پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 198|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ ئەجدادلىرى ۋە ئەۋلادلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

642

تېما

669

يازما

2561

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2561
قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ ئەجدادلىرى ۋە ئەۋلادلىرى


013953nj7gul3tj3o32u2l.jpg (16.81 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

چۈشۈرۈش

2016-4-27 00:48 چىقىرىش


  1697-يىلى چىڭ سۇلالىسى پادىشاھى كاڭشى قۇمۇل تارخانبېگى (قۇل بېگى) ئەبەيدۇللاغاتارخانبەگ دەپ ئوتۇغات بەرگەندىن باشلاپ، 1-ئەۋلاد ۋاڭلىق باشلاندى. بۇنىڭ بىلەن قۇمۇلۋاڭلىقى شىنجاڭدىكى ھەر قايسى جايلاردىكى ھەر مىللەت ۋاڭلىرى ئىچىدە مەركىزىي خانلىقئەڭ بالدۇر ئوتۇغات بەرگەن ۋاڭلىق بولۇپ قالدى.
  
   قۇمۇلۋاڭلىقى 1-ئەۋلاد ۋاڭ (1-ئەۋلادتىن 3-ئەۋلادقىچە مەركىزىي خانلىق ۋاڭ دەپ ئوتۇغات بەرمەي،4-ئەۋلادتىن باشلاپ ۋاڭ دەرىجىسىنى ئوتۇغات بەرگەن، لېكىن ئاۋام خەلق 1-ئەۋلادتىن باشلاپھەممىسىنىلا ۋاڭ دەپ ئاتاپ ئادەتلەنگەن) دىن باشلاپ، 1930-يىلى ۋاپات بولغان شاھ مەخسۇتۋاڭغىچە 233 يىل تۇققۇز ئەۋلاد داۋاملاشقان. قۇمۇل ۋاڭلىرى ھەققىدە ھازىرغىچە يېزىلغانھەرخىل كىتاب، ئەسەر ۋە ماقالىلاردا بولسا تۇققۇز ئەۋلاد، ئون ئەۋلاد، 11ئەۋلاد داۋاملاشقاندېگەن ئوخشاش بولمىغان قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
9-ئەۋلاد ۋاڭ شاھ مەخسۇت 1930-يىلى ۋاپات بولۇشبىلەنلا، ۋاڭلىقنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئۆتكۈزۈۋالغان بولغاچقا،شاھ مەخسۇت ۋاڭنىڭ يالغۇز ئوغلى نەزەرمۇ ۋە 1934-يىلى نەزەر ۋاپات بولغاندىن كېيىنئۇنىڭ چوڭ ئوغلى بىشىرمۇ ۋاڭلىققا ۋارىسلىق قىلىپ، 10-ئەۋلاد ۋە 11-ئەۋلاد ۋاڭ بولۇشقائۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ۋاڭ بولمىدى. شۇڭا، بۇ ۋاڭلىق شاھ مەخسۇت ۋاڭغىچەتۇققۇز ئەۋلاد، 233 يىل داۋاملاشتى دېگەن يەكۈننى چىقىرىمىز.
   قۇمۇلۋاڭلىرىنىڭ ئەجدادلىرى ۋە ئەۋلادلىرى توغرىسىدىمۇ ئوخشاش بولمىغان ھەر خىل قاراشلارئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ھازىرغىچە بىرلىككە كەلمەيۋاتىدۇ. «قۇمۇل ۋىلايىتى تەزكىرىسى» ۋە«قۇمۇل ناھىيەسى تەزكىرىسى»دىمۇ بۇ مەسىلە ھەققىدە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب يوق. قۇمۇلۋاڭلىرىنىڭ نەسەبى، ئەجدادلىرى توغرىسىدا خەلق ئىچىدە تۆۋەندىكىدەك ئوخشاش بولمىغانقاراشلار بار.

  

013954ktbbhbytn6167bn7.jpg (10.52 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

چۈشۈرۈش

2016-4-27 00:48 چىقىرىش



    بىرخىلى، قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ ئەجدادلىرى ئەرەبلەردىن كەلگەن دېگەن قاراش؛ ئىككىنچى خىلى،يەركەندىن كەلگەن دېگەن قاراش؛ ئۈچىنچى خىلى، چىڭگىزخاننىڭ ئەۋلادلىرى دېگەن قاراش؛تۆتىنچى خىلى، يەرلىك ئۇيغۇرلار دېگەن قاراش. خەلق ئارىسىدا يەنە قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭئەجدادلىرى تۇغلۇق تۆمۈرخان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتىسى شاھ مەشرەپ دېگەن قاراشمۇ بار، ئاخىرقىقاراشنىڭ قىلچىمۇ ئاساسى يوق. چۈنكى، 1657-يىلى تۇغۇلۇپ، 1711-يىلى ئاففانىستاندا54 يېشىدا قەتل قىلىنغان شاھ مەشرەپ قانداق قىلىپ شاھ مەشرەپتىن تەخمىنەن 300 يىلدەكبۇرۇن، يەنى تۇغۇلۇپ، 1364-يىلى 34 يېشىدا ۋاپات بولغان تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ ئاتىسى بولسۇن؟1890-يىللاردا شىنجاڭدىن باش مۇپەتتىش بولغان تاۋمۇ (1834-1902) ئەينى ۋاقىتتا شاھمەخسۇتقا خەت يېزىپ: «سىلەرنىڭ ئەۋلادىڭلار يەركەندىن كەلگەنمۇ؟» دەپ سورىغان. شاھمەخسۇت ئۇنىڭ يازغان جاۋاب خېتىدە:«ئائىلە جەمەتىمىزدىن ئەبەيدۇللادىن باشلاپ ئوتۇغاتبېرىش باشلانغان، ئەبەيدۇللانىڭ ئاتىسى مۇھەممەدشاھ غازى، ئۇنىڭ ئاتىسى يارمۇھەممەتغازى، ئۇنىڭ ئاتىسى باقى غازى، ئۇنىڭ ئاتىسى ئىبراھىم غازى بولۇپ، تۆت ئەۋلادىمىزدىنقۇمۇل بەگلىرى. بىزنى يەركەندىن كۆچۈپ كەلگەن دېگەن گەپنى ئاڭلاپ باقمىغان» دېگەن.قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ نەسەبنامىسى بار بولۇپ، 1913-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتىگەيوللانغان. مەركىزىي ھۆكۈمەتكە يوللانغان «قۇمۇل ۋاڭ، گۇڭ، تۆرە، تەيجى، بەگلەرنىڭئەمەل ناملىرى تىزىملىكى» ناملىق بۇ نەسەبنامە ھازىر نەنجىڭدىكى مەركىزىي 2-ئارخىپخانىسىداساقلانماقتا. ئۇنىڭ يەنە بىر نۇسخىسى 1951-يىلىدىكى ئىجارە كېمەيتىش ھەرىكىتىدە قۇمۇلدىنيىغىۋېلىنىپ، ئاپتونۇم رايونلۇق مۇزېيدا ساقلانماقتا. ھازىر ۋاڭ ئەۋلادلىرىنىڭ قولىدابۇ نەسەبنامىنىڭ كۆچۈرۈلگەن بىر نۇسخىسى ساقلانغان. مەن بۇ يەرلىك تەزكىرىچى ئېلىشابەگ 1930-يىلى كۆچۈرگەن نۇسىخىسىنى تېپىۋېلىپ، قۇمۇل ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىباشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ باشلىقى مەرھۇم ئابدۇللا ئەخمەتكە تاپشۇرۇپ بەرگەنىدىم. تا ھازىرغىچەساقلاپ كېلىۋاتقىنىم ۋە بۇ ماقالىنى يېزىشتا ئاساس قىلغىنىم پېشقەدەم مۇزىكانت، مەرھۇمئىبراھىم شاھنىڭ 1983-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى كۆچۈرگەن «قۇمۇل ۋاڭلىرى ئەۋلادلىرىنىڭنەسەبنامىسى» دېگەن نۇسخىسى بولۇپ، بۇ نۇسخىدا «مۇھەممەدشاھ غازىبەگدىن ئاخىرقى ۋاڭشاھ مەخسۇت ۋاڭ ۋاپاتىغىچە قۇمۇلدا 11 ۋاڭ، 16 تەيجى، تۇققۇز خوجا ئۆتكەن» دەپ ئېنىقمەلۇمات بېرىلگەن. تۆۋەندە بۇ 11 ۋاڭ، 16 تەيجى، تۇققۇز خوجا ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىۋە ئەۋلادلىرى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن.

013953l4tz74qfifytzlzl.jpg (15.12 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

چۈشۈرۈش

2016-4-27 00:48 چىقىرىش


بىرىنچى، 11 ۋاڭ، قۇمۇلۋاڭلىرىنىڭ ئەجدادلىرى ھەققىدە ھازىرغىچە يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىدە 1-ئەۋلادۋاڭ ئەبەيدۇللا تارخانبەگدىن باشلانغان. ئۇنىڭ ئاتىسى مۇھەمەشاھ غازىبەگ بولۇپ، قۇمۇلئۇيغۇرلىرىنى جۇڭغار مۇڭغۇللىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئازاد قىلىپ مۇسۇلمان قىلغان.8-ئەۋلاد غۇلام مۇھەممەتكىچە ۋاڭلىق قانداشلىق مۇناسىۋەت بويىچە ئەۋلادتىن ئەۋلادقامىراس قالغان. 9-ئەۋلاد ۋاڭ شاھ مەخسۇت ئالدىنقى ۋاڭلارنىڭ بىۋاستە پۇشتى بولماي، يېقىنتۇغقىنى دېگەن قاراش بىردەك تەكىتلەنگەن. 11 ئەۋلاد ۋاڭ دېگەن قاراشتا 9-ئەۋلاد ۋاڭشاھ مەخسۇتنىڭ ئوغلى نەزەر 10-ئەۋلاد، نەزەرنىڭ چوڭ ئوغلى بىشىر 11-ئەۋلاد دېگەن پىكىرئاساس قىلىنغان بولسا كېرەك. يوقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، 9-ئەۋلاد ۋاڭ شاھ مەخسۇتۋاپات بولۇشى بىلەنلا، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ۋاڭلىقىنىڭ  مەمۇرىي باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭباشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولغاچقا، نەزەر ۋە بىشىرلار ئەمەلىيەتتە ۋاڭ بولالماي،ئاۋام خەلق ئىچىدە ئاتاققىلا «ۋاڭ» دەپ ئاتالدى ۋە قىسقا بىر مەزگىل ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتئەۋەتكەن مائاشنىلا ئالدى. 9-ئەۋلاد شاھ مەخسۇتنىڭ ئىلگىرىكى ۋاڭلارنىڭ بىۋاستە ئەۋلادىبولمىسىمۇ، 9-ئەۋلاد ۋاڭلىققا ۋارىسلىق قىلىۋالغىنىغا كەلسەك، 8-ئەۋلاد ۋاڭ غۇلام مۇھەممەتتۇغما پالەچ بولغاچقا، ئۇنىڭ ۋاڭلىق ھوقۇقىنى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئۆگەي ئانىسى (7-ئەۋلادۋاڭ مۇھەممەت بىشىرنىڭ ئۈچىنچى ئايالى، ئېلى گۇڭ بەگلىكىنىڭ 1850-يىللىرىدىكى ھاكېمبېگىخالزاتنىڭ سىڭلىسى سۇمانخاننىڭ قىزى) مېھرىبانۇ (1823-1896) يۈرگۈزگەنىدى. مۇھەممەربىشىر ۋاڭ 1867-يىلى قەتل قىلىنغاندىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسى بىر يىلدىن كېيىن مېھرىبانۇغاۋاڭنىڭ پۇجۇڭى دېگەن پەخرىي نام-ئاتاق ئوتۇغات بەرگەن. 8-ئەۋلاد ۋاڭ غۇلام مۇھەممەد1882-يىلى ۋاپات بولۇش بىلەن مۇھەممەد بىشىر ۋاڭنىڭ ئوغۇل ئەۋلادى قالمىغان. مۇھەممەدبىشىر ۋاڭدىن مېھرىبانۇ تۇغقان جەۋھەربانۇ دېگەن قىزىنى ۋاڭ جەمەتىدىكىلەردىن 4-ئەۋلاديۈسۈپ ۋاڭنىڭ 3-ئوغلى ئەمەت تەيجىنىڭ ئەۋرىسى تاجىدىن تەيجىنىڭ يالغۇز ئوغلى شاھ مەخسۇت1878-يىلى 29 يېشىدا ئەمرىگە ئالغان بولۇپ، ئوردىنىڭ مۆھۈردارلىق ئىشلىرىنى قىلىشقاباشلىغانىدى. مېھرىبانۇ پۇجۇڭ (ئاۋام خەلق بەزىدە ۋاڭ، بەزىدە پۇجۇڭخان دەپ ئاتاپ كەلگەن)ياشىنىپ قالغاچقا، دەسلەپتە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە كۈيئوغلى شاھ مەخسۇتنى ۋاڭلىقتەختىگە چىقىرىشىنى تەۋسىيە قىلىپ دوكلات يوللىغاندىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسى ئوردىسىدىن1882-يىلى 8-ئايدا تەستىقلاپ يارلىق كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن شاھ مەخسۇت 9-ئەۋلاد ۋاڭلىقتەختىگە چىققان (خەلق ئىچىدە چىڭ سۇلالىسى ئوردىسىغا دوكلات يوللاشتا مېھرىبانۇ ۋاڭ،شاھ مەخسۇتنى مۇئاۋىن ۋاڭلىققا كۆرسىتىپ يوللاشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، شاھ مەخسۇتھىيلە-نەيرەڭ بىلەن ئوردىنىڭ كاتىپلىرىنى مېھرىبانۇنى مۇئاۋىن ۋاڭ، ئۆزىنى ۋاڭ ۋاڭدەپ يوللاشقا ماقۇل قىلىپ يوللاتقاندىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسى ئوردىسىدىن شاھ مەخسۇتۋاڭ، مېھرىبانۇ مۇئاۋىن ۋاڭ بولسۇن دېگەن يارلىق كەلگەن دېگەن رىۋايەتمۇ تارقالغان).
  

013952sm5c1mdmtu443w64.jpg (12.62 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

چۈشۈرۈش

2016-4-27 00:48 چىقىرىش


تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ نەسەبىگەكەلسەك، ئۇ شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ 1-قېتىملىق خانى ۋە چىڭگىزخاننىڭ 7-ئەۋلاد نەۋرىسىبولۇپ، ئاتىدىن بالىغا تۇتاشتۇرغان تەرتىپ بويىچە ئەۋلادى مۇنداق بولىدۇ: تۇغلۇق تۆمۈرخان،ئىلياسخان، مەۋلانە شەيىخخان، ھەسەن غازى، يارمۇھەممەد غازى، مۇھەممەدشاھ غازى، ئەبەيدۇللاتارخانبەگ، گۇپا بەگ، ئىمىن گۇڭ، يۈسۈپ ۋاڭ، ئىسھاق ۋاڭ، ئەدەشىر ۋاڭ، مۇھەممەد بىشىرۋاڭ، غۇلام مۇھەممەد ۋاڭ، ئاتا-بالا ئەۋلاد تەرتىپى بويىچە بۇ 17 ئەۋلاد يۇقىرىقىدەكبولۇپ چىقىدۇ.  خىزىر خوجا بولسا تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭئىلياسخاندىن كېيىنكى 2-ئوغلى بولۇپ، بارىكۆلدىكى 18 كۈنلۈك غازات ئۇرۇشىدا 1399-يىلىشېھىت بولغان ۋە جەسىتى تۇرپاننىڭ پەمشى دېگەن جايىدا دەپنە قىلىنغان (يەنە بەزى رىۋايەتلەردەقۇمۇلنىڭ شەرقىدىكى ئىچكى ئۆلكىدىكى غازات ئۇرۇشىدا شېھىت بولغان دېيىلىدۇ). تۇغلۇقتۆمۈرخاننىڭ ئەجدادلىرىنى ئۇيغۇر تارىخچىلىرىدىن مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر، شاھ مەھمۇتجوراس، موللا مىرسالىھ قەشقەرى قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىدە بالىدىن ئاتىغا (ئەۋلادتىنئەجدادقا) باغلاپ تۇتاشتۇرغان نەسەبى مۇنداق: « ھەزرىتى ئىسمايىلخان، ئابدۇرېھىمجان،ئابدۇرەشىتخان، سۇلتان سەئىدخان، ئەھمەتجان، يۇنۇسخان، ئۇۋەيسخان، شىرئەلىخان، مۇھەممەدخىزىر خوجا، تۇغلۇق تۆمۈر، ئىسەن بۇقاخان، داۋاخان، بەراقخان، يىسۇن قاراخان، مۇۋاتوكانخان،چاغاتايخان، چىڭگىزخان، يەسۇگەيخان، بەرىتاخان، قىبلىخان، تۇنىبتەخان، بايسىنقۇر، قايدۇر،دۇتۇم مىننىخان، بۇقاخان، بودەنچىر قائان، ئالانقۇۋا كۆرۈكلۈك». چىڭگىزخاننىڭ 10-ئەۋلادئەجدادى بولغان ئالانقۇۋا كۆرۈكلۈكتىن ئەجدادىنى يەنىمۇ ئالدىغا (ئاتىغا تۇتاشتۇرۇپ)سۈرۈۋەرسەك، رىۋايەتلەردىكى نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى ياپەسكە تۇتىشىدىكەن.
  

013954oaw4ade4nsgrwgan.jpg (25.67 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

چۈشۈرۈش

2016-4-27 00:48 چىقىرىش


تۇققۇز ئەۋلاد ۋاڭنىڭ ئەۋلادلىرى:1-ئەۋلاد ۋاڭ ئەبەيدۇللا تارخانبەگ (1697-يىلىدىن 1709-يىلىغىچە) تەختتە ئولتۇرغان،ئۇنىڭ گۇپا (ۋاپا) بەگ، باقى بەگ، ئىسلام بەگ دېگەن ئۈچ ئوغلى بولۇپ، گۇپا بەگدىن باشقىلىرىنىڭئەۋلادى تۈزۈلگەن. 1-ئوغۇل گۇپا بەگ (1709-يىلىدىن 1711-يىلىغىچە) تەختتە ئولتۇرغان،ئۇنىڭ ئىمىن گۇڭ دېگەن بىر ئوغلى بولۇپ، 2-ئەۋلاد ۋاڭ گۇپا بەگنىڭ ۋاڭلىق تەختگە ۋارىسلىققىلغان. 3-ئەۋلاد ۋاڭ ئىمىن گۇڭ (1711-يىلىدىن 1740-يىلىغىچە) تەختتە ئولتۇرغان. ئۇنىڭيۈسۈپ بەگ، يۇنۇس بەگ، ئۆمەر بەگ، ئابدۇللا بەگ دېگەن تۆت ئوغلى ۋە ھۇمايخېنىم دېگەنقىزى بولغان ( قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى 3-ئەۋلاد ۋاڭ ئىمىن گۇڭنىڭ مۇشۇ بەش پەرزەنتىدىنباشلاپ كۆپىيىپ، ھازىرقى ھالەتكە يەتكەن). يۈسۈپ بەگ 4-ئەۋلاد ۋاڭلىققا ۋارىسلىق قىلغان،يۈسۈپ ۋاڭ (1740-يىلىدىن 1766-يىلىغىچە) تەختتە ئولتۇرغان، ئۇنىڭ ئىبراھىم بەگ، ئىسھاقبەگ، ئەھمەت تەيجى دېگەن ئۈچ ئوغلى بولۇپ، 1766-يىلى چوڭ ئوغلى ئىبراھىم بەگ بىلەنبېيجىڭ خانغا سالامغا بېرىپ قايتىشىدا چېچەك يۇقتۇرۇۋېلىپ، ئاتا-بالا ئىككىيلەن يولداۋاپات بولغاچقا، 2-ئوغلى ئىسھاق 5-ئەۋلاد ۋاڭلىققا ۋارىسلىق قىلغان. ئىسھاق ۋاڭ1766-يىلىدىن 1780-يىلىغىچە) تەختتە ئولتۇرغان، ئۇنىڭ ئەدەشىر دېگەن بىرلا ئوغلى بولۇپ،6-ئەۋلاد ۋاڭلىققا ۋارىسلىق قىلغان. ئەدەشىر ۋاڭ (1780-يىلىدىن 1813-يىلىغىچە) تەختتەئولتۇرغان، ئۇنىڭ مۇھەممەد بىشىر ۋە مۇھەممەد نەزەر دېگەن ئىككى ئوغلى بولۇپ،  مۇھەممەد بىشىر 7-ئەۋلاد ۋاڭلىققا ۋارىسلىق قىلغان.مۇھەممەد بىشىر (1813-يىلىدىن 1867-يىلىغىچە) تەختتە ئولتۇرغان. مۇھەممەد بىشىر ۋاڭنىڭغۇلام مۇھەممەد دېگەن بىرلا تۇغما پالەچ ئوغلى بار بولۇپ، 8-ئەۋلاد ۋاڭلىقا ۋارىسلىققىلىپ، 1867-يىلىدىن 1881-يىلىغىچە ۋاڭلىق تەختدە ئولتۇرغان بولسىمۇ، ۋاڭلىق ئەمەلىيھوقۇقنى ئۇنىڭ ئۆگەي ئانىسى مېھرىبانۇ پۇجۇڭ يۈرگۈزگەن. بۇنىڭ بىلەن قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭئەۋلادتىن ئەۋلاتقا قانداشلىق مۇناسىۋەت بويىچە داۋاملاشقان ۋاڭلىق مۇناسىۋىتى ئۈزۈلگەنبولسىمۇ، 8-ئەۋلاد ۋاڭ غۇلام مۇھەممەدنىڭ قېيناكىسى، مېھرىبانۇ پۇجۇڭنىڭ كۈيئوغلى،مۇھەممەد بىشىر ۋاڭنىڭ تەيجىسى تاجىدىن تەيجىنىڭ يالغۇز ئوغلى شاھ مەخسۇت 9-ئەۋلادۋاڭلىققا ۋارىسلىق قىلغان ۋە 1882-يىلىدىن 1930-يىلىغىچە ۋاڭلىق تەختىدە ئولتۇرغان.
ئىككىنچى، 16 تەيجى. 1-ئەۋلادئەبەيدۇللا تارخانبەگدىن 3-ئەۋلاد ۋاڭ ئىمىن گۇڭ زامانىسىغىچە (1697-يىلىدىن 1740-يىلىغىچە)بولغان 43 يىل جەريانىدا ۋاڭ ئوردىسىدا تەيجى ئەمەل دەرىجىسى ھەر خىل ھاكىمبەگلەر ۋاڭئوردىسىنى باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ ئەمەلدارلىرى بولغان. بۇ ئەمەلدارلارنى ئاۋام خەلق شەخسنىڭئىسمىنىڭ كەينىگە بەگ ياكى خوجا دېگەن ئىسىمنى قوشۇپ  ئاتاپ كەلگەن. مەسىلەن: ئەبەيدۇللا تارخانبەگنىڭبالىلىرىنى گۇپا بەگ، باقى بەگ، ئىسلام بەگ ۋە ئىمىن ەۇڭنىڭ بالىلىرىنى يۇنۇس بەگ،ئابدۇللا بەگ، ئۆمەر بەگ دەپ ئاتىغان.

013953xbd01w52jb5wxcek.jpg (6.88 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

چۈشۈرۈش

2016-4-27 00:48 چىقىرىش


بەگلەرنىڭ مەلۇم ساندا ئۆزىگەقاراشلىق ئادىمى ۋە ئائىلە مۇلازىملىرى بولغان. ھەر دەرىجىلىك بەگلەرنىڭ ۋاڭغا، يۇقىرىدەرىجىلىك بەگلەرگە ئولپان تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتى بولغان. 4-ئەۋلاد يۈسۈپ ۋاڭدىن ئىلگىرىۋاڭلارغا قاراشلىق بەگلەرگە مائاش ۋە ئاشلىق بېرىلمەي كەلگەن. 1759-يىلىدىن كېيىنلائاساسلىق بەگلەرگە  بىر قىسىم يەر ۋە يانچىسەپلەپ بېرىلگەن. ۋاڭ جەمەتىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۆزىگە بەگ ياكى خوجا دېگەننامنى مەيلىچە قوشۇۋالغان بولغاچقا، بەگلەرنىڭ سانىمۇ ئەۋلادىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ھەدەپ ئېشىپ كەتكەن. شاھ مەخسۇت ۋاڭ زامانىسىدا تۆۋەن ئوردا بولغان ئورداخىي مەھەللىسىدەبەگلەرنىڭ سانى 1900-يىللاردا شۇ مەھەللىدىكى نوپۇسنىڭ يېرىمىدىن ئېشىپ كەتكەن. شاھمەخسۇت زامانىسىدا ۋاڭ ئوردىسىدا سىياسەت-تەدبىر بەلگىلەيدىغان كېڭەش يىغىنى تەسىسقىلىنىپ، چوڭ، كىچىك تەيجى ئىككى ئادەم، مۇشاۋىر ئىككى ئادەم، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچىئەلەم ئاخۇنۇم بىر ئادەم، خەنزۇ مىرزىبەگ بىر ئادەمدىن تەركىب تاپقان ۋاڭ ئوردىسى يۇقىرىقاتلام ھۆكۈمرانلىق گۇرۇھى شەكىللەنگەن. چوڭ، كىچىك ئىككى تەيجى بولسا بۇ كېڭەش يىغىنىنىڭئەمەلىي ھوقۇقىنى تۇتقان ئەڭ مۇھىم ئەمەلدار بولغان. 4-ئەۋلاد يۈسۈپ ۋاڭ زامانىسىدىنباشلاپ تەيجى ئەمىلى تەسىس قىلىنىپ، 1930-يىلىغىچە 170 يىل جەريانىدا جەمئىي 16 ئادەمتەيجى بولغان. تەيجى بولغانلارنىڭ ھەممىسى ھەر قايسى ئەۋلاد ۋاڭلارنىڭ بىۋاستە تۇغقانلىرى(ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرى) بولۇپ، ئاۋام خەلقتىن تەيجىلىككە ئادەم تەيىنلەشكە رۇخسەت قىلىنمىغان.تەيجىلىككە تەيىنلىنىدىغان ئەمەلدارنى ۋاڭ ئوردىسىدىن كۆرسىتىپ، ناھىيەلىك ۋە ئۆلكىلىكھۆكۈمەت ئارقىلىق مەركىزىي ھۆكۈمەتكە يوللاپ، ئەنگە ئالدۇرۇپ كەلگەن. مەسىلەن، 1-ئاينىڭ18-كۈنى قۇمۇل ئۇيغۇرلار يۇرتى خوشۇن ئىشلىرى ياردەمچى نازارەتچى ئامبىلە توسىرا قىچىبەگھاشىر تەيجى ۋاپات بولغاندا، شاھ مەخسۇت ۋاڭ شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى شىنجاڭنىڭ  باش تۇتۇقى ياڭ زېڭشىن ئارقىلىق يۇنۇس نۇشىرۋاننىئۇنىڭ ئورنىغا ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشقا يوللىغاندىن كېيىن، 1914-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى بۈيۈكزۇڭتۇڭ يۈەن شىكەينىڭ تەستىق يارلىقى چۈشۈرۈلگەنىدى.
16تەيجىنىڭ ئىسىملىكى: ئەمەت تەيجى، سۇلايمانتەيجى، ئابدۇلبەيزى تەيجى، بەھمەن تەيجى، مۇھەممەنەزەر تەيجى، پەتەنۇش تەيجى، مۇنۇرتەيجى، پازىل تەيجى، نۇشىرۋان تەيجى ، تاجىدىن تەيجى ئۇۋەيس تەيجى، نەمتۇللا تەيجى،ئەبەيدۇللا تەيجى، ھاشىر تەيجى، يۈسۈپ تەيجى.
ئۈچىنچى، تۇققۇز خوجا. قۇمۇلۋاڭلىرى 1-ئەۋلاد ۋاڭ ئەبەيدۇللا تارخانبەگدىن باشلاپلا تەيجى، بەگ دېگەن مەمۇرىي باشقۇرغۇچىئەمەلدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ناملاردىن باشقا، ئۆزلىرىنىڭ مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ«ئەۋلادى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ۋاڭ جەمەتىدىكىلەر ئىسىم-شەرىپىنىڭ كەينىگەخوجا دېگەن نامنىمۇ قوشۇپ ئىشلەتكەن، بۇنىڭ بىلەن قۇمۇل ۋاڭلىرى جەمەتىدىكىلەر قۇمۇلئۇيغۇرلىرىنى باشقۇرۇشتا ھەم مەمۇرىي باشلىق ھاكىمبەگ بولغان، ھەم قۇمۇلنىڭ ئىسلامدىنى ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى خوجا بولۇپ، قوش ئەمەللىك ھۆكۈمران بولۇۋالغان. ئەمەلىيەتتەقۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ ئەجدادلىرى تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئەۋلادى بولسۇن ياكى يەرلىك ئۇيغۇرلاردىنبولسۇن، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادى بولۇشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس.
تۇققۇز خوجىنىڭ ئىسىملىكى:شادى بەگ، مەمەت شېرىپ بەگ، ياھيا بەگ، مىلىك بەگ، شاھ مەخسۇت، يۇنۇس نۇشىرۋان، يۈسۈپجۈبەيرىبەگ، تۆمۈرخان، تاھىر ھاجىبەگ.
پايدىلانمىلار :
1.       ئابلىز ئورخۇن:«نەسەبنامە ۋە ئۇيغۇر نەسەبنامىچىلىكى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە»(«شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» ژورنىلى، 1995-يىلى 1-سان، 8-بەت).
2.       «قۇمۇل، تۇرپان ئۇيغۇر ۋاڭلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1995-يىلى، خەنزۇچەنەشرى.
(ئاپتور:«قۇمۇل گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ پېنسىيۇنىرى)

مەنبە: قۇمۇل ئەدەبىياتى2008-يىللىق 8-سانىدىن ئېلىندى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش