1890-يىلىغا كەلگەندە ترېست شىركەتلىرىنىڭ مونوپوللۇق قىلمىشىغا جازا يۈرگۈزۈش ئامېرىكىدىكى جامائەت پىكرى ۋە سىياسىينىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى. گەرچە ئۆلچەم نېفىت شىركىتى ئامېرىكىدىكى بىردىنبىر ترېست شىركىتى بولمىسىمۇ، شۇنداقلا ئەڭ بالدۇر قۇرۇلغان ترېست شىركىتى بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ شىركەت دۇنياۋى چوڭ شىركەت بولغاچقا بەكمۇ كۆزگە چېلىقاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۆلچەم نېفىت شىركىتىنى ئەيىبلەش، روكفېللېرنى تەنقىدلەش شۇنىڭدىن كېيىنكى 20 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىكى جامائەت پىكرىنىڭ باش تېمىلىرىدىن بىرسى بولۇپ قالدى، روكفېللېر جەمەتىمۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن ئاممىۋى مۇناسىۋەت كرىزىسىغا دۇچ كەلدى.
كىچىك روكفېللېر ئاممىۋى مۇناسىۋەت مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ئەمگەكچىلەر-كاپىتالىستلار مۇتەخەسسىسلىرىنى باشلاپ، ئىشچىلار بىلەن بولغان زىددىيەتنى ھەل قىلىشقا تىرىشتى، ئۇ يېڭى تىپتىكى ئىشچىلار ۋە كاپىتالىستلار مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئارقىلىق، روكفېللېر جەمەتىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئوبرازىنى ئوڭۇشلۇق ساقلاپ قېلىپ، روكفېللېر جەمەتىنىڭ ياخشى قۇرۇلما ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بەردى.
شۇنىڭدىن كېيىن دادىسى كىچىك روكفېللېرنىڭ لاياقەتلىك جەمەت ۋارىسىغا ئايلانغانلىقىغا ئىشىنىپ، پەردە ئارقىسىغا چېكىنىشنى تاللاپ، خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىدى.
كىچىك روكفېللېر جەمەتنىڭ خوجىسىغا ئايلانغاندىن كېيىن، روكفېللېر جەمەتىنىڭ نېفىت تىجارىتىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپلا قالماستىن، يەنە جەمەتىنىڭ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنىمۇ ئۆتكۈزۈۋالدى. ئۇنىڭ ھاياتىغا نەزەر سالساق، ئۇ ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى جەمەتىنىڭ بايلىقىنى تېخىمۇ كۆپەيتىش ئەمەس، بەلكى سىرتقا سوۋغا قىلىشقا سەرپ قىلدى. شۇڭا، روكفېللېر جەمەتىنىڭ بۈگۈنكىدەك شۆھرەت قازىنىشىدا كىچىك روكفېللېرنىڭ تۆھپىسى ئاز ئەمەس.
سىياسەت ۋە ئىقتىسادنى كونترول قىلىش-ئۈچىنچى ئەۋلادلار ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتتى
كىچىك روكفېللېرنىڭ بىر قىزى، بەش ئوغلى بار بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ساھەسىدە سەل چاغلىغىلى بولمايدىغان تەسىر كۈچكە ئىگە. بۇنىڭ ئىچىدە، 2-ئوغۇل نېلسون روكفېللېر ئامېرىكىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدە ئىنتايىن جانلانغان بولۇپ، مەشھۇر سىياسىيون دېيىشكە بولىدۇ.

ئۇ ئۇدا تۆت قېتىم ئامېرىكىدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئىشتات نيۇيورك ئىشتاتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1960-يىلىدىن 1968-يىلىغىچە ئۈچ قېتىم جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى رىقابىتىگە قاتناشقان، ئەمما ھەممىسىدە مەغلۇب بولغان. كېيىن 1974-يىلىدىن 1977-يىلىغىچە مۇئاۋىن پرېزىدېنت سۈپىتىدە ھوقۇقنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققان. ئۇ 1976- يىلى سىياسىي سەھنىدىن چېكىنىپ نيۇيوركقا قايتىپ كېلىپ، كارخانا باشقۇرۇش، سىياسەت ۋە سەنئەت تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللانغان. 1979- يىلى 70 ياشلىق نېلسون روكفېللېر تۇيۇقسىز قازا قىلغان. سىرتتىكى مىش-مىش پاراڭغا ئاساسلانغاندا، ئۇ ياش ياردەمچىسى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈۋاتقاندا يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قازا قىلغانىكەن.

3-ئوغۇل لاۋرېنسې روكفېللېر خەۋپ- خەتەرگە مەبلەغ سېلىشنىڭ پېشۋاسى، ھازىرقى مەبلەغ سالغۇچىلار ئۇنىڭدىن مىننەتدار بولۇشى كېرەك. 1937-يىلى لاۋرېنسې روكفېللېر بوۋىسى سېتىۋالغان نيۇيورك ئاكسىيە بېرژىسىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ۋال كوچىسىدا ئىگىلىك تىكلەش يولىغا قەدەم قويدى. ئويلىمىغان يەردىن، ئۇ ھۆكۈمران پاينى كۆپلەپ سېتىۋالمىدى، بەلكى يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە مەبلەغ سېلىپ ۋە ياردەم بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ خەۋپ-خەتەرگە مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىنى باشلاپ بېرىپ، «خەۋپ-خەتەرگە مەبلەغ سېلىش ئاتىسى» دەپ ئاتالدى.
لاۋرېنسې روكفېللېر يەنە UFO مەستانىسى بولۇپ، ئىلگىرى نامەلۇم ئۇچار جىسىمنى تەتقىق قىلىدىغان تەكشۈرۈش تەشكىلاتىغا مەبلەغ ياردەم قىلغان، كلىنتون ئەر-خوتۇن بىلەن بىللە «51-رايون»نىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى مۇزاكىرە قىلغانىدى.
1996-يىلى، ئۇلار باشلىنىش باسقۇچىدا تۇرغان 221 شىركەتكە مەبلەغ سالدى، بۇ شىركەتلەر مەبلەغگە ئېرىشكەندىن كېيىن ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، مەسىلەن ئالما شىركىتى ۋە ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ ئۈزەك شىركىتى بولغان ئىنتېل گۇرۇھى قاتارلىقلار.

4-ئوغۇل ۋېنزروپ روكفېللېرمۇ سىياسىي سەھنىدە بولۇپ، ئىلگىرى ئاركانزاس ئىشتاتىنىڭ باشلىقى بولغانىدى.

كەنجى ئوغۇل دەل يېقىندا ئالەمدىن ئۆتكەن داۋىد روكفېللېردۇر، ئۇ بۇ بەش قېرىنداش ئىچىدىكى ئەڭ قابىلىيەتلىكى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ كەسپى نېفىت ساھەسىدىلا ئەمەس، يەنە بانكا ساھەسىدىمۇ بار. ئۇ دۇنيادىكى 10 چوڭ بانكا ئىچىدە 6-ئورۇندا تۇرىدىغان مانخاتتون بانكىسىنىڭ باشلىقى بولغان مەزگىلدە، بۇ بانكا ئىككى مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلىغى بار ھالەتتىن ئۈچ مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ساپ بايلىقى بار سەۋىيەگە يەتكەن.
2010-يىلى، 95 ياشقا كىرگەن داۋىد روكفېللېر ئىككى مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق بايلىقى بىلەن فوربېسنىڭ ئامېرىكا بايلىرى رەت تەرتىپىدە 153-ئورۇندا تۇرغان.
ئىلگىرى پرېزىدېنت كارتېر ۋە رىچارد نىكسون داۋىد روكفېللېرنى ئامېرىكىنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقىغا تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ قوبۇل قىلمىغان.
4-ئەۋلادتىن باشلاپ، روكفېللېر جەمەتىنىڭ ئەزالىرى تەدرىجىي ھالدا ئەنئەنىۋى ئاساسلىق سودا ساھەسىدىن چېكىنىپ، ئۆزلىرى قىزىقىدىغان ساھەسىگە تارقىلىپ كەتتى، بۇ ئەھۋال جەمەت ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشقا زور تەھدىت سالدى. ئۇنىڭدىن باشقا، جەمەت ئەزالىرى ھەر يىلى بالىلىرىنى ئېلىپ ئىككى قېتىم قورۇقتا جەم بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ يەرگە تەۋە ئىكەنلىكى ھەمدە ئۆزئارا ئورتاق ئالاقە بارلىقىنى ئېيتىشىدۇ. بۇ جەمەت يەنە ئىلگىرى ئۆتكەن ئاساسلىق ئەجدادلىرىنىڭ رەسىمىنى جەم بولغان ئۆينىڭ تېمىغا ئېسىپ، ئەۋلادلارغا ئۇلارنى ئەستە ساقلاشنى ئەسكەرتىدۇ.

ئاقكۆڭۈللۈك ۋە رەزىللىك مۇجەسسەملەنگەن بىرىنچى جەمەت
روكفېللېر جەمەتى بايلىق ۋە ئاقكۆڭۈللۈكنى مۇجەسسەملىگەن جەمەت.
روكفېللېر جەمەتى نېفىت ئىمپىرىيەسى قۇرۇش ئۈچۈن ئىلگىرى رىقابەتچىلىرىگە رەھىمسىزلىك بىلەن زەربە بەرگەن، ھەتتا سىياسىيونلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ترېست نامى ئاستىدا مونوپوللۇق قىلغان ھەمدە بۇنى ھەمكارلىق دەپ بېزەپ كۆرسەتكەن. شۇڭا، روكفېللېر جەمەتى ۋە ئۇنىڭ نېفىت ئىمپېرىيەسى بۇلاڭ- تالاڭ ۋە كونترول قىلىش ئاساسىدا قۇرۇلغان.
ئەمما، روكفېللېر جەمەتى بايلىق توپلاش ئۈچۈن تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ رىقابەتچىلىرىنى بىتچىت قىلىش بىلەن بىرگە، بۇ جەمەت يەنە دۇنيا خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرىنىڭ ھەقىقىي قۇرغۇچىسى ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى ھېسابلىنىدۇ، ئامېرىكىدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپلەر ۋە مۇھىم ئەلئارا تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك روكفېللېر جەمەتىنىڭ مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بېرىشى بىلەن تەرەققىي قىلغان. روكفېللېر جەمەتىنىڭ خەيرى-ئېھسانلىرى ئامېرىكىنىڭ داۋالاش كەسپىنى يېتىشتۈرۈپلا قالماستىن، يەنە جۇڭگونىڭ داۋالاش ئىشلىرىنىمۇ يېتىشتۈرگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە چىكاكو ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن ۋە ئۇلارنى قوللىغان.
چوڭ روكفېللېر ھەمىشە ئەۋلادلىرىغا «پۇل تېپىش ئىقتىدارى تەڭرى بىزگە ئاتا قىلغان بىر سوۋغا، بىزنى ئۆز قولىمىز ئارقىلىق بايلىقلارنى تېخىمۇ ئېھتىياجلىق بولغان ئاجىزلار توپىغا تەقسىملەپ بېرىشكە ئۈندەيدۇ» دەپ تەربىيە بېرەتتى. بۇ جەھەتتىن قورقۇنچلۇقلىقى دەل مۇشۇ يەردە، ئۇلارنىڭ سان- ساناقسىز پۇلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە دۇنيانىڭ ھەرقايسى بولۇڭ-پۇچقاقلىرىدىكى كىشىلەرگە بۇ پۇللارنى خەجلەپ بېرىدۇ.

ھازىر روكفېللېر جەمەتىنىڭ ئەزاسى 100 دىن ئاشىدۇ، ئاتامان داۋىد روكفېللېرنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ جەمەتنىڭ مۆجىزىسىنى كىم داۋاملاشتۇرىدۇ؟ بۇنى ۋاقىت سىنايدۇ.