پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 23|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ۋاكالەتچىلىك توختامنامسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

642

تېما

669

يازما

2561

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2561
ۋاكالەتچىلىك توختامنامسى


<ئا>تەرەپ: توقسۇ ناھىيە جەزىر يىمەك ئىچمەك مۇلازىمىتى چەكلىك شىركىتى
قانۇنى ۋەكىلى : رەبىگۈل ئەمەر
<ب> تەرەپ : ______________‎__(كىملىك نومۇرى: ________________)
ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا كىلىشىش، باراۋەربۇلۇش، ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈش ، ئادىل بۇلۇش پىرىنسىپى ئاساسىدا ، توختام قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەر بۇيىچە بۇ ۋاكالەتچىلىك توختامنامىسى ئىمزالىدى ، توختام مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە :
1.ۋاكالەتچىلىك قىلىدىغان تۈر :
<ب> تەرەپ توقسۇ ناھىيە جەزىر يىمەك ئىچمەك مۇلازىمىتى چەكلىك شىركىتى بازارغا سالغان  «جەزىر» ماركىسىدىكى يۈرۈشلۈك كەپتەر گۈشى مەھسۇلاتىغا ۋاكالەتچى بۇلىدۇ. بۇ مەھسۇلات سۈرلەنگەن كەپتەر گۈشى، كەپتەر شورپىسى، بۇنىڭدىن باشقا ياغدا پۇشۇرۇلغان ھەرخىل كەپتەر گۈشى تۈرىگە تەۋە يىمەكلىكلەرنى ئۆز ئچىىگە ئالىدۇ.
2.ۋاكالەتچىلىك مۇددىتى : 2017-يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2020-يىل 5-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە ئۈچ يىل بۇلىدۇ.
3.ۋاكالەتچىلىك ھەققى : ئىككى تەرەپ كىلىشكەن يىللىق ۋاكالەتچىلىك ھەققى 50000.00 ( ئەللىك مىڭ يۈەن )، ئۈچ يىللىق ۋاكالەتچىلىك ھەققى جەمئىي 150000.00 يۈەن ( ئون بەش مىڭ يۈەن ) بۇلدى. <ب> تەرەپ ۋاكالەتچىلىك ھەققىنى بىر قېتىمدىلا <ئا> تەرەپكە تولۇق تاپشۇرىدۇ. ئارقىغا سۈرۈشكە بولمايدۇ.ۋاكالەتچىلىك ھەققىنى 2017-يىل 6-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن بۇرۇن تاپشۇرۇپ بولۇشى كېرەك.
4.شىركەت <ب> تەرەپكە كەپتەر شورپىسى تۈردىكى پۇشۇرۇش تېخنىكسىىنى ئۆزى تېخنىكىلىق تەلەپلەر بۇيىچە ئۆگۈتۈشنى ئۈستىگە ئالىدۇ. شورپىغا كىتىدىغان تەم تېتىقۇسىنى بىر تۇتاش ھەقلىق تەمىنلەپ بىرىدۇ. سۈرلەنگەن كەپتەر گۈشى ۋە تەييار ئوراپ قاچىلىنىدىغان تۈردىكىلەرنى شىركەت بىر تۇتاش پىششىقلاپ ئىشلەپ، ئوراپ قاچىلاپ تەييار قىلغاندىن ۋاكالەتچى تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى سېتىش ھوقۇقىنى <ب> تەرەپكە بىرىدۇ. <ئا>تەرەپ <ب> تەرەپنىڭ مال سېتىش دائىرسىگە مال تەمىنلىمەيدۇ ، <ب> تەرەپ ئۆزى دائىرسىدە مال سېتىشقا ئۆزى مەسئۇل بۇلىدۇ.
5.ۋاكالەتچى ئۆز دائىرسىدە تارماق دۇكان كۆپەيتسە بولمايدۇ. ھەمدە تاماق تۈرى كۆپەيتشكە ياكى كېمەيتىشكە بولمايدۇ. تۈر كۆپەيتىش ۋە كېمەيتىشكە توغرا كەلسە، شىركەتنىڭ ماقۇللىغىنى ئالغاندىن كېيىن بۇلىدۇ.
6.تېخنىكا ئۆگۈتۈش جەريانىدىكى ياتاق تاماق ھەققىنى <ب> تەرەپ ئۈستىگە ئالىدۇ.
7.<ب> تەرەپ توختام مۇددىتى ئىچىدە ماركا ھوقۇقى ۋە ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقىدىن ۋاز كەچمەكچى بولسا، ۋاكەتلچىلىك ھەققى قايتۇرۇلمايدۇ.
8.<ئا>تەرەپ دۇكاننىڭ زىننەت لايھەسىنى ھەقسىسز بىر تۇتاش لايھەلەپ بىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئىسىم كارتىسى تەشۋىقات ماتىريالى قاتارلىقلارنى شىركەت بىر تۇتاش ھەقسىز تەمىنلەپ بىرىدۇ.
9.<ئا> تەرەپ  قەرەلسىز ھالدا <ب> تەرەپنىڭ سودا ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تۇرىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا يېڭى تېخنىكا ۋە سودا ئەندىزىسى بۇيىچە قەرەلسىز يىتەكچىلىك قىلدۇ.
10.بۇ توختامدا يېزىلمىغان تۈرلەرنى ئىككى تەرەپ ئۆز ئار كىلشىپ ھەل قىلىدۇ، كىلىشىمىگەندە توقسۇ ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئارقىلىق سوتلىشىپ ھەل قىلىدۇ.
11.بۇ توختام جەمئىي ئىككى  نۇسقا بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئىمزا قويغاندىن كېيىن رەسمى قانۇنى كۈچكە ئىگە بۇلىدۇ.
12.توختامغا قوشۇمچە قىلىپ ئىككى تەرەپنىڭ تىجارەت كېنىشكىسى ، كىملىگى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك قانۇنى ئىسپاتلىرىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسقىسى بىرگە چاپلىنىدۇ.
<ئا>تەرەپ: توقسۇ ناھىيە جەزىر يىمەك ئىچمەك
مۇلازىمىتى چەكلىك شىركىتى
قانۇنى ۋەكىل:


<ب> تەرەپ:


2017-يىل     -ئاينىڭ      -كۈنى


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش