پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 184|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

كارخانا نامى بىلەن ماركىنىڭ پەرقى توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

642

تېما

669

يازما

2561

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2561
كارخانا نامى بىلەن ماركىنىڭ پەرقى توغرىسىدا

— مەن بىر ماركىنى رويخەتكە ئالدۇرغان. يېقىندا قارىسام بىراۋ مېنىڭ ماركامغا ئوخشاش ئىسىمنى كارخانا نامىغا قوشۇپ ئىشلەتكىلى تۇرۇپتۇ، تىجارەت تۈرىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشايدىكەن. كارخانا نامى بىلەن ماركىنىڭ قانداق پەرقى بار؟ ئەگەر بۇ ئىككىسى توقۇنۇشۇپ قالسا قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟
كارخانا نامى بىلەن ماركا ھوقۇقىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىش ۋە قانۇنىي قوغداش جەھەتتە نۇرغۇن ئوخشاشلىقلىرى بار. شۇڭا بۇ ئىككى خىل ھوقۇق توقۇنۇشۇپ قالىدىغان ئەھۋال دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.
(1) كارخانا نامى بىلەن ماركىنىڭ ئوخشاشلىقلىرى
كارخانا نامى بىلەن ماركىنىڭ ھەر  ئىككىسى كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش– تىجارەت پائالىيىتىنى بىر – بىرىدىن پەرقلەندۈرۈش رولىنى ئوينايدىغان بەلگىلەر بولۇپ، ھەر ئىككىسى مۇئەييەن قانۇن – تەرتىپ بويىچە بېكىتىلىدۇ. خېلى كۆپ كارخانىلار كارخانا نامىنىڭ خاسلىققا ئىگە قىسمىنى ماركا قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرۇپ، كارخانا نامى بىلەن ماركىنى ئوخشاش قىلىپ قوللىنىدۇ. بۇنىڭدا كارخانا نامى بىلەن ماركىنىڭ بىر – بىرنى تولۇقلاش، بىر – بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى ئىنتايىن گەۋدىلىك بولىدۇ. مىسال ئالايلى، «شىنجاڭ ئارمان مۇسۇلمانچە يېمەكلىك سانائەت گۇرۇھى» دېگەن كارخانا نامى، «ئارمان» ماركا بولىدۇ. دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى نۇرغۇن داڭلىق كارخانىلارنىڭ كارخانا نامى بىلەن ماركىسى مانا مۇشۇنداق شەكىلدە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇنى كارخانىنىڭ پەرقلىق ئىمكانىيەتلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ بىرىكتۈرۈش دېيىشكە بولىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، بىر كارخانىنىڭ كارخانا نامى بىلەن ماركىسى ئۆزئارا پەرقلىنىدىغان بولسا ئىستېمالچىلاردا ئۇلارغا پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىشى، ئاخىرقى ھېسابتا كارخانىغا تازا پايدىلىق بولۇپ كەتمەسلىكى مۇمكىن.
(2)  كارخانا نامى بىلەن ماركىنىڭ پەرقى
كارخانا نامى بىلەن ماركىنىڭ ئاساسلىق پەرقى تۆۋەندىكى تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ:
         بىرىنچى، تەشكىل قىلىدىغان ئېلېمېنتلار پەرقلىنىدۇ. كارخانا نامى ئادەتتە مەمۇرىي تەۋەلىك نامى، كارخانىنىڭ خاسلىق نامى، ساھە ياكى تىجارەت ئالاھىدىلىكى، ئىقتىسادىي تىپى قاتارلىقلاردىن تەشكىللىنىدۇ. ماركا بولسا كارخانىنىڭ خاسلىق نامى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.
         ئىككىنچى، فۇنكسىيەسى پەرقلىنىدۇ. ماركا ئوخشاش تۈردىكى تاۋار ۋە مۇلازىمەتنىڭ مەنبەسىنى پەرقلەندۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ، كارخانا نامى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت پائالىيىتىنى پەرقلەندۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. بىر كارخانىدا بىرقانچە ماركا بولسا بولىدۇ، ئەمما كارخانا نامى پەقەت بىرلا بولىدۇ.
ئۈچىنچى، قوغدىلىش دائىرىسى پەرقلىنىدۇ. رويخەتتىكى ماركا پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە قوغدىلىدۇ، كارخانا نامى بولسا شۇ نامنىڭ ئالدىغا قوشۇلغان مەمۇرىي رايون تەۋەلىكى دائىرىسىدە قوغدىلىدۇ.
         تۆتىنچى، ئىپادىلىنىش شەكلى پەرقلىنىدۇ. ماركا يېزىق، شەكىل، يېزىق بىلەن شەكىلنىڭ بىرىكىشى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ. كارخانا نامى بولسا يېزىق شەكلىدىلا ئىپادىلىنىدۇ.
         بەشىنچى، قانۇنىي ئاساسى پەرقلىنىدۇ. ماركا «ماركا قانۇنى» بويىچە رويخەتكە ئېلىنىدۇ ھەم قوغدىلىدۇ. كارخانا نامى بولسا «شىركەت قانۇنى»، «شېرىك كارخانا قانۇنى»، «شېرىكسىز كارخانا قانۇنى»، «كارخانا نامىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش نىىزامى» قاتارلىق قانۇن، مەمۇرىي قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن تىزىملىنىدۇ ۋە قوغدىلىدۇ.   
        ئالتىنچى، ئىشلىتىش شەرتى پەرقلىنىدۇ. ماركا قانۇنغا خىلاپ بولمىسىلا رويخەتكە ئالدۇرمايمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ (ئايرىم تۈرلەر بۇنىڭ سىرتىدا). كارخانا نامىنى ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تىزىملاپ باشقۇرۇش تارماقلىرىغا تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
        يەتتىنچى، ھوقۇق ئالاھىدىلىكى ۋە مەزمۇنى پەرقلىنىدۇ. ماركا سانائەت مۈلۈك ھوقۇقى، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى دائىرىسىگە كىرىدۇ، ئۇنىڭ مال – مۈلۈك ھوقۇقى بولۇش خاسلىقى كۈچلۇك. كارخانا نامى كارخانا تەشكىلى ياكى كارخانا قانۇنىي ئىگىسىنىڭ نام – ئاتاق ھوقۇقى بولۇپ، ئۇنىڭدىن مۇستەقىل ھالەتتىكى مال – مۈلۈك ھوقۇقى شەكىللەنمەيدۇ.
         سەككىزىنچى، ئۆتۈنۈش شەرتى پەرقلىنىدۇ. رويخەتتىكى ماركىنى ئەركىن ئۆتۈنۈش، باشقىلارغا ئىجازەتلىك ئىشلىتىشكە بېرىشكە بولىدۇ. كارخانا نامىنى ئايرىم ئۆتۈنۈش ياكى باشقىلارغا ئىجازەتلىك ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كارخانا نامىنى ئۆتۈنۈش زۆرۈر بولسا كارخانىنى بىراقلا ئۆتۈنۈش كېرەك.
        (3) كارخانا نامى بىلەن ماركا ھوقۇقىنىڭ توقۇنۇشىنى ھەل قىلىشنىڭ قانۇنىي تەرتىپى
نۆۋەتتە جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «ماركا قانۇنى» نى ئۈچىنچى قېتىم تۈزىتىش لايىھەسىگە: «باشقىلارنىڭ كاتتا ماركا، رويخەتتىكى ماركىسىنى كارخانا نامىنىڭ خاسلىق نامى قىلىپ ئىشلىتىپ، جامائەت خاتا يېتەكلەنگەن بولسا ناتوغرا رىقابەت قىلمىشى شەكىللەندۈرگەن ھېسابلىنىپ، ‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى› بويىچە بىرياقلىق قىلىنىدۇ» دەيدىغان يېڭى بەلگىلىمە قوشۇلغان.
«ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئالدامچىلىق قىلىپ باشقىلار رويخەتكە ئالدۇرغان ماركىدىن پايدىلىنىش، داڭلىق تاۋارلارنىڭ خاس نامى، ئوراسى، بېزىكىنى ئۆز مەيلىچە ئىشلىتىۋېلىپ باشقىلارنىڭ داڭلىق ماركىلىرى بىلەن ئارىلىشىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش، باشقىلارنىڭ كارخانا نامى، ئىسىم – فامىلىسىدىن پايدىلىنىپ ئالاقىدار جامائەتنى خاتا يېتەكلەش قىلمىشلىرى ناتوغرا رىقابەت قىلمىشى ھېسابلىنىپ، قانۇن بويىچە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، جەرىمانە قويۇلىدۇ. قىلمىشقا ئالاقىدار مال – مۈلۈك مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
        بۇ يەردە ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىك يەنە بىر مەسىلە بار. قانۇننىڭ ئەسلىي روھى بويىچە، ماركا ھوقۇقى بىلەن كارخانا نامى توقۇنۇشۇپ قالسىلا، ماركىنى ئالدىغا قويۇپ، كارخانا نامىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ. «ماركا قانۇنى» دا: «ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار باشقىلار ئاۋۋال ئېرىشكەن ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز يەتكۈزسە بولمايدۇ، باشقىلار ئاۋۋال ئىشلەتكەن ھەمدە مۇئەييەن تەسىرگە ئىگە ماركىنى ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن ئاۋۋال رويخەتكە ئالدۇرۇۋالسىمۇ بولمايدۇ» دەيدىغان ئېنىق بەلگىلىمە بار. بۇ يەرىدىكى «ئالدىن ئېرىشكەن ھوقۇق» كارخانا نامى ھوقۇقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ماركا ھوقۇقى بىلەن كارخانا نامىنىڭ توقۇنۇشىدا، كارخانا قارشى تەرەپ ماركا رويخەت ئىلتىماسى قىلىشتىن بۇرۇن قۇرۇلغان ھەمدە مۇئەييەن ئىجتىمائىي تونۇلۇش قىممىتىگە ئىگە بولغان بولسا ماركىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسى تەستىقلانماسلىقى كېرەك. ئالاقىدار تەرەپلەر دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن ماركىغا ئېتىراز بىلدۈرۈش، رويخەتتىكى ماركىنى ئىناۋەتسىز قىلىپ جاكارلاش تەرتىپىدە ئۆز ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلسا بولىدۇ.  
      ئىگىلىك مۇنبىرىدىن ئېلىندى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش