ئىناۋەتلىك كارتا ۋە ئاز سوممىلىق قەرزدىن پايدىلانغاندا...
نۆۋەتتە كۆپلىگەن كىشىلەر بانكا ئىناۋەت كارتىسى بېجىرىپ ئىستېمال قىلىشقا يۈزلەنمەكتە، بىراق بىر قىسىم كىشىلەر كارتا بېجىرىشنىلا بىلىپ، قالغان كىچىك ھالقىلارغا دىققەت قىلمايۋاتىدۇ، مەسىلەن: كارتا سىيرىپ ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرماسلىق؛ كارتا يۈتۈپ كەتسە ياكى ئوغرىلىنىپ باشقا جايدا ئىشلىتىلسە قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش؛ بانكا ئىناۋەتلىك كارتىسىنى توغرا ئىشلەتمەسلىك دېگەندەك. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئوقۇرمەنلەرگە بانكا ئىناۋەتلىك كارتىسىغا ئائىت ئاددىي ساۋاتلارنى سۇندۇق.
قەرزدارلار نېمە ئۈچۈن «قارا تىزىملىك» كە كىرىپ قالىدۇ؟
كۆپلىگەن ئادەم بانكىدىن قەرز ئالغاندىن كېيىن، يەنى ئىناۋەتلىك كارتىسىدىكى قەرزنى ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن بەلگىلەنگەن مۇددەتتە قايتۇرماسلىق تۈپەيلى ئۆزىنىڭ «قارا تىزىملىك» كە كىرىپ قالغانلىقىنىمۇ بىلمەي قالىدۇ. بۇ ئىش شۇ كىشىگە بىر مۇنچە قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «قارا تىزىملىك» بولسا بانكىلارنىڭ كىشىلەرنىڭ شەخسىي ئىناۋىتىگە بولغان ناچار باھاسىنى، يەنى شەخسىي ئىناۋەت دوكلاتىدىكى ناچار خاتىرىلەرنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئۇ شەخسلەرنىڭ ئۆي ياكى ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشى جەھەتتە بولامدۇ ياكى باشقا ھەر قانداق سەۋەب تۈپەيلى بانكىدىن قەرز ئېلىش ئىشلىرىغا ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
شەخسىي ئىناۋەت دوكلاتى بانكا ياكى ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرگەن ئورۇننىڭ قەرز بېرىش- بەرمەسلىكىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئاساس ھېسابلىنىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، بانكىلارنىڭ قەرزدارلارغا بەلگىلەپ بېرىدىغان مۇددەتتىن ئېشىپ كېتىش چەكلىمىسى ئادەتتە يېقىنقى ئۈچ ئايدا ئىككى قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىك؛ يېرىم يىلدا ئۈچ قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىك؛ بىر يىلدا تۆت قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئەگەر قەرزدارنىڭ قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرماسلىق قىلمىشى يۇقىرىقى چەكلىمىدىن ئېشىپ كەتسە، ئۇ چاغدا شۇ كىشىنىڭ ئىناۋەت دوكلاتىدا بۇ ئەھۋاللار ناچار قىلمىش سۈپىتىدە ئېنىق خاتىرىلىنىپ قالىدۇ-دە، ئاتالمىش «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزۈلۈۋېتىلىدۇ.
جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ شىنجاڭ تارماق بانكىسى تىجارەت بۆلۈمى بانكا كارتا مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ياڭ بو بۇ ھەقتە چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «نۇرغۇن ئادەم شەخسىي ئىناۋەت دوكلاتىنى <قارا تىزىملىك> دەپ قېلىپ، ئۇنىڭدا ئىناۋەت جەھەتتە ئۆزىنىڭ ياخشى بولمىغان تەرەپلىرىلا خاتىرىلىنىدۇ، دەپ ئويلاپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە شەخسىي ئىناۋەت دوكلاتىغا بىر ئادەمنىڭ بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە قەرزنى تولۇق قايتۇرۇش ئەھۋالى ۋە ئىناۋىتى ياخشى بولۇشتەك تەرەپلەرمۇ خاتىرىلىنىدۇ، بۇ شەخسلەرنىڭ كېيىن داۋاملىق بانكىدىن قەرز ئېلىش ئىشلىرى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن پايدىلىق؛ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر ئىش، شەخسلەر بانكا ئىناۋەتلىك كارتىسىدىكى قەرزى قايتۇرغاندا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن ئاپتوماتىك پۇل ساقلاش ئۈسكۈنىسىدە قەرز پۇلنىڭ پۈتۈن قىسمىنىلا قايتۇرۇپ، پارچە قىسمىنى قايتۇرۇشقا ئانچە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن قەرز پۇلنىڭ دەل مۇشۇ پارچە قىسمى شۇ ئادەمنىڭ <قارا تىزىملىك> كە كىرىپ قېلىشىغىمۇ سەۋەب بولۇپ قالىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال شەخسلەرنىڭ كېيىن بانكا قەرزى بېجىرىش ئىشلىرىغىمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان جەمئىيەتتە: پۇل خەجلەپ ياكى <مۇناسىۋەت> ئارقىلىق شەخسىي ئىناۋەت دوكلاتىدىكى ناچار خاتىرىلەرنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆچۈرۈۋەتكىلى بولىدىكەن، دېگەندەك ئۆسەك-سۆزلەر تارقىلىپ يۈردى، ئەمەلىيەتتە بۇ مۇمكىن ئەمەس ئىش. ئادەتتە <قارا تىزىملىك> كە كىرىپ قالغۇچىنىڭ ناچار خاتىرىسى شەخسىي ئىناۋەت دوكلاتىدا داۋاملىق ساقلىنىپ ماڭىدۇ، قەرزنى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە قايتۇرماسلىق ئەھۋالى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولمىسىلا، قەرز تولۇق قايتۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ بەش يىل توشقاندا، ناچار خاتىرىلەر شەخسىي ئىناۋەت دوكلاتىدىن ئاپتوماتىك ئۆچۈپ كېتىدۇ. ئەگەر بىرەيلەن ھەر خىل <تەدبىر> لەر ئارقىلىق شەخسىي ئىناۋەت دوكلاتىدىكى ناچار خاتىرىلەرنى ئۆچۈرۈپ بېرىش مەقسىتىدە پۇل تەلەپ قىلغان بولسا، ئۇنداق ئادەمنىڭ ئالدامچى بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى، ئالدىنىپ كېتىشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك».
بۈگۈنكى كۈندە، ئىناۋەتلىك كارتا كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى مۇھىم پايدىلىنىش قورالىغا ئايلىنىشقا باشلىدى. گەرچە ھازىر كۆپلىگەن ئادەم ئىناۋەتلىك كارتا ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ تۈرلىرىگە ۋە پايدىلىنىش ئۇسۇلىغا بولغان چۈشەنچىسى كەمچىل بولغانلىقتىن بەزى ئورۇنسىز ئىختىلاپلارمۇ تەڭ پەيدا بولماقتا. ئەمەلىيەتتە ئىناۋەتلىك كارتىدىن پايدىلانغاندا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنىمۇ تەڭ ئىگىلەش، كېيىنكى قەدەمدە قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرماسلىق ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى شەخسىي ئىناۋەت دوكلاتىغا «داغ» تېگىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ناھايىتى مۇھىم. ئۇنداقتا ئىناۋەتلىك كارتا، ئاز سوممىلىق قەرز ۋە ھەميان كارتىنىڭ قانداق پەرقى بار؟
بۇ ھەقتە مۇناسىۋەتلىك بانكا خادىمى مۇنداق چۈشەنچە بەردى: ئادەتتە ئاز سوممىلىق قەرزگە قارىغاندا ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ پۇل نورمىسى تۆۋەنرەك بولىدۇ، يەنى كىشىلەر ئىناۋەتلىك كارتىدىن نەچچە مىڭ يۈەندىن نەچچە 10 مىڭ يۈەنگىچە پايدىلىنالايدۇ، ئاز سوممىلىق قەرز يۇقىرى بولغاندا 200 مىڭ يۈەنگىچە يېتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋۋال شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ئىناۋەتلىك كارتىدىكى پۇلنى ئادەتتە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى تۆۋەن ئىستېمال شارائىتىدا كارتا سۈركەپ ئىشلىتىمىز، بىراق ئاپتوموبىل، ساياھەت، ئۆي بېزەش دېگەندەك زور سوممىدىكى ئىستېمال شارائىتىدا ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ «كۈچى» ئۇنىڭغا يەتمەيدۇ، بۇ چاغدا پايدىلىنىدىغىنىمىز دەل ئاز سوممىلىق قەرز پۇلى بولىدۇ، چۈنكى بۇ قەرزنى تارقاتقۇچى ئورۇن نەق پۇل شەكلىدە بېرىدۇ، ئۇنى قانداق ئۇسۇلدا خەجلەش قەرزدارنىڭ ئىختىيارلىقىدا. كېيىنكى باسقۇچ ئىستېمال قىلغان پۇلنى قايتۇرۇش مەسىلىسى، يەنى ئىناۋەتلىك كارتىدىكى پۇلنى ئىستېمال قىلغاندا، ئەسلىي سوممىسىدا قايتۇرسىمۇ ياكى مۇددەتكە بۆلۈپ قايتۇرسىمۇ بولىدۇ (ئەڭ كۆپ بولغاندا 24 ئاي)، ئاز سوممىلىق قەرزنى بولسا چوقۇم مۇددەتكە بۆلۈپ قايتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، يەنە كېلىپ ئاز سوممىلىق قەرزنى بۆلۈپ قايتۇرۇش ئۈچۈن بېرىلگەن مۇددەت ئىناۋەتلىك كارتىنىڭكىدىن ئۇزۇن بولىدۇ (ئەڭ كۆپ بولغاندا 36 ئاي).
ھەميان كارتا دەل بىز يېنىمىزدىن ئايرىمايدىغان ئادەتتىكى بانكا كارتىمىز شۇ، ئۇنىڭدىن قەرز ئېلىپ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، بىراق ئۇنىڭدا ھېسابات يۆتكەش، ئۆيگە گاز، توك سېتىۋېلىش، قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلارنىڭ جەرىمانىسىنى تۆلەش، توردىن مال سېتىۋېلىش دېگەندەك تۈرلۈك ئىقتىدارلاردىن پايدىلانغىلى بولىدۇ، بىراق ئۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ھەميان كارتىغا چوقۇم ئالدىن پۇل سېلىش كېرەك.
بۇنىڭدىن باشقا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، ئىناۋەتلىك كارتىنى كارتا سۈركەپ ئىستېمال قىلغاندا، بەلگىلىك ۋاقىتقىچە ئۆسۈمسىز قايتۇرغىلى بولىدۇ، ۋاقىت چەكلىمىسىنى كارتا بېجىرگەندە بانكا خادىمىدىن ئېنىق سورىۋېلىش كېرەك، چۈنكى ھەرقايسى بانكىلارنىڭ بەلگىلەپ بېرىدىغان ۋاقتى ئوخشاش بولمايدۇ. بىراق ئىناۋەتلىك كارتىدىكى پۇلنى ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ئۈسكۈنىسىدىن بىۋاسىتە ئېلىپ ئىشلەتكەندە، بانكا تەرەپ بەلگىلىك رەسمىيەت ھەققى تۇتۇپ قالىدۇ ۋە كۈن بويىچە ئۆسۈم ھېسابلاپ ماڭىدۇ، شۇڭا ياخشىسى ئىناۋەتلىك كارتىدىكى پۇلنى ئىمكانقەدەر بىۋاسىتە چىقىرىپ خەجلىمىگەن ياخشى. ئاز سوممىلىق قەرزدە بولسا پۇل قەرزدارنىڭ قولىغا يەتكەن ۋاقىتتىن باشلاپ ئۆسۈمىنى ھېسابلايدۇ، ئۇنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى ئادەتتە قەرز پۇلنىڭ تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ئۆرلەيدۇ.
شۇڭا مەيلى ئىناۋەتلىك كارتا ياكى ئاز سوممىلىق قەرز پۇلدىن پايدىلىنىپ ئىستېمال قىلايلى، چوقۇم قەرزنى بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە قايتۇرۇشتەك ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈپ، شەخسىي ئىناۋەت دوكلاتىمىزغا «چېكىت» ئۇرۇلۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش بەك مۇھىم.
قەرزدار تاسادىپىي ئۆلۈپ كەتسە، قالدۇق قەرزگە كىم ئىگە بولىدۇ؟
ھازىر ئىناۋەتلىك كارتا، ئاز سوممىلىق قەرز ياكى باشقا ھەر خىل شەكىلدىكى قەرز پۇلغا «باغلىنىپ» تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ئادەملەر ئاز ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بەزى قەرزدارلار تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن توساتتىن ئۆلۈپ كېتىپ، قالدۇق قەرزنى قايتۇرۇش جاۋابكارلىقى ۋارىسلارغا يۈكلىنىپ، ئۇلار بىلەن قەرز بەرگۈچى ئورگانلار ئارىسىدا ئىقتىسادىي ماجرا پەيدا بولىدىغان ئىشلار تۇرمۇشىدا دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، بىراق نۇرغۇن ئادەم بۇنداق ئەھۋالدا قەرزنى كىم قايتۇرۇش ياكى قايتۇرماسلىق مەسىلىسىگە ھەقىقەتەن بىر تەرەپلىمە قارايدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، ئەگەر قەرزدار قەرز ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا ئۇنىڭ تۇغقانلىرى ياكى باشقا 3-تەرەپ قەرز بەرگۈچى ئورگان بىلەن چاتما قەرز قايتۇرۇش مەسئۇلىيەت توختامى تۈزۈشكەن بولسا، ئۇنداقتا قەرز ئۇزاققىچە قايتۇرۇلمىغان ئەھۋالدا (قەرز ئىگىسى ئۆلۈپ كېتىپ قەرز قايتۇرۇلماي قالغان مەزگىلنىمۇ كۆرسىتىدۇ)، قەرز بەرگۈچى ئورگان كېپىل بولغۇچىدىن كېپىللىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، چاتما قەرز قايتۇرۇش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ۋە قالدۇق قەرزنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىكەن. قەرزدار ئۆي-جاي، ئاپتوموبىل دېگەندەك مۈلۈكلىرىنى رەنىگە قويۇپ قەرز ئالغان بولسا، قەرز بەرگۈچى ئورگان ئادەتتە خەلق سوت مەھكىمىسىگە مۈلۈكنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش دەۋا تەلىپىنى سۇنۇپ، ئۇنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىپ ئېرىشكەن پۇلنى قەرز تۆلەشكە ئىشلىتىدىكەن. ئۆلۈپ كەتكۈچىنىڭ تۇغقانلىرى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قەرزنى ۋاكالىتەن قايتۇرۇشقا قوشۇلغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇلار ئۆلگۈچىنىڭ قەرزىنى تولۇق قايتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، مۈلۈك رەنىنى بىكار قىلىش تىزىملاش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ، رەنىگە قويۇلغان مۈلۈكنى ساقلاپ قالسىمۇ بولىدىكەن. 3-تەرەپ كېپىللىك بەرگۈچى بولمىغان ھەم رەنىسىز قەرز پۇل ئالغان ئەھۋالدا قەرزدار ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ئۇنداقتا قەرز بەرگۈچى ئورگاننىڭ قەرزنى قايتۇرۇۋېلىشى بەك قىيىن بولۇپ، كۆپىنچە تىرىلمەس ھېساب ئورنىدا بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن، تىرىلمەس ھېساب بولسا يىغىۋېلىشقا ئامالسىز قالغان ئېلىشقا تېگىشلىك قەرز بېرىلگەن پۇلنى كۆرسىتىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، قەرزدار ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ قالدۇق قەرزىنى قايتۇرۇش مەسىلىسى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھەمراھى، پەرزەنتلىرى ياكى كېپىللىك بەرگۈچى دېگەندەك ئوخشىمىغان بىر قانچە ئادەمگە بىۋاسىتە چېتىلىدۇ، قەرز بەرگۈچى ئورگانلار ئادەتتە شۇ كىشىلەرنى ئىزدەپ قەرز مەسىلىسىنى ئەدلىيەلىك تەرتىپ بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا تەرەپلەر مەسىلىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق، ئۆز ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىسا بولىدۇ.
ئەر-خوتۇن توغرىسىدا: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نىكاھ قانۇنى» نى تەتبىقلاشقا دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى (2) نىڭ 24-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ھەقدار نىكاھ مۇناسىۋىتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە ئەر-خوتۇن بىر تەرەپنىڭ شەخسىي نامىدىكى قەرزى ئۈچۈن ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلسا، ئۇنى ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. لېكىن ئەر-خوتۇن بىر تەرەپ ھەقدار بىلەن قەرزدارنىڭ شەخسىي قەرزى دەپ ئېنىق پۈتۈشكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىگەنلىرى ياكى «نىكاھ قانۇنى» نىڭ 19-ماددا 3- تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋالغا كىرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
پەرزەنتلەر توغرىسىدا: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋارىسلىق قانۇنى» نىڭ 33-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: مىراسقا ۋارىسلىق قىلىشتا مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ قانۇن بويىچە تۆلەشكە تېگىشلىك بېجى ۋە قەرزى تۆلىنىشى كېرەك، بۇ باج ۋە قەرزنى تۆلەشتە ئۇنىڭ مىراسىنىڭ ئەمەلىي قىممىتى چەك قىلىنىدۇ، مىراسنىڭ ئەمەلىي قىممىتىدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمىنى ۋارىسلىق قىلغۇچى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قايتۇرسا بۇنىڭغا چەك قويۇلمايدۇ.
ۋارىسلىق قىلغۇچى ۋارىسلىق قىلىشتىن ۋاز كەچسە، مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ قانۇن بويىچە تۆلەشكە تېگىشلىك بېجى ۋە قەرزىنى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
كېپىللىك بەرگۈچى توغرىسىدا: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كېپىللىك قانۇنى» 18-ماددىسىدا مۇنداق دەپ بەلگىلەنگەن: ئالاقىدار تەرەپ كېپىللىك توختامىدا كېپىل بىلەن قەرزدار قەرز مەجبۇرىيىتىدە چاتما جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ پۈتۈشكەن بولسا، بۇ چاتما جاۋابكارلىق كېپىللىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
چاتما جاۋابكارلىق كېپىللىكىدىكى قەرزدار ئاساسىي توختامدا بەلگىلەنگەن قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتى توشۇپ كەتكۈچە قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولسا، ھەقدار قەرزداردىن قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ، كېپىلدىن ئۆزىنىڭ كېپىللىك قىلغان دائىرىسى ئىچىدە كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ.
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى