پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 28|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

سودا قىلغاندا تۆۋەندىكى ئەھۋاللار سىزدىمۇ سادىر بولغانمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

642

تېما

669

يازما

2561

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2561

سودا قىلغاندا تۆۋەندىكى ئەھۋاللار سىزدىمۇ سادىر بولغانمۇ؟


سودا قىلغاندا كونا يېڭى خىرىدالاردا كۆپ ئۇچرايدىغان ئەھۋال يەنى قولدىكى مالنىڭ بازار يۆلىنىشىگە قارشىلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ مالنى ئۇزۇن ساقلاپ كۆپ زىياندا چىقىرىش ياكى سالغان مەبلىغىنى شۇ بىر مال بىلەن يوق قىلىش،بۇ خىل ئەھۋال ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدۇ، بۇ نېمىدىن كېلىپ چىققان، خېرىداردىن سورىسىڭىز %98 تەھلىل خاتا بولۇپ قىلىپ شۇنداق زىيان بولدى دەيدۇ، %2 خېرىدار مەن تەھلىلدە كۆرسەتكەن زىيان نۇقتىسىنى بەلگىلىمىگەن سەۋەبىدىن بولدى دەيدۇ.
ھەممە ئادەمنىڭ زىياننى كونترول قىلىش ئېڭى ئوخشاش بولمايدۇ، ھەر قانداق ئۇستا تەھلىلچىمۇ ئۆزىنىڭ سودا تەھلىلى %100 توغرا دېمەيدۇ، گەرچە تەھلىلچى نۇرغۇن ئىستاتىستىكا ئۇچۇرى ۋە گىرافىكنى ئانالىز قىلسىمۇ لېكىن سودا بازاردا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش بولۇپ قىلىپ زىياننى چوڭ بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت زىيان نۇقتىسىنى  بەلگىلەشنى ئەسكەرتىدۇ.
كۆپىنچە خېرىدارلار سودا قىلغاندا دائىم سادىر قىلىدىغان خاتالىقنىڭ بىرى بولغان يەنى قولىدىكى مالنىڭ بازار يۆلىنىشىگە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ سودا قىلىش، بۇ بويىچە سودا قىلغاندا بىر بولسا قولدىكى مالنىڭ زىيىنى داۋاملىق چوڭىيىپ ماڭىدۇ بىر بولسا شۇ بىر خاتا ئىلىپ قويغان مال بىلەن مەبلەغ سالغان پۇلى زىيان بىلەن تۈگەيدۇ، شۇڭا مەن بۇ يەردە زىيان كۆرۈلگەندە قانداق قىلىپ زىياننى كونترول قىلىش ياكى تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈرۈش توغرىسىدا خېرىدارلارغا يەنە بىر قېتىم چۈشەندۈرۈشى توغرا كۆردۈم.
بىرىنچى، مالنى خاتا ئىلىپ قۇيۇپ ياكى تەھلىل خاتا بولۇپ قالغان ئەھۋال  ئالغان مالنىڭ زىيىنىنى چوقۇم بەلگىلەش كېرەك ئەگەر بەلگىلىمىگەن بولساق ئۇ ۋاقىتتا قولدىكى مالنى ئازراق زىيىنىغا چىقىرىۋېتىپ سودا يۆلىنىشىگە ئەگىشىپ مال ئالىمىز ياكى قولدىكى مالنى چىقىۋېتىپ قايتا يېڭى سودا تەھلىلىنى ساقلايمىز.
ئىككىنچى،ئەگەر مالنى خاتا ئىلىپ قالغىنىمىزنى ھېس قىلغاندا قولدىكى مالنىڭ زىيان دائىرىسى تەھلىلدىكى زىيان دائىرىسى ئىچىدە بولسا ئۇنداقتا قولدىكى مالنى چىقارغىنىمىز ياخشى پۇرسەت بولىدۇ،ئەگەر تەھلىلدىكى زىيان دائىرىسىدىن ئېشىپ كەتكەن ئەمما 10 دوللاردىن ئېشىپ كەتمىگەن بولسا يەنە كېلىپ زىيانغا چىقارغۇسى كەلمىسە بازار ئەھۋالىغا قارىتا مالنى قۇلۇپلاپ قويساق بولىدۇ، بۇ يەردە قۇلۇپلاش دېگەن سۆز چىقىپ قالدى كونا خېرىدارلار بۇ سۆزنى ئاڭلىغان بولسىمۇ قانداق ئىشلىتىشكە كەلگەندە يېڭى خېرىدارلاردىن پەرقى يوق شۇڭا مەن بۇ يەردە كونا ۋە يېڭى خېرىدارلارنىڭ تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنىشى ئۈچۈن ئېنىقراق قىلىپ سۆزلەپ ئۆتەي.
بۇ سودىغا ھەرقانداق يېڭى كىرگۈچى قۇلۇپلاش دېگەن سۆزنى ئاڭلىغاندا ھەيرانلىق بىلەن بۇنىمۇ ئۆينىڭ ئىشىكىنى قۇلۇپلىغاندەك قۇلۇپلامدۇق دەپ چوڭقۇر ئويلاپ كېتىدۇ.
قۇلۇپلاش دېگىنىمىز ئوخشاش بىر تۈردىكى مالنى سودا قىلغاندا قول سانى ئوخشاش ئەھۋالدىكى ئوخشىمىغان يۆلىنىشتە مال ئىلىشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: ئالتۇن باھاسى ئىلىپ ئېيتساق، ئالتۇن باھاسىنىڭ زىيىنىنى بەلگىلىمىگەن ئەھۋالدا 1200 دوللاردىكى بۇ باھادىن 3 قول ئۆسۈشكە مال ئالغان بولساق ئەمما باھا 1195 دوللارغا چۈشۈپ قالغان بولسا بىز دەل 1195 دوللاردىن سودا يۆلىنىشىگە ئەگىشىپ ئالتۇندىن 3 قول چۈشۈشكە ئىلىپ قويساق بۇ يەردىكى زىيان پەقەت 1195-1200 دوللار ئارىلىقىدا چەكلىنىپ قالىنىدۇ، بۇ خىل ئۇسۇلنى بىز كۆپ تەۋسىيە قىلمايمىز ، ئاڭلىماققا ئاددىي بىلىندۇ ئەمما قۇلۇپنى يېشىش ئۈچۈن تېخنىكا كېتىدۇ،  قۇلۇپلاش دائىرىسى 10 دوللاردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم، نېمە ئۈچۈن دەپ سورىشىڭىز  مۇمكىن ،باھا پەرقى كۆپ بولۇپ كەتسە قۇلۇپتىن يېشىش تەسكە توختايدۇ،يەنى تۆۋەندىكىدەك ھالەت كۆرۈلىدۇ.
1.سىز سودا قىلىپ پايدا ئالىسىز يۇ لېكىن زىيىنىڭىز يەنىلا كۆپىيىپ ماڭىدۇ. 2.قۇلۇپنى يەشكەندىن كىيىن سودىدىن كېسىلىپ  چىقىپ  كېتىسىز. 3.يا ئۆرلەشنىڭ مىلىنى قولدىن چىقىرالماي يا چۈشۈشنىڭ مىلىنى چىقىرالماي  ھېرىپ بۇ سودىدىن زېرىكىپ چېكىنىسىز.
ئۈچىنچى: سودىدا ھەرگىزمۇ جاھىلىق قىلماسلىقىمىز كېرەك بەزى خېرىدارلارھەربىر قېتىملىق سودىنى چوقۇم پايدىغا چىقىرىمەن قەتئىي زىيانغا چىقارماي سودا قىلىمەن دەپ ئاخىرىدا بىر مۇنچە زىيانغا چىقىرىدۇ ، بەزى خېرىدارلار ئۆزۈمنىڭ  ئويلىغىنى بار دەپ سودا بازىرىنىڭ قايسى ھالەت بىلەن كارى يوق،ئادەمدە نىشان ۋە ئىرادە بۇلۇش توغرا ئەمما بۇ نىشان بىزنىڭ تۇتقان يولىمىزغا قاراپ بولىدۇ خاتالىقنى بايقىغان ھامان تۈزىتىشنى بىلگەن ئادەم ھامان نىشانىغا يېتىپ بارىدۇ،خاتالىقنى بىلىپ تۇرۇپ خاتالىق سادىر قىلسا ئاقىۋەتتە زىيان ئۆزىگە بولىدۇ، بۇ سودىمۇ ئوخشاش.
يۇقىرىدا مەن سودا قىلغاندا دائىم ئۇچرايدىغان ئەھۋاللارنى چۈشىنىشلىك قىلىش ئۈچۈن ئاددىي مىساللارنى ئىلىپ سۆزلىدىم ئاخىرىدا يەنە خىرىدارلارغا سۇنىدىغىنىم سودا قىلغاندا تەھلىلدىن سودا تاكتىكىسى ئەڭ مۇھىم.
ماقالىنى يازغۇچى مۇتەخەسىس : ئالىيە مۇھەممەت

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش