پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 157|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

داڭلىق ماركا بۇلۇش ئۈچۈن قانداق شەتلەرنى ھازىرلاش كېرەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

642

تېما

669

يازما

2561

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2561
داڭلىق ماركا دىگەن نىمە ؟داڭلىق ماركا بولۇش ئۈچۈن قانداق شەرتلەر كىرەك ؟

داڭلىق ماركا دىگەن نىمە ؟داڭلىق ماركا بولۇش ئۈچۈن قانداق شەرتلەر كىرەك ؟ ئۇ قانداق ئىمتىيازلارغا ئىگە ؟
داڭلىق ماركا بولسا جەمئىيەتتىكى مۇناسىۋەتلىك ئاممىغا تۇنۇشلۇق بولغان ۋە بىر قەدەر يوقۇرى ئىناۋەتكە ئىگە بولغان ماركىنى كۆرسىتىدۇ ، بۇ يەردىكى «مۇناسىۋەتلىك ئامما » بولسا ماركا ۋەكىللىك قىلغان  مەلۇم مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتكە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىستىمالچىلار ۋە بۇ مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنىڭ تىجارىتىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان باشقا تىجارەتچىلەرنى كۆرسىتىدۇ .
داڭلىق ماركىنىڭ شەرتلىرى :
دۆلىتىمىز « ماركا قانۇنى » نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، داڭلىق ماركا  سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەرەپلەرنى ئويلىشىش كىرەك :
ئاممىنىڭ بۇ ماركىغا نىسبەتەن بىلىش دەرىجىسى
مەزكۇر ماركىنىڭ ئىزچىل ئىشلىتىلىش ۋاقتى
ماركىنىڭ بارلىق تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ ئىزچىللىق ۋاقتى ، دەرىجىسى ۋە جۇغراپىيەلىك دائىرىسى
مەزكۇر ماركىنىڭ  داڭلىق ماركا  شەكلىدە قوغدىلىش خاتىرىسى .
مەزكۇر ماركىنىڭ داڭلىق بولۇشىدىكى باشقا تەرەپلەر .
ماركا ئىدارىسى ، ماركا باھالاش كومىتىتى داڭلىق ماركا  بىكىتكەندە ، يوقارقى تەرەپلەرنى ئومۇميۈزلىك ئويلىشىشى ، ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسىنى چوقۇم ھازىرلاشقا تىگىشلىك ئالدىنقى شەرت قىلىۋالماسلىقى  كىرەك .
دۆلىتىمىزدىكى  داڭلىق ماركىنىڭ قوغدىلىشى
دۆلىتىمىزنىڭ  داڭلىق ماركا قوغداش قانۇنى بىرقەدەر كىيىن تۇرغۇزۇلغان ، «داڭلىق ماركا بىكىتىش ۋە باشقۇرۇش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى » دا داڭلىق ماركىنى  قوغداش ئاساسلىق تۆۋەندىكى ئۈچ تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ :
نامۇۋاپىق رويىخەتكە ئالدۇرۇشنى چەكلەش
باشقىلارنىڭ داڭلىق ماركىسىغا ئوخشاش ياكى ئوخشاپ كىتىدىغان ماركىنى ئوخشىمىغان تاۋار تۈرىدە ئىلتىماس قىلغاندا داڭلىق ماركا ئىگىسىنىڭ مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىشى مۈمكىن ، شۇنىڭ ئۈچۈن ، ماركا ئىدارىسى بۇ خىل ئىلتىماسنى قايتۇرىۋەتسە بولىدۇ . تىزىملىتىپ بولۇنغان ماركىغا نىسبەتەن ، داڭلىق ماركا ئىگىسى ماركا  باھالاش كومىتىتىدىن بۇ ماركىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ .
2.   نامۇۋاپىق ئىشلىتىشنى چەكلەش
باشقىلارنىڭ داڭلىق ماركىسىغا ئوخشاش ياكى ئوخشاپ كىتىدىغان ماركىنى ئوخشىمىغان تاۋار تۈرىدە ئىشلەتكەندە ۋە بۇ تاۋارنىڭ ( مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت ) داڭلىق ماركا ئىگىسى بىلەن مەلۇم مۇناسىۋىتى بارلىقىنى يۇشۇرۇن كۆرسەتكەندە، مەزكۇر داڭلىق ماركا ئىگىسىنىڭ مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىشى مۈمكىن ، بۇ چاغدا ، داڭلىق ماركا ئىگىسى سودا – سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئورگانلىرىدىن ئۇلارنىڭ بۇ خىل قىلمىشىنى  تۇسۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ .
3.نام قىلىپ قوللىنىشنى چەكلەش
داڭلىق ماركا بىكىتىلگەن كۈندىن باشلاپ ، باشقىلار مەزكۇر داڭلىق ماركا بىلەن ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كىتىدىغان خەتنى كارخانا نامىنىڭ بىرقىسمى قىلىپ قوللانغاندا ئامما ئارىسىدا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىشى مۈمكىن ، شۇنىڭ ئۈچۈن ، سودا – سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئورۇنلىرى بۇخىل كارخانا نامىنى تىزىملىمايدۇ ، تىزىملاپ بولۇنغانلىرى بولسا ، داڭلىق ماركا ئىگىسى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ . دۆلىتىمىزنىڭ تۈزىتىلگەن ماركا قانۇنىنىڭ 13- ماددىسىدا داڭلىق ماركىنى قوغداشنى ئوخشىمىغان تۈردىكى تاۋار ياكى مۇلازىمەتكىچە كىڭەيتكەن بولۇپ ، داڭلىق ماركىنى قوغداشنىڭ قانۇنى شەكلى رەسمى تۇرغۇزۇلغان .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش