رادىل ئابلانىڭ خوتەندە ئېيتقان سۆزلىرىدىن تەرمىلەر
1. قىيىنچىلىق-زور بايلىق
* كارخانىچى-قىيىنچىلىقنى ھەل قىلغۇچى. شۇڭلاشقا، بىر كارخانىچى ئاۋۋال مەن قانداق قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشىم كېرەك، دەپ ئويلىشى كېرەك.
* سىز كارخانا قۇرغان ئىكەنسىز، ھامان قىيىنچىلىق- مۈشكۈلاتلارغا يولۇقىسىز، ئەگەر سىزدە مۇشۇ قىيىنچىلىقلارغا جايىدا تەييارلىق بولمىسا ئاسانلا ھېرىپ قالىسىز.
* شۇ ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، ھەرقانداق قىيىنچىلىقنىڭ ئارقىسىدا بايلىق بولىدۇ (مەسىلەن، بىر ئادەمنىڭ پۇتى سۇنۇپ كەتسە، بۇ سەۋەبلىك بىر سۆڭەك كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى قۇرۇلۇشى مۇمكىن) .
* ھەرقانداق بىر تىجارەت ئەندىزىسى چوقۇم جەمئىيەتتىكى مەلۇم بىر قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىدىغان ئەندىزە بولۇشى كېرەك.
* پۈتۈن تاكتىكا، سىتىراتىگىيىلەر قىيىنچىلىقنى چۆرىدەپ تۇرۇپ قۇرۇلۇشى كېرەك.
* جەمئىيەتتە قىيىنچىلىق كۆپ بولسا، تىجارەتتىكى پۇرسەتمۇ كۆپ بولىدۇ.
* قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش ئاساسىدىكى بۇ تىجارەت ئەندىزىسى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئەندىزىسىدۇر.
2. بەيگە ئات نەزەرىيەسى
بەيگە ئات مۇسابىقىلىرىدە نۇرغۇن كىشىلەر ئۇتۇش ئۈچۈن بېلەتنى چەۋەندازلارغا تاشلايدۇ. لېكىن ئۇتۇپ چىقىش چەۋەندازغىلا ئەمەس، يەنە بەيگە ئېتى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بەزىدە چەۋەنداز يېقىلىپ چۈشسە، بەيگە ئېتى ئۆزى مۇسابىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئۇتۇپ چىقىۋېرىدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن بىر ياراملىق بەيگە ئېتى بولۇشى كېرەك. كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ھەر بىر ئىنساننى چەۋەنداز دەپ قارىساق، ئۇنداقتا بەيگە ئېتى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ ئۆزىڭىزدىن مېنىڭ بەيگە ئېتىم نېمە؟ دەپ سوراپ بېقىڭ. سىزنىڭ كارخانىڭىزمۇ ياكى سىزدىكى ئىقتىدارمۇ...
جاۋاب بېرىپ بېقىڭ:
پەرزەنتلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى بەيگە ئات نېمە؟
ئاياللىرىمىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى بەيگە ئات نېمە؟
سىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى بەيگە ئات نېمە؟!
كىشىلەر ئارىسىدا ھاياتىدىكى بەيگە ئېتىنى تاپالمىغانلار تېخى نۇرغۇن...
سىز بىر چەۋەندازنىڭ ئىككى بەيگە ئېتىغا مىنىۋالغانلىقىنى كۆرگەنمۇ؟
ئەلۋەتتە، ئىككى ئاتقا مىنىپ مۇسابىقىگە چۈشكىلى بولمايدۇ. سىزنىڭ چوقۇم بىر ئىستراتېگىيەلىك نىشانىڭىز، يەنى، ئۆزىڭىز مىنەلەيدىغان بىر ياخشى بەيگە ئېتىڭىز بولۇشى كېرەك.
ئەمدى، سىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى چېپىپ بېرەلەيدىغان بەيگە ئاتنى قانداق تاللاش مەسىلىسى كېلىپ چىقىدۇ. بەيگە ئاتنى تاللىغاندا ئۆزىڭىزدىكى ئارتۇقچىلىق ۋە تالانتنى بايقاپ تۇرۇپ تاللىغاندا ئاندىن ئۆزىڭىزگە مۇۋاپىق كېلىدىغان بەيگە ئاتنى تاپالايسىز.
بىر ئادەم ئۇتۇق قازىنىشى ئۈچۈن چوقۇم كارخانا، ئائىلە ۋە شەخسكە نىسبەتەن مۇۋاپىق بەيگە ئېتى تېپىۋېلىشى كېرەك.
3. تىجارەتتىكى تۆت خىل جەڭ شەكلى
بازاردىكى رىقابەت خۇددى جەڭ قىلغانغا ئوخشايدۇ. شۇڭا سودا رىقابىتىدىمۇ ئوخشاشلا جەڭ مەيدانىدىكى تاكتىكىلار ئاساسىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا بولىدۇ.
بىرىنچى، مۇداپىئە ئۇرۇشى: يەنى، ئۆزىمىزدىن ئاجىز كارخانىلار بازاردا بىزگە ھۇجۇم قىلغاندا بىز ئۇلار بىلەن مۇداپىئە جېڭى قىلىمىز.
ئىككىنچى، زەربە ئۇرۇشى: بازاردىكى ئىككىنچى سەپتىكى كارخانىلارنىڭ بىرىنچى سەپتىكى كارخانىلارغا ھۇجۇم قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۈچىنچىسى، ياندىن ھۇجۇم قىلىش: ئۆزىدىن چوڭ كارخانا بىلەن رىقابەتكە يولۇققاندا، يان تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقىنى تېپىپ ھۇجۇم قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.
تۆتىنچى، پارتىزانلىق ئۇرۇشى: كىچىك كارخانىلار ئۆزىگە تەۋە كىچىك بازارنى ئىگەللەپ ئورنىنى مۇقىمداشنى كۆرسىتىدۇ.
ئادەم قۇلاقتىن سەمىرىدۇ، ھايۋان تۇياقتىن، دەپ بىكار ئېيتىلمىغان. دائىم مۇشۇنداق ئۇتۇق قازانغان كىشىلەرنىڭ سۆھبەتلىرىگە داخىل بولۇش ئىلىمگە تەشنا قەلبلەر ئۈچۈن ئالاھىدە ھۇزۇرلۇق ئىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، بۇ لېكسىيەلەر ئىلىم ئىشقىدا ھىجراندا قالغان قەلبلەرگە مەلھەم بېرىدۇ، دات باسقان تەپەككۇرنى چاخلايدۇ، كىر باسقان ۋىجداننى يۇيۇندۇرىدۇ. شەخسەن، مەن ئۆزۈم مۇشۇنداق گەپ ئاڭلاپ «سەمىرىپ» تۇرمىسام، غەپلەپ بېسىپ ئارزۇ مەقسەتلىرىم ئۈچۈن تىرىشىشتا كەم ماغدۇردەك ھېس قىلىپ قالىمەن. شۇنداقلا بىر قايىل قىلارلىق سۆھبەت، لېكسيەلەرنى ئاڭلىدىممۇ-بولدى، خۇددى غايىپتىن خىمەنگە كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلىنغاندەك قايتىدىن روھلىنىپ كېتىمەن.
خوش، يۇقاردا ئۆزۈم ئاز بولسىمۇ بۇ قېتىمقى رادىل ئاكامنىڭ ئېيتقانلىرىدىن خاترىلىۋالغانلىرىمنى كۆپچىلىككە سۇندۇم. شۇنداقلا، ئەمدى يېقىندا يەنە خوتەندە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەلى قۇربان ۋە مۇھەممەد سۇلايمان (ئىزدەن)نىڭ بىر كۈنلۈك چوڭ لېكسىيە پائالىيىتىدىن خەۋەر تېپىپ بۇ خۇشخەۋەرنىمۇ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق تاپتىم