پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 52|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

شەكىلسىز مۈلكىڭىزنى قوغداشنى بىلەمسىز؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

642

تېما

669

يازما

2561

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2561
شەكىلسىز مۈلكىڭىزنى قوغداشنى بىلەمسىز؟

ئەكبەر ئىسمائىل

كارخانىلارنىڭ مال – مۈلكى ئىككى خىل بولىدۇ، بىرى، كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان شەكىللىك مۈلۈك، يەنە بىرى، كۆرگىلى ھەم تۇتقىلى بولمايدىغان شەكىلسىز مۈلۈك. شەكىلسىز مۈلۈكنىڭ قىممىتى بەزىدە شەكىللىك مۈلۈكنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان كارخانىلارنىڭ شەكىلسىز مۈلكى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ بۇنداق شەكىلسىز مۈلۈك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىدا قانداق رول ئوينايدۇ؟
ھازىر بىز بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىدە تۇرۇۋاتىمىز، ئىجادچانلىق، يېڭىلىق يارىتىش بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى. ناۋادا، كارخانىلارنىڭ ئىجادچانلىق، يېڭىلىق يارىتىش روھى كەمچىل بولسا، كارخانىلارنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىمۇ كەمچىل بولىدۇ، بىراق ئىجادچانلىق، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي، شۇنداقلا بۇ روھنىڭ تۈرتكىسىدە پاتېنت ھوقۇقى، تاۋار ماركىسى، ئەسەر ھوقۇقى ۋە تىجارەت – سودا، پىلان – لايىھەلىرىگە ئوخشاش شەكىلسىز مۈلۈكنى توپلىغان كارخانىلار بۇ مۈلۈكلىرىنى قوغداش ھەم ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى بىلمىسە، ئوخشاشلا رىقابەت كۈچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، كارخانىلارغا نىسبەتەن ئىجادچانلىق، يېڭىلىق يارىتىش بولمىسا، تەرەققىياتتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ، ئىجادچانلىق، يېڭىلىق يارىتىشلا بولۇپ، ئۇنى قوغداش ھەم ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش بولمىسا، ئوخشاشلا تەرەققىياتمۇ بولمايدۇ.
بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچىدە داڭق چىقارغان بىر تېز تاماقخانا بولىدىغان، ئەينى چاغدا تېز تاماقخانىلار تېخى ئومۇملاشمىغاچقا، بۇ تېز تاماقخانا ئۆزگىچە بېزىلىشى، مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە تاماق تۈرىنىڭ سەرخىللىقى، تەمىنىڭ ياخشىلىقى بىلەن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، تېزلا يېڭى ئېقىمنىڭ يۆنىلىش بەلگىسىگە ئايلانغانىدى. ئەمما، بۇ تېز تاماقخانا تازا روناق تاپقان چاغدا دەۋا پاتقىقىغا پېتىپ قېلىپ تاقىلىپ قالدى. ئەسلىدە، بۇ تېز تاماقخانىنىڭ خوجايىنى ئىجادچانلىق، يېڭىلىق يارىتىش روھىنىڭ تۈرتكىسىدە ياراتقان شەكىلسىز مۈلكىنى، يەنى تېز تاماقخانىسىنىڭ نامىنى قوغداشنى ئويلىمىغان، نەتىجىدە باشقا بىرەيلەن بۇ تېز تاماقخانىنىڭ نامىنى تاۋار ماركىسى قىلىپ، تاۋار ماركا ھوقۇقىغا ئېرىشكەن ۋە تاۋار ماركا ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىش نامى بىلەن بۇ تېز تاماقخانا ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنغان.
كارخانا تەرەققىياتىدا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، لېكىن نۇرغۇن كارخانا، بولۇپمۇ يېڭىدىن قۇرۇلغان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار بۇنىڭغا ئانچە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. كارخانا ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى پاتېنت ھوقۇقى، تاۋار ماركىسى ھوقۇقى، ئەسەر ھوقۇقى، شۇنداقلا سودا مەخپىيەتلىكى، تىجارەت – سودا پىلانى ۋە لايىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كارخانا بۇ شەكىلسىز مۈلۈكنى يارىتىش جەريانىدا نۇرغۇن زېھنىي كۈچ ۋە ئىقتىساد ئاجرىتىدۇ. ئەگەر بۇ شەكىلسىز مۈلۈكلەر دەل ۋاقتىدا مۇۋاپىق قوغدالمىسا، كارخانا سېلىنما جەھەتتىن زىيان تارتىپلا قالماي، رىقابەت كۈچىمۇ ئاجىزلايدۇ، ھەتتا ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدۇ.
بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى كارخانا تەرەققىياتىنىڭ ئۇل تېشى دېسەكمۇ ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ. نوكىيا شىركىتىنى مىسالغا ئالساق، نوكىيا شىركىتى 2011 – يىلى دۇنيا يان تېلېفون ساھەسىدىكى خوجىلىق ئورنىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن بۇيان بارا – بارا كىشىلەرنىڭ دىققەت – ئېتىبارىدىن قالدى، بىراق ‹‹زاۋاللىققا يۈزلەندى›› دەپ قارالغان بۇ شىركەت يېقىنقى بىر قانچە يىلدا ئىلكىدە ساقلاپ تۇرغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا تايىنىپ، زور مىقداردىكى پاتېنتتىن پايدىلىنىش ھەققى، ئەسەر ھوقۇقىنى ئىشلىتىش ھەققى، تاۋار ماركىسىدىن پايدىلىنىش ھەققىگە ئېرىشىپ كەلدى. دېمەك، كارخانا قۇرۇلغاندىن تارتىپلا شەكىلسىز مۈلكىنى قوغداشنى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى بىلىشى زۆرۈر.
تەرەققىياتنىڭ تېزلىشىشى، كەسىپلەرنىڭ ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىشى ۋە يۇغۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ھازىر بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ چېتىلىش دائىرىسى بارغانسېرى كېڭىيىۋاتىدۇ، مەسىلەن: كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيالى، يان تېلېفون يۇمشاق ماتېرىيالى(app)، بىيو تېخنىكا، تېرىقچىلىق تېخنىكىسى، ئۆسۈملۈك سورتى، كىيىم – كېچەك پاسونى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ چېتىلىش دائىرىسىگە كىرىدۇ.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئېلىمىز دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولغاندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئەدلىيەلىك قوغداش سالمىقى يىلسېرى كۈچىيىپ، ئالاقىدار قانۇن – نىزاملار ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى. ئېلىمىز كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش مەقسىتىدە ‹‹كارخانىلارنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى باشقۇرۇش ئۆلچىمى››نى تۈزۈپ تارقىتىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ كارخانىلارنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى پىلانلىشى، يۈرگۈزۈشى، تەكشۈرۈشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇمۇ دەل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ كارخانا تەرەققىياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، شۇڭا كارخانىلار تەرەققىيات مۇساپىسىدە ياراتقان شەكىلسىز مۈلكىنى بايقاشقا ۋە ئۇنى قانۇنىي يول ئارقىلىق قوغداشقا ماھىر بولۇشى لازىم.
مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-05/18/content_600717.htm

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش