ئۇيغۇر كارخانىلىرىمىزدىكى ماركا لايىھەسىدە ئويلىغانلىرىم
ئۇيغۇر كارخانچىلىقىمىز يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ كىچىكلىكتىن زورىيىپ جەمىيەت تەرەققىياتىدا ئۆز رولىنى نامايەن قىلىپ كېلىۋاتىدۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر ماركىلىرىمۇ ئىستىمالچىلارغا تونىلىۋاتىدۇ ھەم ماركىلاردىكى مەدەنىيەت ئۆزگىچىلىكى ۋە ئاممىغا يېقىشلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن خەلىق قەلىب تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ بازاردا ئالقىشلىنىپ داڭلىق ماركا يارىتىشقا يول ئېچىۋاتىدۇ. كارخانچىلىقتا ماركا- كارخانا تەرەققىياتىدىكى ھەركەتلەندۈرگۈچ مۇھىم ئامىل ھەم كارخانىلارنىڭ بازارغا كىرىشتىكى تۇنجى بوسۇقتىن ئاتلايدىغان يول خەت دەستىكى خۇددى ئالتۇن ئۈزۈكنىڭ ياقۇت كۆزى دىيىشكە بولىدۇ.ماركا –كارخانىنىڭ مەدەنىيىتىنى يەنە شۇ جەمىيەتنىڭ خاس كارتىنىسىنى كۆرسۈتۈپ بېرىدىغان ئەينەك.نۆۋەتتە ئۇيغۇر كارخانىلىرىمىزدا ماركا ئېڭى ۋە ماركا لايىھەسىدە بۆسۈش خارەكتىرلىك ئىلگىرلەش ۋە يېڭىلىقلار بارلىققا كېلىۋاتىدۇ يەنە شۇنداقلا ئەپسۇسلىنارلىق ھادىسلەرمۇ كۆرىلىۋاتىدۇ.بىر كارخانا ئۆزىنىنىڭ ماركىسىنى روياپقا چىقىرىشى شۇ كارخانىنىڭ ئۆ خائىشى ،تاللىشى بولسىمۇ گەرچە قىسمەن ماركىلار دۆلەتنىڭ تاۋار ماركا قانۇن –تۈزۈملىرىگە خىلاپ ،زىت بولمىسىمۇ ئۇ قانۇن تۈزۈملەر خەلىقئار،دۆلەت ۋە پۈتكۈل مىللەتلەرنى مەركەز قىلىپ چوڭ ئومۇملۇقنى رامكا قىلىپ تۈزۈشنى نىشان قىلغاچقا بەزى كىچىك ھالقىلارغا قارىتا يىتەكچىلىك ،نازارەت قىلىش يىتەرلىك بولماسلىقى مۇمكىن ئەمما مەلۇم رايۇن ،مەلۇم مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىشىگە ھۆرمەت قىلىش ئۇنى قوغداش ھەم يۈكسەكلىككە كۈتۈرۈش كارخانچىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى،بۇرچىدۇر. ;مەن بۇ يازمامدا ئۇيغۇر كارخانلىرىمىزدىكى ماركا لايىھەسىگە قارىتا ئويلىغانلىرىمنى كەڭ ئوقۇرمەنلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىپ بېقىش مەقسىتىدە ئوتتۇرغا قويماقچى;تاۋار ماركىدا تىلغا ھۆرمەت قىلىش.تاۋار ماركا قانۇنىدا بۇ مەسىلە ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ كارخانچىلىرىمىز كارخانىسىغا ياكى مەھسۇلاتىغا ئىسىم قويۇپ ماركا تۇرغۇزۇشتا شىركەتنىڭ خارەكتىرى،مەھسۇلات ئالاھىدىكى ۋە رايۇن شارائىتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئەڭ ئاۋال ئويلىنىشقا تىگىشلىكى تىلنىڭ ساپلىقى،تىلنىڭ ئېنىقلىقى، پاساھەتلىكى،جەلىپكارلىقى كۈچللۈك ، ئاممىغا يېقىشلىق ، ئىخچام ئىستىمالغاقولاي بولۇشنى ئاساس قىلىش كېرەك.ھازىر رايۇنىمىزدا ماركىغا ئىسىم قويۇشتا ئېنىقسىز ،چۈشۈنۈشسىز دورامچىلىق ئاساسىدا يانچۇقىدىن چىقىرىپ ياسىۋالغان ران...رانە،...پەك دەك يەنە ئەركە باللار خىيالەن دەپ قويغان تاپتىم.بەبە دەك چۈچۈك تىللارنى ئىسىم قويۇپ ئۇيغۇر تىل بايلىقىمىزنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ ئۇيغۇر تىلىمىزغا قىسقىسى تىلغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك، كارخانا ۋە ئىستىمالچىلارغا قىلىنغان مەسئۇليەتسىزلىك .ئېنىقىنى دىگەندە ماركىدىكى تىل گۈزەللىكى مەھسۇلاتتىكى سىڭدۈرۈلگەن ئەجىرنىڭ قەلىب گۈزەللىكنىڭ نامايەندىسى.شۇڭا ماركا لايىھەدە تىلغا ئەھمىيەت بېرىش مۇۋاپىقىيەت ئىشىكىنى ئېچىشنىڭ مۇقەددىمىسى.ئۇيغۇر كارخانىلىرىدىمۇ تىلدىن ئۈنۈملۈك ھاسىلات ئالغان ئارمان ،ئابىدە،ئىنتىل ...دەك ئۇيغۇر ماركىلىرى خەلىقنىڭ قەلىب تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. تاۋار ماركىدا يېزىققا ئەھمىيەت بېرىش.تاۋار ماركىدىكى يېزىق بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى نامايەن قىلىش ياكى قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەنگۈشتەر دىسەك ئارتۇقچە كەتمەيدۇ.چۈنكى يېزىق بولسا تىل ۋە قەلىب گۈزەللىكىدىن ئىبارەت مەنىۋى بايلىقىنىڭ ماددى ئىپادىلىنىشىدۇر.يېزىق تاۋار ماركىسىدا ئۆز ئىپادىسىنى تېپىپ ياخشى يېزىلغان يېزىق شۇ تاۋارنىڭ جەلىپكارلىقىنى ئاشۇرۇپ ئادەمگە ئىستىتىك زوق ئاتا قىلىش بىلەن بىرگە شۇ مەھسۇلاتقا ئىشەنىچ ئاتا قىلىدۇ .بەلكىم قىسمەنلەر تاۋار ماركىسىدا ئۇيغۇر يېزىقىغا سەل قارىشى مۇمكىن سەنئەتنىڭ دۆلەت ،مىللەت چىگىرىسى بولمىغاندەك سەنئەتلىك نەپىس لايىھەلەنگەن تاۋار ماركىسىدىكى يېزىق ئوخشاشلا باشقىلارنىڭمۇ قىزىقىشىنى قوزغىيالايدۇ ھەم ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلەيدۇ.شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قويۇش كىرەككى تاۋار ماركىدا يېزىق قوشۇشتا نوقۇل ئاپتۇماتلاشقان كومپىيوتىرغا تايىنىۋالماي قەلەم ماھارىتى پىشقان ئىجاتچانلىق روھىغا باي خەتتاتلارنىڭ شاھانە يازمىلىرىنى زامانىۋى ۋاستىلەر بىلەن بەدئىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ ئۇيغۇر ماركىلىرىنىڭ ھۆسنىگە ھۆسۈن قوشۇش كىرەك.ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆز ماركىلىرى،مەھسۇلاتلىرىدا جۇلالاندۇرۋاتقان ئارمان ،مىراس،ئۇيغۇرسوفىت ...شىركەتلىرى ئۇيغۇر يېزىقى ئۈچۈن ئاز بولمىغان ئەجىرلەرنى سىڭدۈرۋاتىدۇ ھەم ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن بىرگە داغدام يول ئېچىۋاتىدۇ. تاۋار ماركىدا مەدەنىيەت ئەنئەنىگە ئەھمىيەت بېرىش .مەدەنىيەت ئەنئەنىدىن سۆز ئاچقاندا بۇ بىر مۇرەككەپ ئۇزاق جەريانلار داۋامىدا شەكىللەنگەن مۇرەككەپ،ئۆزگىچە ئامىل بولغاچقا نۇرغۇن ئىزدىنىش ۋە دەلىللەشلەر ئاساسىدا ۋۇجۇتقا چىقىدىغان ھەم بۇ جەھەتتە يىنىكلىك قىلىشقا بولمايدىغان نازۇك ئامىل شۇڭا مول بىلىمگە مۇراجەت قىلىنىدۇ.بۇ جەھەتتىمۇ ئىزدىنىپ ئۇتۇق قازانغان مىراج تائامچىلىقى،قارلۇق يۇمشاق دېتال،ئىلچى كىيىملىرى ...مىسال بولالايدۇ دەپ قارايمەن (بۇ مېنىڭ خاس چۈشەنچەم) تاۋار ماركىدا رەڭ ئىلىمىنتىغا ئەھمىيەت بىرىش.تاۋار ماركىدا رەڭ ئېلىمىنتى ماركىنىڭ ھايات ماماتلىقىنى بەلگۈلەيدىغان جېنى دىيىشكىمۇ بولىدۇچۈنكى ماركىدا ئەكىس ئەتكەن رەڭ ئالدى بىلەن ئىستىمالچىنىڭ تۇيغۇ ئېڭىنى ئويغۇتىدىغان بىرىنچى ئامىل شۇڭا تۇيغۇ ئويغانغاندا ماركىغا جان كىرىدۇ.رەڭ ئىلىمىمۇ مەدەنىيەت ئامىلىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى بولۇپ ماركىدا رەڭ ئىپادىلەشتە يەنىلا مول بىلىم تەجىربىگە ئىگە گۈزەل سەنئەت خادىملىرى،تارىخشۇناس فولىكلۇر تەتقىقاتچىلىرى،پىشقان پىسخۇلوگ ۋە كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرىنىڭ يىتۈك يەكۈنلىرىنى ئۆنەك ئېلىپ ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان ياقتۇرىدىغان رەڭ ئىلىمىنتىنى تۇيۇندۇرۇش زۆرۈر.رەڭ ئىلىمىدىن ياخشى پايدىنلىۋاتقان ئارمان،مىزان،قۇتيار ...ماركىلىرى دەلىل بولايدۇ. تاۋار ماركىدا سىن بەلگە ۋە رەسىمگە ئەھمىيەت بېرىش.تاۋار ماركىسىدا سىن بەلگە ۋە رەسىمگە ئەھمىيەت بېرىش بولسا ماركىنىڭ جەلىپكارلىقىنى ئاشۇرۇش ھەم ئاسان ئەستە قالدۇرۇش،ماركىنىڭ تونىلىشىنى يۇقۇرى كۈتۈرىدۇ.سىن بەلگە ياكى رەسىم شۇ كارخانا ياكى مەھسۇلاتنىڭ ئىچكى ماھىيىتىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان قىزىق نۇقتا بولۇپ ئادەتتە سىن بەلگە ۋە رەسىملەر مەلۇم رايۇن ياكى مەلۇم مىللەت ۋەياكى مەلۇم بىر شەخىسنىڭ تارىخى ئىپتىخارى ياكى بۈيۈك ئارزۇلىرىنى ئىتنىك مەنبە قىلىش ئاساسىدا گىئومىتىرىك ،سىترىئولۇق شەكىلدە ياكى كىلاسسىك مەنا ئۇقۇملاردا روياپقا چىقىدۇ.سىن بەلگە رەسىملەر چوقۇم چۈشۈنۈشلۈك ،ئاممىباپ ھەم تېز ئەستە تۇتالايدىغان بولۇش كېرەك .بۇ تىل يېزىقى ئوخشاشمايدىغان رايۇنلاردا ئۈنۈمى ئالاھىدەياخشى بولىدۇ.ئۇيغۇركارخانچىلىقىدائىلچى،غازىباي،لوقمان ...ماركىلىرى بۇ جەھەتتە ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشۋاتىدۇ. تاۋار ماركىدا چوڭ ئومۇملۇققا ئەھمىيەت بىرىش.تاۋار ماركىسىدا چوڭ ئومۇملۇق دىگەندە كارخانچىلىرىمىز بازار نىشانىغا قاراپ تۇرۇپ مەھسۇلاتىنىڭ شۇ نىشان دائىرىدىكى جۇغراپىيەلىك مۇھىت ،مىللەتلەر،دىننىي ئېتىقاد... قاتارلىق تەبىئىي ئامىللارنى كۆزدە تۇتۇپ تۇرۇپ يۇقارقى بەش ئامىل ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈپ بىر پۈتۈن چوڭ گەۋدە ئۈچۈن ئورتاق بولغان ماسلىقنى تېپىپ چىقىش كىرەك.شۇندىلا ماركىڭىز باشقىلار تەرىپىدىن يەكلەنمەيدۇ ھەم چەتكە قېقىلمايدۇ.بۇ جەھەتتە ئىزدىنىۋاتقان كارخانلىرىمىز نۇرغۇن ئىخلاس،ئامىنە ،ئابىدە ...ماركىلىرى بىر قەدەر تونىلىۋاتىدۇ . (يۇقارقى ئويلىغانلىرىم ئۆزەمنىڭ يۈزەكى قاراشلىرى نامۇۋاپىق خاتا كەتكەن جايلارغا كەسىپ ئەھىللىرىنىڭ كۆرسەتمە بېرىشىنى قارشى ئالىمەن .)