ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا رىقابەتچىنىڭ كۆپ بولۇشى يامان ئىش ئەمەس
تەھرىر ئىلاۋىسى: ئىگىلىك تىكلىگەن شىركەتلىرىنىڭ رىقابەتكە دۇچ كېلىشى بىر نورمال ئىش، بەلكى رىقابەتچىلەرمۇ مەبلەغ سالغۇچىلار مەبلەغ سېلىشتا ئويلىنىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئامىل بولۇپ، يازغۇچى جاستىن ۋېنسىنت رىقابەتنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىگىلىك تىكلەشكە نىسبەتەن يامان ئىش بولۇشى ناتايىن دەپ قارىغان ھەمدە ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
كارخانىنىڭ قۇرغۇچىلىرى مەن بىلەن سۆھبەتلىشىش جەريانىدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان سۆز «رىقابەت» . ئۇلار دائىم بازاردىكى رىقابەتنىڭ بەك كەسكىن بولۇشى تۈپەيلى ئىنتايىن قىزىقارلىق تۈرلەردىن ۋاز كېچىدۇ. بۇ بىر خىل كۆپ ئۇچرايدىغان «رىقابەت»نى تونۇشتىكى بىر تەرەپلىمە قاراش، چۈنكى «نورمال» سودا دۇنياسى بىزگە مۇشۇنداق تەپەككۇرنى سىڭدۈرگەن. مېنىڭچە، ئەگەر سىز ئۆزىڭىز مەبلەغ توپلاپ بىر مۇلازىمەت سۇپىسى (ئەپ) قۇرسىڭىز ھەمدە ئۇنى بىر قوشۇمچە تۈر قىلسىڭىز، ئۇنداقتا رىقابەتنىڭ كارى چاغلىق ھەمدە كۆپ قىسىم ئەھۋالدا ئۇنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولىدۇ . تۆۋەندىكىسى مەن بەرگەن ئالتە تۈرلۈك سەۋەب .
بىرىنچى سەۋەب : ئەگەر سىز خېرىدار ئارزۇ قىلغان مەھسۇلاتنى بەرپا قىلسىڭىز ھەمدە ئۇلارنى ياخشى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىسىڭىز، ئابۇنتلىرىڭىز بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتالايسىز، ئىشەنچلىك خېرىدار توپىغا ئېرىشەلەيسىز. Y Combinatorنىڭ قۇرغۇچىسى جېشكا ۋىنستوننىڭ كۆرسىتىشىچە، كىشىلەرنىڭ ئارزۇسىدىكى مەھسۇلات مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل ئىكەن .
ئىككىنچى سەۋەبى: كىشىلەرنىڭ پىكرى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. رىقابەتچىڭىز ئىنتايىن ياخشى دەپ قارىغان ئابۇنتلار كۆرۈنمە يۈزىنى ئۇلارنىڭ بىر قىسىم ئابۇنتلىرى بەلكىم بەكلا ياقتۇرماسلىقى مۇمكىن. بەزى كىشىلەر ھەر كۈنى مۇشۇ كۆرۈنمە يۈزنى كۆرگەندە كۆڭلىدە «مەن ئۇلارنىڭ كۆرۈنمە يۈزنى مۇشۇنداق لايىھەلىنىشىنى ھەرگىزمۇ ياقتۇرمايمەن» دەپ ئويلايدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلار ئەپ دېتالىڭىزنى بايقايدۇ ھەمدە ناھايىتى خۇشال بولىدۇ.
ئۈچىنچى سەۋەب: بازاردىكى رىقابەت پايدىلىقتۇر. رىقابەتچىنىڭ بارلىقى يوشۇرۇن خېرىدارلارنىڭ ئاللىقاچان سىز بەرپا قىلىۋاتقان مەھسۇلاتقا قارىتا ئاز-تولا چۈشەنچە ھاسىل قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا سىز ئەمدى ۋاقىت چىقىرىپ خېرىدارلارغا مەھسۇلاتىڭىزنى چۈشەندۈرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، بەلكى ۋاقىت چىقىرىپ دانا سېتىش نۇقتىسى ۋە مەھسۇلات ئالاھىدىلىكىنى تېپىپ، ئابۇنتلارنى رىقابەتچىڭىزدىن تارتىۋالسىڭىز بولىدۇ.
تۆتىنچى سەۋەب: ئىگىلىك تىكلىگەن شىركەتلەرنىڭ تويۇنغان بازارغا كىرىپ، رىقابەتچىسىنى يېڭىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىدەك مىساللار ئىنتايىن كۆپ. فېيسبۇك كەڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن چاغدا ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان ئىدى؛ گۇگول دەسلەپتە بازارغا كىرگەن چاغدا 20 نەچچە رىقابەتچىگە دۇچ كەلگەن ئىدى؛ Slack بازارغا كىرىش ئالدىدا، ئۇنىڭدىن باشقا Hipchat، Campfire قاتارلىق ئالاقە يۇمشاق دېتاللىرى بار بولۇپ، رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن ئىدى.
گابرىل ۋېينبېرگنىڭ DDG ئىزدەش ماتورى قانداق بولدى؟ DDG ئەمەلىي كۈچى گۇگول بىلەن تەڭداش ئىزدەش ماتورى. بۇ ئىزدەش ماتورى Linux مۇلازىمىتېرىدىن پايدىلىنىپ تويۇنغان بازاردا «چوڭ يىرتقۇچ»لار بىلەن تىركەشمەكتە...DDG ھازىر iPhoneنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئىزدەش ماتورى بولۇپ قالدى، ھەر كۈنى 10 مىليون قېتىمدىن ئارتۇق زىيارەت قىلىنىدۇ. يەنە روب ۋولىننىڭ ئاپتوماتىك ئېلخەت يوللانمىسى ماركىسنىڭ سىستېما قورالى Dripمۇ بار، قايسى ئەقلى نورمال ئادەم Constant Contact، Mailchimpلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان تويۇنغان بازارغا كىرىدۇ؟ لېكىن ئۇ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى .
بەشىنچى سەۋەبى: مەھسۇلاتنىڭ ھەقىقىي ئالاھىدىلىكىگە تايىنىپ ھەرقانداق بازاردا بىر كىشىلىك ئورۇنغا ئېرىشەلەيسىز. سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ چۈشەندۈرسەك، Photoshopنىڭ سۈرەت قەۋىتىدىن پايدىلىنىشقا موھتاج بولىمىز، بازار Photoshopتىكى يەككە سۈرەت بولۇپ، ئۇ كۆپلىگەن سۈرەت قەۋىتىدىن تەركىب تاپىدۇ. سىز چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ باشقىلار بىلەن ئوخشاش بىر سۈرەت قەۋىتىدە تۇرمىغانلىقىڭىزغا كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك. قانداقلا قارىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، بۇنداق بۆلۈش ئۇسۇلىدا بارلىق سۈرەت قەۋىتى ئارىسىدا رىقابەتتىن گەپ ئاچقىلى بولمايدۇ . يەنە Dripنى ئويلاپ باقساق، ئۇ رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئېلخەت يوللانمىسى مۇلازىمىتى بازىرىغا قەدەم قويدى، لېكىن رىقابەتچىلىرى بىلەن ئوخشاش بولمىغان سۈرەت قەۋىتىدە، شۇڭا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان.
ئالتىنچى سەۋەب: پەقەت رىقابەتتىن قورقمىغاندىلا بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يەڭگىلى بولىدۇ. بىز سىزنىڭ چوقۇم خېرىدارلارنى جەلپ قىلالايدىغانلىقىڭىزغا قەتئىي ئىشىنىمىز. بىز خېرىدارلار بىلەن ئۈزلۈكسىز پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق بىر ئۆزگىچە ھەم رىقابەت كۈچىگە ئىگە مەھسۇلات بەرپا قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمىز. سىز خېرىدارلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارنى رازى قىلغىنىڭىزدا، ئۇلارنىڭ سىزگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمىز. لېكىن سىزنىڭ چىداپ تۇرۇلايدىغان ياكى تۇرالمايدىغانلىقىڭىز بىزگە نامەلۇم، ئەگەر سىز رىقابەتتىن قورقمايدىغان پىسخىكىلىق ھالەتنى ساقلىسىڭىز، ئاسانلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايسىز.