پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 68|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئىشلىتىلمەيدىغان بانكا كارتىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

642

تېما

669

يازما

2561

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2561
ئىشلىتىلمەيدىغان بانكا كارتىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟


065732bxbrrcr556t7exxx.jpg (63.47 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

چۈشۈرۈش

2016-10-13 00:37 چىقىرىش


بەزى كىشىلەر ئىشلىتىلمەيدىغان بانكا كارتىلىرىنى خالىغانچە تاشلىۋېتىدۇ. بۇنداق قىلىشنىڭ خەۋپ - خەتىرى بارمۇ - يوق؟ رويخەتتىن ئۆچۈرۈلمىگەن بانكا كارتىلىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟
    رويخەتتىن ئۆچۈرۈلمىگەن بانكا كارتىلىرىدا تۆۋەندىكىدەك خەۋپ - خەتەر مەۋجۇت:
    بىرىنچى، يېڭى بانكا كارتىسى بېجىرىشكە توسالغۇ بولىدۇ. بانكا كارتىسى بېجىرىش توغرىسىدا بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى ئېنىق بەلگىلىمە چىقارغان بولۇپ، بىر مۇئامىلىدار بىر سودا بانكىسىدا بېجىرگەن بانكا كارتىسى تۆتتىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ؛ ئەگەر مۇئامىلىدارنىڭ مۇشۇ سودا بانكىسىدىن بېجىرگەن بانكا كارتىسىنىڭ سانى ئاللىقاچان تۆتكە يەتكەن ياكى ئېشىپ كەتكەن بولسا سودا بانكىسى بۇ مۇئامىلىدارغا يەنە يېڭىدىن بانكا كارتىسى بېجىرىپ بەرسە بولمايدۇ.
    ئىككىنچى، ئىشلىتىلمەيدىغان بانكا كارتىلىرىنى قايتىدىن ئىشلىتىش ئۈچۈن ئارىلىقتا شەكىللەنگەن يىللىق مۇلازىمەت ھەققى ۋە باشقۇرۇش ھەققىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئىشلەتمەيدىغان بانكا كارتىلىرىنى چوقۇم بانكىغا بېرىپ رويخەتتىن ئۆچۈرۈش كېرەك، بولمىسا ھەر يىلى ئوخشاشلا مۇلازىمەت ھەققى شەكىللىنىپ مېڭىۋېرىدۇ، بۇ مۇلازىمەت ھەقلىرى قەرز سۈپىتىدە كارتا ئىگىسىگە يۈكلىنىپ، قايتۇرمىغاندا شەخسلەر ئىناۋەت خاتىرىسىگە خاتىرىلىنىدۇ. بانكىلار ئۇزاق مۇددەت ئىشلىتىلمىگەن كارتىلارنى مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن توڭلىتىدۇ، ئەگەر بۇ كارتىلارنى قايتا ئىشلىتىش زۆرۈر بولسا بۇرۇن شەكىللەنگەن ھەقلەرنى تولۇقلاپ تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ.
    ئۈچىنچى، كارتىلار خالىغانچە تاشلىۋېتىلسە قانۇنسىز ئۇنسۇرلار پايدىلىنىپ كېتىشى مۇمكىن. بەزى مۇئامىلىدارلار كارتىلارنى خالىغانچە تاشلىۋېتىدۇ. تاشلىۋېتىلگەن بۇ كارتىلار قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسا پۇل يۇيۇش قورالىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. ئەگەر ساقچى تەرەپ ئارىلىشىپ كارتا ئىگىسىنى سۈرۈشتە قىلسا كارتا ئىگىسىنىڭ مۇناسىپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشىغا توغرا كېلىدۇ.
    ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتمەيدىغان بانكا كارتىسىنى چوقۇم بانكىغا بېرىپ رويخەتتىن ئۆچۈرۈش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن كارتا ئىگىسى بانكا كارتىسى بىلەن كىملىكىنى ئېلىپ بېرىپ ئىلتىماس قىلسىلا بولىدۇ.
    ئەگەر بانكا كارتىسى يىتىپ كەتكەن بولسا ئالدى بىلەن يېڭىدىن بىر كارتىنى تولۇقلاپ بېجىرىپ، ئاندىن كېيىن رويخەتتىن ئۆچۈرۈشكە بولىدۇ. ئەگەر ئىناۋەتلىك كارتىنى ئىشلەتمەيدىغان بولسا شۇ بانكىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتا باشقۇرۇش مەركىزىگە تېلېفون بېرىپ رويخەتتىن ئۆچۈرسە بولىدۇ.
    بانكا كارتىسى رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن ئادەتتە بانكا خىزمەتچىلىرى تەرىپىدىن كېسىپ پارچىلاپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا كارتا ئىگىسى ئۆزى كارتىنى كېسىپ پارچىلاپ تاشلىۋەتسە بولىدۇ.
    نىجات قۇربان (ت)

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش