بىر شىركەتنىڭ مەبلەغ سېلىشقا ئەرزىيدىغان ئەرزىمەيدىغانلىقىنى ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ
80-يىللاردا تەۋەككۈل مەبلىغى سېلىشتا بىۋاسىتە سېزىمگە ئىنتايىن تايىناتتى ھەمدە تەلەيگە يارىشا بىر قسىم مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى. بازار پەقەت چەكلىك تۈردىكى تېخنىكا شىركەتلىرىنى قوللايتتى. تەۋەككۈل مەبلىغى بىۋاسىتە تۇيغۇغا تايانسا بولىدۇ، بۇ ئۇلار بارلىق مۇمكىنچىلىككە ئىنتايىن پىششىق بولغانلىقىدىندۇر. شەخسىي كومپيۇتېر ماگنىت دىسكا قوزغاتقۇچى، مەشغۇلات سىستېمىسى ھەمدە نۇرغۇن ئۆزەكلەرگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. لازىم بولمايدىغىنى راكېتا ئالىمدۇر، نۇرغۇن كىشى بۇ نۇقتىنى چۈشىنىدۇ.
نۆۋەتتە، تېخنىكا كەسپى بارغانسېرى ئېچىۋېتىلمەكتە، مەھسۇلات ئىشلەشنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۆزگەرمەكتە. ئېرىك رېيىس (Eric Reis) مۇكەممەل ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويدى، يەنى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئابۇنت ئېھتىياجىنى ئاساس قىلىپ مەھسۇلات ئىشلىشى كېرەك، ئاندىن تاكى بازارغا ماسلاشقۇچە ئۈزلۈكسىز ئالماشتۇرۇشى كېرەك. بىۋاسىتە تۇيغۇ ئەمەس بەلكى سانلىق مەلۇمات دەۋر ئالماشتۇرىشىڭىزنىڭ ئۈنۈملۈك بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ.
تەۋەككۈل مەبلىغىمۇ ئىنچىكە ئۇسۇلنى قوبۇل قىلدى. بىۋاسىتە تۇيغۇ يەنىلا مۇھىم، ئەمما بىۋاسىتە تۇيغۇغا زىيادە تايىنىۋېلىش بىر قىسىم پۇرسەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ قويۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مىقدارلاشقان ئۇسۇل بولسا بۇ پۇرسەتلەرنى بايقايدۇ.
مەبلەغ سالغۇچى سانلىق مەلۇماتلارغا سەل قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمى ئېھتىمال كاشىلىغا ئۇچرىشى مۇمكىن. ئۇلار ئېھتىمال پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويۇشتىن ئەندىشە قىلىشى مۇمكىن، پەقەتلا كەلگۈسى مەنزىرىنى ئاساس قىلىپ قارار چىقىرىدۇ. بىر قىسىم مەبلەغ سالغۇچىلار مەبلەغ سېلىش نىشانىنى تاللىغاندا 5 ياشلىق بالا ناشتىلىق يېمەكلىك تاللىغاندەك تاللايدۇ. ئەڭ قالتىس ئويۇنچۇق ۋە ئەڭ چىرايلىق ئېلان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ، لېكىن ئەڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى بار ماھىيەتلىك مەزمۇن ئويلاش دائىرىسىنىڭ سىرتىدا قالىدۇ.
يوشۇرۇنغان بايلىقنى تېپىش ئۈچۈن، مەبلەغ سالغۇچىلار بىۋاسىتە تۇيغۇ ۋە سانلىق مەلۇمات ئارىسىدا ساغلام تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىشى كېرەك. باھا بېرىلگەن يېڭى ئىگىلىك تىكلىگەن شىركەتكە ئوخشاش، تەۋەككۈل مەبلىغىدىمۇ مىقدارلاشتۇرۇلغان ئۇسۇل قوللىنىش كېرەك. بۇ نۇقتىنى قىلىش ئۈچۈن Bullpen Capital. مەن ۋە شېرىكىم قارار چىقىرىش جەريانىدا ئۈچ سىناق سوئالى ئىشلەيمىز.
مەن باشقا تەۋەككۈل مەبلىغىنىڭ بىزنىڭ ئىجادىيىتىمىزنى «ئوغرىلاپ ئىشلىتىشى»دىن ئەندىشە قىلمايمەن. باشقا بىر مەبلەغ سالغۇچى ماڭا: «بۇ ھەقىقىي تەۋەككۈل مەبلىغى قىلىدىغان خىزمەت ئەمەس» دېگەن ئىدى.
ئۆزلىكىڭىزدىن ھۆكۈم چىقارسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ سىناق سوئاللىرى ياخشى ئىجادىيەت ۋە ئەخلەت مەھسۇلاتنى پەرقلەندۈرۈۋېلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.