پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 68|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئەلى چىقىمدانى قەرزى بىلەن بانكا قەرزىدىن قايسىسى ئەڭ تېجەشلىك؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

642

تېما

669

يازما

2561

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2561
ئەلى چىقىمدانى قەرزى بىلەن بانكا قەرزىدىن قايسىسى ئەڭ تېجەشلىك؟


سوخۇ تورى 12-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
چىقىدان جېبېي (借呗)نى چىقارغاندىن بۇيان بانكا قەرزىدىن باشقا، يەنە بىر تېخىمۇ قولايلىق قەرز ئېلىش ئۇسۇلى بارلىققا كەلدى. ئاددىيراق قىلىپ ئېيتساق بىۋاستە چىقىمداندىن قەرز ئېلىشتىن ئىبارەت. كۈندىت ئىناۋەت نومۇرى ئارقىلىق قەرز سوممىسىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ، ھازىر كۆپلىگەن كىشىلەر بۇ خىل قەرزنى ئىشلەتمەكتە. ئەمما تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى چىقىمداندىكى جېبېينى بانكا قەرزىگە ئېلىشتۇرغاندا، قايسىسىنىڭ ئۆسۈمى تۆۋەن؟ تۆۋەندە بۇ ئىككىسىنىڭ سېلىشتۇرمىسىنى بايان قىلىمىز.

بىرىنچى، قەرز سوممىسى
بانكا: ئادەتتە ئىناۋىتى ياخشى بولغان قەرز ئالغۇچى بانكىدىن ئىلتىماس قىلالايدىغان ئىناۋەتلىك قەرزنىڭ سوممىسى كىرىمىنىڭ 10-15 ھەسسىسىچىلىك بولىدۇ؛ ئەگەر ئۆز نامىدا ئۆي-مۈلۈك، ماشىنا، فوندى، ئالتۇن قاتارلىق شەخسىي مۈلۈك بولسا، قەرز سوممىسىنى تېخىمۇ يۇقىرىلاتقىلى بولىدۇ، بانكا يەنە قەرز ئۆسۈمىنى تۆۋەنلىتىپ بېرىشنى ئويلىشىشى مۇمكىن.
جېبېي: «جېبېي (借呗)»نىڭ نۆۋەتتىكى ئىلتىماس قىلىش شەرتىدە كۈنجۈت ئىناۋەت نومۇرى 600دىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك، كۈنجۈت نومۇرىغا ئاساسەن ئىشلەتكۈچىلەر ئىلتىماس قىلالايدىغان قەرز سوممىسى 1000دىن 300000 يۈەنگىچە ئوخشاش بولمايدۇ.

ئىككىنچى، قەرز ئۆسۈمى
بانكا: بانكا ئىناۋەتلىك قەرزىنىڭ ئۆسۈمى شەخسنىڭ قەرز ئىناۋىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئاساس سانى ئاساسىدا %10~%40كىچە ئارىلىقتا بولىدۇ، نۆۋەتتە بانكا ئىناۋەتلىك قەرزىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى كۆپىنچە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %14.5~%20 ئارىلىقىدا.
جېبېي: چىقىمداندىكى جېبېينىڭ كۈندىلىك ئۆسۈمى %0.045، يەنى 1000 يۈەننىڭ يىللىق ئۆسۈمى تەخمىنەن 90 يۈەن، ئۆسۈم نىسبىتىنى يىلغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا %16.425 بولىدۇ.

ئۈچىنچى، قەرز قەرەلى
بانكا: شەخسلەر ئىناۋەتلىك قەرزىنىڭ قەرەلى ئادەتتە بىر يىل بولىدۇ، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئۈچ يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
جېبېي: ئەڭ ئۇزۇن قەرەلى 12 ئاي.

تۆتىنچى، قايتۇرۇش ئۇسۇلى
بانكا: قەرز قەرەلى بىر يىل ئىچىدە (بىر يىلنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ) بولسا ئاي بويىچە ئۆسۈم تۆلەپ، دىرىنى ئاي، پەسىل ياكى بىر قېتىمدا بىراقلا قايتۇرۇش ئۇسۇلىدا قايتۇرىدۇ؛ قەرز قەرەلى بىر يىلدىن ئۇزۇن بولسا دىرى ۋە ئۆسۈمىنى ئايغا بۆلۈپ قايتۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.
جېبېي: خالىغان ۋاقىتتا ئېلىپ خالىغان ۋاقىتتا قايتۇرۇشقا بولىدۇ، ئىختىيار ئىشلەتكۈچىنىڭ ئۆزىدە بولىدۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش