ئۇيغۇر ماركا تورى
تېما: مايۈننىڭ 200 مىليارد كىرىمى ياپونلارنىڭ بولۇپ كەتتىمۇ؟ [بەتنى بېسىپ چىقىرىش]
يوللىغۇچى: akbarjan ۋاقىت: 2017-7-16 16:42
تېما: مايۈننىڭ 200 مىليارد كىرىمى ياپونلارنىڭ بولۇپ كەتتىمۇ؟
مايۈننىڭ 200 مىليارد كىرىمى ياپونلارنىڭ بولۇپ كەتتىمۇ؟
مايۈن دۆلىتىمىز تور سودا كەسپىنىڭ سەركىسى، بىر كېچىدىلا جۇڭگودىكى ئەڭ باي كىشىگە ئايلانغان، مۇنەۋۋەر كارخانىچى، ناتىق.
مانا بۇلار سىرتقى دۇنيانىڭ مايۈنگە بولغان تونۇشى، ئەمما ھەر قانداق ئىش ئىككى تەرەپلىمىلىككە ئىگە، مايۈنمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس، ماختاشلاردىن باشقا يەنە، مايۈننى تىللايدىغانلارمۇ يوق ئەمەس. مەسىلەن: مايۈن خائىن! مايۈن ياپونلارغا پۇل تېپىپ بېرىۋاتىدۇ، دېگەندەك.
كۆپچىلىكنىڭ بۇنداق دېيىشىدىكى سەۋەبچىسى ياپونىيە SoftBankگورۇھىنىڭ باش لىدېرى ماسايوشى سان! ئەمەلىيەتتە ماسايوشى ساننىڭ تومۇرىدا ئېقىۋاتقىنى جۇڭگولۇقلارنىڭ قېنى، ئۇنىڭ ئاتا بوۋىلىرى ئەينى زامانلاردا مۇساپىر بولۇپ كورىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكەن. ئەڭ ئاخىرىدا ياپونىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ياپونىيە SoftBankگورۇھىنىڭ باش لىدېرى ماسايوشى سان ھازىرغا قەدەر ئەلى بابا گورۇھىنىڭ %28 پېيىنى ئۆز كونتروللۇقىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئەلى بابا گورۇھىنىڭ ئەڭ چوڭ پايچىكى ھېسابلىنىدۇ. مايۈندە بولسا ئەلى بابا گورۇھىنىڭ پەقەت %7 لا پېيى بار. شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر «ئاتالمىش جۇڭگونىڭ ئەلى بابا گورۇھى ياپونىيەنىڭ، ماسايوشى ساننىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى گورۇھ، مايۈن ماسايوشى سان ۋە ياپونىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئىشلەمچى خالاس» دەپ قارايدۇ.
ئەمما يەنە نۇرغۇن كىشىلەر مۇنداق بىر ھەقىقەتنى تېخى بىلمەيدۇ: 1999-يىل ئەلى بابا قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، مايۈن دۆلەت ئىچىدە يۈزىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ مەبلەغ سالغۇچى ئىزدەپ يېلىنمىغان ئادەم قالمىغان، ئەمما دۆلەت ئىچىدىكى مەبلەغ سالغۇچى ئورگانلار مايۈن ۋە ئىنتېرنېت تور سودىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىغا ئىشەنمىگەن. ھەتتا ئامېرىكىنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلىرىمۇ شۇنداق بولغان! ئەلى بابانىڭ مۇشۇنداق ھايات ماماتلىق ھالقىلىق پەيتلىرىدە ياخۇ تورىنىڭ قۇرغۇچىسى، تەيۋەنلىك ياڭ جىيۈەن، (ئېنگلىزچە ئىسمى Jerry Yang) مايۈننىڭ قىلماقچى بولغان ئىشلىرىغا قىزىقىپ قېلىپ، ئۇنى ماسايوشى سانغا تەۋسىيە قىلغان. مايۈن ماسايوشى سان بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ماسايوشى سان مايۈنگە 6 مىنۇت ۋاقىت بېرىپ، ئۇنىڭغا پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇش پۇرسىتى بەرگەن. نەتىجىدە مايۈن 20 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغكە ئېرىشكەن، شۇنىڭدىن كېيىن SoftBankگورۇھى ئەلى بابا گورۇھىنىڭ %32 پېيىغا ئىگە بولغان.
بۈگۈنكى كۈندە ئەلى بابا گورۇھى دۇنيا بويىچە ئەڭ داڭلىق ئېنتېرنېت تور شىركىتىگە ئايلاندى. ھازىرقى پاي باھاسى بويىچە ھېسابلىغاندا ئەلى بابانىڭ بازار قىممىتى ئىككى يۈز مىليارد 250 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. ئەلى بابا گورۇھىنىڭ ئەڭ چوڭ پايچىكى بولغان SoftBankگورۇھىنىڭ قولىدىكى بارلىق پاي 63 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا چىقىدۇ.
شۇڭا مايۈننى ياپونىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ دېيىشمۇ بىر تەرەپلىمىلىك ھېسابلىنىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ھېچقانداق بىر جۇڭگولۇق ئەلى بابا ئۈچۈن مەبلەغ سېلىشنى خالىمىغان. شۇڭا ھازىر ئارتۇق گەپ ئېشەككە يۈك. ئەلى بابانىڭ ھەمكارلىق تۈزۈمى شەكلىدىكى گورۇھ ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز كېرەك. مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەقىقىي تىزگىن يەنىلا مايۈننىڭ قولىدا.
خۇش كەپسىز ئۇيغۇر ماركا تورى (/bbs/) |
Powered by Discuz! X3.2 |