پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 82|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ئىشلىتىشتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

642

تېما

669

يازما

2561

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2561
ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ئىشلىتىشتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

ئۆلچەم ئەسۋابلىرى، ئىشلىتىش دائىرىسىنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتىن ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەرگە چېتىلىدۇ.
    ئۇنداقتا، ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ئىشلىتىشتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
    ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەم قانۇنى›› ۋە مۇناسىۋەتلىك نىزام – بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ئىشلىتىشتە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:
    1 . تۈرلۈك ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە ھەر دەرىجىلىك سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى تارماقلىرىغا ئىلتىماس قىلىپ تەكشۈرتۈپ لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى ئالغاندىن كېيىن ئىشلىتىش كېرەك؛
    2 . ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى خالىغانچە چۇۋۇپ قۇراشتۇرماسلىق، زاپچاس ۋېنتىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ توغرىلىق دەرىجىسىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، ساختا مەلۇمات چىقىرىپ، ئىستېمالچىلارنى ئالداشتىن ساقلىنىش كېرەك؛
    3 . دۆلەت تەرىپىدىن شاللىۋېتىلگەن، ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان، تەكشۈرۈپ بېكىتىشتىن ئۆتكۈزمىگەن ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ئىشلەتمەسلىك، سودا – ھېسابات پائالىيىتىگە قاتناشتۇرماسلىق كېرەك؛
    4 . ئۆلچەم ئەسۋابلىرى ۋە ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋالغاندا مەخسۇس ئىشلەپ چىقىرىشقا رۇخسەت قىلىنغان ئورۇندىن لاياقەتلىك ئىسپاتىغا ئاساسەن سېتىۋېلىش كېرەك؛
    5 . ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ياخشى ئاسراش، داتلاشتۇرۇپ قويماسلىق، ئۆز ئالدىغا تەڭشىمەسلىك، گىر، تاش، ۋېنتىلىرىنى خالىغانچە ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
    مۇتەللىپ تۇرسۇن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش