ئېلىمىز تېز يەتكۈزۈش كەسپى كۆلىمىنىڭ يەر شارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %40دىن ھالقىدى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-مارت بېيجىڭ خەۋىرى: دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسى 28-مارت ئېلان قىلغان 2016-يىللىق جۇڭگو تېز يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ تەرەققىيات كەسپى تەرەققىياتى كۆرسەتكۈچىدە " ئېلىمىز تېز يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ كۆلىمى دۇنيادا داۋاملىق بىرىنچى ئورۇندا تۇردى ؛ يەر شارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %40 دىن ھالقىپ، دۇنيادا تېز يەتكۈزۈش كەسپى مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %60 گە يەتتى" دەپ كۆرسىتىلدى.
دوكلاتتىن ئايان بولۇشىچە: ئۆتكەن يىلى تېز يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ توردا پارچە سېتىش سوممىسى تۆت تىرىللىيون يۈەندىن ئېشىپ، جەمئىيەتتىكى ئىستېمال بويۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %12.5 يەتكەن؛ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ چەتئەللەرگە 100 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك سېتىلىشى؛ ياسىمىچىلىق كەسپى مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 120 مىليارد يۈەندىن ئېشىشىغا بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلغان. دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسى تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەتقىقات باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى گېڭ يەن: تېز يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى ئىگىلىكنى يېتىشتۈرۈش ۋە زورايتىش، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تەڭداشسىز رول ئوينىدى، دېدى.