جۇڭگونى پۇل ئۇرۇشىتۇمانلىرى قاپلىدى
يېقىنچىدىن ئوتتۇرا شەرقتىكى تۈركىيە-روسىيە، ئىران-سەئۇدىغا مۇناسىۋەتلىكئېغىز ئۇرۇشى گېزىت يۈزىنىڭ باش سەھپىسىنى قاپلىدى. بۇ ئېغىز ئۇرۇشىدىكى بايانلارئىنتايىن دەبدەبىلىك بولغاچ كىشلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان بولىشى مۇمكىن،ئەمما كىشلەرنىڭ ئۆز يېنىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىس-تۈتەكسىز ئۇرۇش ئۇيغۇرجەمىيىتىدىكى تور تاراتقۇلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتالمىغاندەك قىلىدۇ.
10-ئاينىڭ 16-كۈنى فېدئۆسۈم ئۆستۈرۈش قارارىنى كېچىكتۈردى، بۇ كېچىكتۈرۈش جۇڭگو بازىرىنى ئويلىشىپچىقىرىلغان قارار بولدى. ئەمما بۇ كىشلەرنىڭ دىققىتىنى تارتالمىدى، ئەكىسچە خەلقپۇلى پۇل سېۋىتىگە كىردى، خەلق پۇلى خەلقئارالىشىشقا قەدەم قويدى، جۇڭگو پۇلئۇرۇشىغا تۇنجى پاي ئوقنى ئاتتى دېگەندەك شاۋقۇنلۇق خەۋەرلەر جۇڭگو تاراتقۇلىرىنىڭئىقتىساد خەۋىرى باش سەھپىسىنى ئىگەللەپ كىشلەرنى قايمۇقتۇرغان ئىدى، ئارقىدىنئارگېنتىنا پېسوسى، رۇبلى، قازاقىستان تەڭگىسىنىڭ قىممىتى چۈشتى، كىشلەر قايتادىققەت قىلىشقا باشلىدى، ئەمما بۇ دىققەت قىلىش تېزلا ئۆتۈپ كەتتى. 1-ئاينىڭ4-كۈنى
دۈشەنبە 2016-يىلىغا تەۋە تۇنجى سودا كۈنى جۇڭگو يۈز يىللىق ئاكسىيەئەنئەنىسىگە ئىگە ئامېرىكا ئون يىل كېچىكتۈرۈپ يولغا قويغان بازارنى ئاپتوماتىكۋاقىتلىق توختىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ تۇنجى كۈنىلا سىناق قىلدى. ئامېرىكا1988-يىلى يولغا قويۇپ، 1997-يىلى ئون يىلدىن كېيىن ئاندىن سىناق قىلغان تۈزۈمنىجۇڭگو تۇنجى كۈنى يول قويۇپ تۇنجى كۈنىلا سىناق قىلدى، بۇ قاپ يۈرەكلىك چۈشكەيېقىن ئومۇمى پاي كۆرسەتكۈچىنى قىسقىغىنا 15 مىنۇت ئىچىدە 7% چۈشۈپ كېتىشىنىكەلتۈرۈپ چىقاردى، ئون بەش مىنۇتتا تۆت تىرىلىيون يۈەن پۇلنى پارلاندۇرىۋەتتى،ئاددى پۇقرالاردىن سىرت، چوڭ-چوڭ پۇلدارلارمۇ زور زىيان تارتتى. بۈگۈن سەھەردەئۈرۈمچى ۋاقتى 7:42 دە، شېنجېن بازىرىدا ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى قىسقىغىنە 12 مىنۇتئىچىدە %5 چۈشۈپ كەتتى، ئاپتوماتىك بازار توختاتقاندىن كېيىن ئۈچ مىنۇتتا قايتا %7دىن ئارتۇق چۈشۈپ كەتتى، بازارنى قايتا پۈتۈن كۈن توختاتتى. كاپتالىستىكئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب دۇنياسى سىناق قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغانتۈزۈمنى جۇڭگو يولغا قويۇپ تۇنجى تۆت كۈندىلا ئىككى قېتىم سىناق قىلىپ تۆت قېتىمبازارنى ئاپتوماتىك توختىتىپ زور « مۇۋاپىقىيەت قازاندى». دۈشەنبىدىن بۇيانقى تۆتكۈندە جۇڭگو پاي بازىرىدا 1600 دىن ئارتۇق پاي بىراقلا چۈشۈپ كەتتى.
بۈگۈنكى قىسقىغىنە 15 مىنۇت ئىچىدە ئىككى بازاردىكى سودا پۈتۈشۈش سوممىسى187.9 مىلىيارد يۈەن بولغان بولسىمۇ، ئەمما 3.72 تىرىلىيون يۈەن پۇل پارلىنىپكەتتى. فېدنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرىشى تەسىرىدە خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىمۇتوختاپ قالمىدى، گەرچە رۇبلى، تەڭگىلەردە دەھشەتلىك چۈشۈپ كەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما10-ئايدىن بۇيانقى قىسقىغىنە ئۈچ ئايدا %2.5 قىممىتى چۈشۈپ كەتتى.
ئىلگىرى تاراتقۇ باش سەھپىلىرىنى «جۇڭگو پۇل ئۇرۇشىغا تۇنجى پاي ئوقنى ئاتتى»دېگەن خەۋەر ئىگەللىگەن ئىدى، ئەمما بۈگۈنكى كۈن كىمنىڭ پۇل ئۇرۇشىدىكى چوڭزىيانلانغۇچى ئىكەنلىكىنى ئاشكارلىدى. ئەلۋەتتە خەنزۇچىدا « 没完没» دەيدىغان بىر سۆز بار، شۇنداق پۇل ئۇرۇشى تېخىئەۋجىگە چىقمىدى، ھېچنىمە ئاياقلاشمىدى، فېد بۇ يىل يەنە ئۈچ قېتىم ئۆسۈمئۆستۈرىدۇ، ئەتە يازدا توڭلىتىلغان پايلارنىڭ چەكلەش ۋاقتى توشۇپ بازارغا كىرىدۇ،بۈگۈننى ئاسماننى ئۇرۇش تۇمانلىرى قاپلىغان كۈن دەپ تەسۋىرلىسەك، ئەتىنى ئوقئاۋازلىرى ياڭرايدىغان كۈن دەپ تەسۋىرلەشكە بولىدۇ.
ئىس-تۈتەكسىز ئۇرۇش يېنىڭىزدىلا يۈز بېرىۋاتىدۇ، تاماشا كۆرۈش خۇمارىڭىزبولسا تۈركىيە-روسىيە، ئىران-سەئۇدى ئەمەس، جۇڭگو بازىرىغا دىققەت قىلىڭ، ئۇزاقۋاقىتنى تىلغا ئالمىغاندىمۇ، قىسقىغىنە تۆت كۈنلۈك زىيان ئوتتۇرا شەرق،قازاقىستان، گرىتسىيە، ئارگېنتىنا، ئەزەربەيجان دىگەندەك ئىلگىرى ۋەيران بولغان بۇدۆلەتلەرنىڭ زىيان جۇغلانمىسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.تاماشا كۆرۈشكە قىزىقىدىغانلار تېما داۋامىغامەرھەممەت.
( شۇنچە چوڭ ئىشلاربولسىمۇ، ئۇيغۇرچە تور تاراتقۇدا پاراڭ بولۇنماپتۇ، يېڭىدىن تىزىملاتسام ۋاقىتساقلايكەنمەن، شۇڭا بۇرادىرىمنىڭ ئىسمىدا يوللاپ تۇردۇم...داۋامى كېيىن ئۆز نامدايوللىنىدۇ.