دۇنيادا قايسى ماركىدىكى ئاپتوموبىل ماتورىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟
ماشىنا ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ماتور ماشىنىنىڭ ئەڭ يادرولۇق زاپچىسىنىڭ بىرى، يەنى ماشىنىنىڭ يۈرىكى، ماشىنىنىڭ يول يۈرۈشى ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ تەمىنلەيدۇ، ماشىنىنىڭ دىنامىكىلىقى، ئىقتىسادچانلىقى، مۇھىت قوغداشچانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ماتور شۇنداق مۇھىم، ئۇنداقتا دۇنيادا قايسى ماركىنىڭ ماتورىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ يېقىندا بىر تۈرلۈك بىرقەدەر نوپۇزلۇق تەكشۈرۈش ئىستىمالچىلارغا ئەڭ ئىشەنچىلىك 8 چوڭ ماتورنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
1. فورد
فورد 8-ئورۇنغا تىزىلالايدۇ، بەلكىم نۇرغۇن كىشى ئويلىمىغان بولىشى مۇمكىن، چۈنكى دۆلەت ئىچىدە فوردنىڭ سۈپىتى ئانچە ياخشى ئەمەس، ئەمما بۇ تەكشۈرۈش ئاساسلىقى ياۋروپا بازىرىغا قارىتىلغان، فورد ئۇزۇن يىللىق تارىختا ئىگە ماشىنا كارخانىسى، ماتورنىڭ كاشىلا نىسبىتى %1.25، ئوتتۇرچە ھەر 80 ماشىنا ئىچىدە بىر ماشىنىدىلا كاشىلا كۆرۈلىدۇ.
2. فىئات
فىئاتنىڭ دۆلەت ئىچىدىكىلەردە قالدۇرغان تەسىراتى ئانچە ياخشى ئەمەس، ئەمما فىئات ياۋروپا بازىرىدا سېتىلىدىغان ماشىنا تىپى، ماتورىنىڭ ئىشەنچىلىللىك دەرىجىسى ناچار ئەمەس، ئوتتۇرچە ھەر 85 ماشىنا ئىچىدە پەقەت بىر ماشىنىدىلا ماتور كاشىلىسى كۆرۈلىدۇ، كاشىلا نىسبىتى %1.17.
لېكساس تويوتا قارمىقىدىكى ھەشەمەتلىك ماركا بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئامېرىكىدا بىر قەدەر چوڭ بازار ئۈلۈشىگە ئىگە، جۇڭگودا لېكساس ھەشەمەتلىك ماشىنا ھېسابلانمايدۇ، ئەمما يۇقىرى سەپلىمىلىك ماشىنا ھېسابلىنىدۇ، لېكساسنىڭ ماتور سۈپىتى ئىزچىل ئىنتايىن ياخشى، كاشىلا نىسبىتى %0.99، ئوتتۇرچە ھەر 101 ماشىنا ئىچىدە پەقەت بىر ماشىنىدىلا كاشىلا كۆرۈلىدۇ.
4. جاگۇار
جاگۇارنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا كىشىنى جەلىپ قىلىدىغان نەپىس سىرتقى كۆرۈنىشى ھەم كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان ماتورى، جاگۇارنىڭ كاشىلا نىسبىتى ئاران %0.97، ئوتتۇرچە ھەر 103 ماشىنا ئىچىدە پەقەت بىر ماشىنىدىلا كاشىلا كۆرۈلىدۇ.
5. ۋولۋو
ۋولۋونىڭ 4-ئورۇنغا تىزىلىشى كۆپلىگەن كىشلەرنىڭ ئويلىغان يېرىدىن چىققان دېيىشكە بولىدۇ، ئەزەلدىن ۋولۋو بىخەتەرلىكى بىلەن داڭلىق، ئەمما ۋولۋونىڭ ئومۇمى جەھەتتىكى ئىشەنچىلىكلىكى ئانچە گەۋدىلىك ئەمەس، بولۇپمۇ ئېلېكتىر سىستېمىسى، بىراق ماتور ۋولۋونىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك قىسىمىغا ئايلانغان، ئوتتۇرچە ھەر 111 ماشىنا ئىچىدە پەقەت بىر ماشىنىدىلا ماتور كاشىلىسى كۆرۈلىدۇ، كاشىلا نىسبىتى %0.90.
6. بېنىز
بېنىز دۇنيادىكى داڭلىق ھەشەمەتلىك ماركا بولۇش سۈپىتى بىلەن سالاھىيەت ۋە ئورۇننىڭ سىموۋولى، بېنىز، BMW ۋە ئاۋدىنىڭ ئىپادىسى ئەڭ ياخشى، ئۆزىنىڭ مۇنەۋەر مەھسۇلاتلىقىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. ئوتتۇرچە ھەر 119 بېنىز ئىچىدە پەقەت بىر ماشىنىدىلا ماتور كاشىلىسى كۆرۈلىدۇ، كاشىلا نىسبىتى %0.84.
7. تويوتا
ياپونىيە ماشىنىلىرىنىڭ ئىشەنچىلىكلىكى ئەزەلدىن ئەل ئىچىدە تارقىلىپ يۈرگەن، بۇ قېتىملىق سىناقتىمۇ تويوتانىڭ ئىپادىسى ئويلىغاندەكلا چىققان، ئوتتۇرچە ھەر 171 تويوتا ئىچىدە پەقەت بىر ماشىنىدىلا ماتور كاشىلىسى كۆرۈلگەن، كاشىلا نىسبىتى %0.58.
8. خوندا
خوندا كىشىگە بېرىدىغان تەسىرى تېخنىكىسى ئىلغار، مۇقىملىقى ئىشەنچىلىك، ئوتتۇرچە ھەر 344 خوندا ئىچىدە پەقەت بىر ماشىنىدىلا ماتور كاشىلىسى كۆرۈلىدۇ، كاشىلا نىسبىتى ئاران %0.29.