پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 283|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئەسكى چاپاننىڭ ئىچىدە ئادەم بار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

642

تېما

669

يازما

2561

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2561
ئەسكى چاپاننىڭ ئىچىدە ئادەم بار


ئامىرىكىدا بىر جۈپ ئەر- ئايال، ئايال رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن يۇڭ پوپايكا كىيىۋالغان، ئۇنىڭ يولدىشى بولسا ئەرزان كاستۇم- بۇرۇلكا كىيىۋالغان بولۇپ، ئالدىن كېلىشىپ قويمايلا خارۋاردنىڭ مەكتەپ مۇدىرىنى زىيارەت قىلىپ بېرىپتۇ.
مەكتەپ مۇدىرىنىڭ كاتىپى شۇ زامان بۇ ئىككى سەھرالىقلارنىڭ خارۋارد بىلەن ھىچقانداق كەسپى ئالاقە قىلمايدۇ دەپ پەرەز قىلىپتۇ. ئەر تۆۋەن ئاۋازدا:« بىز مەكتەپ مۇدىرى بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىدۇق» دەپتۇ. كاتىپ ناھايىتى ئەدەب بىلەن :« ئۇ بۈگۈن بىر كۈن كەچكىچە بەكلا ئالدىراش» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئايال:« ھىچقىسى يوق، بىز ساقلايمىز» دەپتۇ. نەچچە سائەت ئۆتكەن بولسىمۇ كاتىپ ئۇلار بىلەن كارى بولماپتۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزىلىكىدىن كېتىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىپتۇ، ئەمما ئۇلار ئىزچىل شۇ يەردە ساقلاپتۇ. كاتىپ ئاخىرى مەكتەپ مۇدىرىغا ئېيتىشنى قارار قىلىپتۇ:
« بەلكىم ئۇلار سىزگە نەچچە ئېغىز گەپ قىلىۋېلىپلا كېتىپ قېلىشى مۇمكىن» دەپتۇ كاتىپ. مۇدىر ئىنتايىن بىزارلىق بىلەن ماقۇل بولۇپتۇ، ھەمدە ناھايىتى ئەدەبلىك ھالدا ئەمما خالىماسلىق نەزىرى بىلەن بۇ بىر جۈپ ئەر- ئايالنى كۈتۈۋاپتۇ.
ئايال ئۇنىڭغا:«بىزنىڭ بىر ئوغلىمىز بۇرۇن خارۋاردتا بىر يىل ئوقۇغان، ئۇ خارۋاردنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتى، خارۋاردتىكى تۇرمۇشى تولىمۇ خوشال ئىدى، ئەمما ئۆتكەن يىلى تاساددىپى ۋەقەدە قازا قىلدى. يولدىشىم ئىككىيلەن مەكتەپتە ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر خاتىرە بۇيۇم قالدۇرماقچى ئىدۇق»دەپتۇ.
مەكتەپ مۇدىرى تەسىرلىنىشتە يوق، ئەكسىچە تولىمۇ كۈلكىلىك ھېس قىلىپ، قوپال ئاۋازى بىلەن:«خانىم، بىز خارۋاردتا ئوقۇپ ئۆلۈپ كەتكەن ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن ئابىدە تىكلىيەلمەيمىز. ئەگەر بىز بۇنداق قىلساق مەكتىپىمىز قەبرىستانلىققا ئوخشاپ قالمامدۇ؟»دەپتۇ.
ئايال:«ياق، بىز ئابىدە تىكلەيلى دېمىدۇق، بىزنىڭ خارۋاردقا بىر بىنا ئىئانە قىلغۇمىز بار ئىدى» دەپتۇ.
مەكتەپ مۇدىرى ئۇلارنىڭ كونىراپ كەتكەن پوپايكىسى ۋە كاستۇم- بۇرۇلكىسىغا قاراپ، مەڭسىتمەسلىك نەزىرىدە دەپتۇ:« سىلەر بىر بىنانى سېلىش ئۈچۈن قانچە پۇل خەجلەش كېرەكلىكىنى بىلەمسىلەر؟مەكتىپىمىزدىكى بىر بىنانىڭ قىممىتى 7مىليون 500مىڭ ئامىرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ!»
بۇ چاغدا ئايال جىمىپ قاپتۇ، مەكتەپ مۇدىرى ئىنتايىن خوشال بولغان ھالدا ئىچىدە ئەمدىغۇ كىتەرسىلەر دەپ ئويلاپتۇ.
ئايال كەينىگە ئۆرۈلۈپلا يولدىشىغا دەپتۇ:«پەقەت  7مىليون 500مىڭ ئامىرىكا دوللىرى بىلەنلا بىر بىنا سالغىلى بولامدۇ؟ ئەمىسە بىز نېمىشقا بىر ئۇنىۋېرسىتېت سېلىپ ئوغلىمىزنى خاتىرلىمەيمىز؟»
شۇنىڭ بىلەن، ستانفورت ئەر- ئايال خارۋاردتىن مۇشۇنداق ئايرىلىپ، كالىفورنىيە شىتاتىغا بېرىپ ستانفورت ئۇنىۋېرسىتېتىنى قۇرۇپ ئوغلىنى خاتىرىلەپتۇ، مانا بۇ ستانفورت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى.
يەكۈن: ئەتراپىڭىزدىكى ھىچبىر كىشىنى كۆزگە ئىلمايدىغان ئىشنى قىلماڭ، باشقىلارنى كەمسىتىشنىڭ ئۆزى ئۆزىنى كەمسىتىشتۇر.
بۈگۈنكى كۈندە، ئامىرىكىلىقلارنىڭ بىر سۆزى مودا: پۇلى بار نەتىجىسى يامان ئەمەسلەر خارۋاردقا كېلىپ ئوقۇيدۇ، ھەقىقىي ئېسىلزادىلەر بولسا ستانفورتنى بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ---- ئىككى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتتا يېتىلىدىغان خىسلەت ئوخشىمايدۇ.
پىشقان باشاق تولۇپ كەتكەنلىكىدىن ئىگىلىدۇ. ھەقىقىي پالۋان بولسا چوقۇم ئىگىلىپ تۇرۇپ ئىشلەيدۇ. ئەتراپىڭىزدىكى ھەر بىر ئادەمنى ھۆرمەتلەڭ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش