پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 160|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

سىز بىلمەيدىغان پۇل تېپىش ئۇسۇللىرى بىلىۋېلىڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

642

تېما

669

يازما

2561

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2561
سىز بىلمەيدىغان پۇل تېپىش ئۇسۇللىرى  بىلىۋېلىڭ

پەرزەنتلەرنى ياخشى تەربىيىلەشمۇ پۇل تاپقانلىق بالىلار تازا ياخشى ئوقۇيالمىسا، ياخشىراق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئۈچۈن مەكتەپ تاللاش پۇلى تاپشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ياخشى نومۇر ئالالمىسا، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ چىقىم قىلىدىغان گەپ. شۇڭا، ھازىر خېلى كۆپ ئەقىلللىق ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئوقۇشى ئۈچۈن پۇل يىغىدىغان كونا ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىپ، كىچىكىدىن باشلاپلا ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىش، كۇرسقا بېرىش، ئارتۇقچىلىق يېتىلدۈرۈش قاتارلىق دەسلەپكى تەربىيىگە مەبلەغ سېلىشقا ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ. دېمەك، بالىلار مەكتەپتە ياخشى ئوقۇسا ھازىردىن ئېيتقاندا، مەكتەپ ھەققىنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ. كەلگۈسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تېخىمۇ پايدىلىق
بىر يىگىت خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، مائاشىنىڭ ھەممىسىنى كىتاب- ماتېرىيال سېتىۋېلىش ۋە كۇرسلارغا قاتنىشىش ئۈچۈن سەرپ قىپتۇ، MBA گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، چەتئەل سودىگىرى ئاچقان بىر شىركەتنىڭ ئالىي دېرىكتورلۇقىغا تەكلىپ قىلىنىپ، ئىلگىرىكىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى مائاشقا ئېرىشىپتۇ. دېمەك، بىلىم ھەقىقىي بايلىق دېمەكتۇر. ياشلىق مەزگىلىدە پۇلنى داڭلىق ماركىلىق ئىستېمال بۇيۇملىرىغا سەرپ قىلغاندىن كۆرە كاللىغا قاچىلىغان ئەۋزەل.
ساغلاملىققا تايىنىپ پۇل تېجەش. ساغلاملىق بەخت دېمەكتۇر. تەن ساغلاملا بولسا، تەبىئىي ھالدا بىر مۇنچە پۇل تېجىلىپ قالىدۇ. شۇڭا، ساغلاملىق قارىشىنى چوقۇم ئۆزگەرتىش كېرەك. سالامەتلىكنى ئاسراشنى بىلمەي، پۇل تېجەشنىڭلا غېمىنى قىلىش، ساغلاملىققا مەبلەغ سېلىشقا كۆزى قىيماسلىق- تۈگمىنى دەپ تۆگىدىن قۇرۇق قالغاندەكلا ئىش. شۇڭا، سىرتلارغا چىقىپ سەيلە -ساياھەت قىلىش، چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىش، ئىلمىي ئوزۇقلىنىش قاتارلىقلارغا مۇۋاپىق مەبلەغ سالغۇلۇق. ئاغرىپ دوختۇرخانىدا داۋالىنىش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكەنلىكمۇ ئەمەلىيەتتە بىر خىل ئىلمىي مالىيە باشقۇرۇش ئۇسۇلىدۇر. دېمەك، ساغلاملىققا كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ، تەننىڭ ساقلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئەڭ ياخشى پۇل تېجەش ھېساپلىنىدۇ.  ^4 j% v/ w: S; [
تىنچ- ئامانلىقمۇ پۇل تاپقانلىقتۇر. كىشىلىك ھايات مۇساپىسىدە، ئادەمنىڭ تىنچ- ئامانلىقى بىر خىل بەخت- تەلەي بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە پۇل تاپقانغا باراۋەر كاتتا ئىشتۇر. شۇڭا، مالىيە باشقۇرۇشتا بىخەتەرلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. چوڭلاردىن تارتىپ بالىلارغىچە يۈرۈش- تۇرۇش، توك ۋە گاز ئىشلىتىش، ماشىنىغا ئولتۇرۇش ۋە پىيادە يۈرۈش...دېگەندەك ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە بىخەتەرلىك، مۇداپىئە خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەش كېرەك. ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى، توك سىمى قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ بۇزۇلۇپ قالغانلىقى، كونىراپ كەتكەنلىكى، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەنلىكى بايقالغاندا، دەرھال ئالماشتۇرۇۋېتىش كېرەك. پۇل تېجەيمەن دەپ بىخەتەرلىككە سەل قاراشقا بولمايدۇ.
ئالدامچىلارنىڭ دامىغا چۈشۈپ كېتىشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك. ھازىر جەمئىيەتتە ئالدامچىلار كىشىنى قايمۇقتۇرىدىغان، جەلپ قىلىدىغان خىلمۇ خىل ھۈنەرلەرنى ئىشلىتىدىغان بولغاچقا، بىر قىسىم ئەھۋاللاردا مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزىنى مال- دۇنياغا ھەددىدىن ئارتۇق ئۇرىدىغان بولغاچقا، ئالدامچىلارنىڭ دامىغا چۈشۈپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، دۇنيادا ھېچقانداق بىكارلىق ئىش مەۋجۇت ئەمەس. بۇ، ھەممە ئادەم بىلىدىغان ئەڭ ئەقەللىي ساۋات. بىز بىكاردىن بىكارغا مال- دۇنياغا ئېرىشىش خام خيالىدا بولماي، ئالدامچىلارنىڭ ھىيلە- نەيرەڭلىرىدىن ھەر ۋاقىت ھۇشيار بولساقلا، ئۇلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتمەيمىز. مال- دۇنيانى ئەھمىيەتسىز ئىشلار ئۈچۈن قولدىن بېرىپ قويمىغانلىقمۇ ئەمەلىيەتتە مۇۋەپەقىيەتلىك مالىيە باشقۇرغانلىقتۇر.
چوڭ بالا- قازادىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئازراق مال- دۇنيانىڭ مېھرىدىن كېچىش كېرەك. شارائىت يار بەرسىلا ئائىلىدىكىلەرگە بالدۇرراق سۇغۇرتا سېتىۋالغان ياخشى. گەرچە بۇنىڭغا سېلىنغان مەبلەغ قايتىپ كەلمىسىمۇ، لېكىن" كوزا كۈندە سۇنماس، كۈنىدە سۇنار" دېگەندەك، ئالىمادىس بىرەر كېلىشمەسلىك يۈز بېرىپ قالسا، بولۇپمۇ ئائىلىنىڭ ئاساسلىق يۈكىنى كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان چوڭلار بىرەر كېلىشمەسلىككە ئۇچراپ قالسا، سۇغۇرتا سېتىۋالغانلىق بىلەن سېتىۋالمىغانلىقنىڭ پەرقى شۇ چاغدا تازا بىلىنىدۇ.
تېجەشلىك بولىمەن دەپ بەك پىخسىقلىق قىلىۋالماي ئانچە- مۇنچە خەجلەشنىمۇ ئۆگىنىپ قويۇش كېرەك. ھازىر جەمئىيەت ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈۋاتىدۇ. پۇل تېپىشنىمۇ، خەجلەشنىمۇ بىلىش ھازىر مالىيە باشقۇرۇشتىكى ئەڭ يېڭى ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ. دېمەك، ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ بىرەر تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش ياكى قوشۇمچە ئىشلەش ئارقىلىق پۇل تاپقاندىن كېيىن ئۇنى ئىدىتلىق باشقۇرۇپ، ئىلمىي ئىستېمال قىلىپ، پۇلنىڭ قەنتىنى چېقىپ يېيىشنىڭ ئۆزىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك مالىيە باشقۇرغانلىق ھېسابلىنىدۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش