا    ۋاقىت: 2016-6-22 23:56
ياخشى گەپلەركەن
يوللىغۇچى: ablimit202    ۋاقىت: 2016-8-16 18:56
、ئاساسى بۇ مىللەت شىرىك ئىشتىن يىراق تۇرسا بولدېكەن ....
يوللىغۇچى: akbarjan    ۋاقىت: 2016-8-22 16:21
ئۇنداقمۇ دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، لېكىن ھەق ناھەقنى ئايرىيىدىغان شىرىك چۇقۇم تېپىلىدۇ، شىرىكىڭىزىنىڭ دىيانىتىگە قاراڭ، دىيانەتلىك بولسا ئۇ سىزنىڭ شىرىكىڭىز بۇلالايدۇ.




خۇش كەپسىز ئۇيغۇر ماركا تورى (/bbs/) Powered by Discuz! X3.2