پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 188|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ماركىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ قانۇنى ئورنى توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

642

تېما

669

يازما

2561

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2561
ماركىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ قانۇنىي ئورنى توغرىسىدا

بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا،«گۈلدىيار» ماركىلىق ئاچچىقسۇ توغرىسىدىكى ئېلان رادىيو– تېلېۋىزورلاردا كۈندە ياڭراپتۇراتتى. يېقىندىن بۇيان ئۇنىڭ ئورنىنى «گۈلدىيار» ماركىلىق ساپ ھەسەل توغرىسىدىكىئېلان ئىگىلىدى. ئاچچىقسۇ بىلەن ھەسەلنىڭ ماركا تۈرى بىر بولىدىغانلىقىدىن خەۋەرداركىشىلەر بۇنىڭدىن قايمۇقۇپ قېلىپ، «گۈلدىيار» دېگەن ماركا زادى كىمنىڭ بولغىيتى؟ ئەسلىئاچچىقسۇ ئىشلەپچىقارغانلارنىڭ تېجارىتى يۈرۈشمەي ھەسەلچىلىك كەسپىگە يۈرۈش قىلغانمىدۇ؟دەيدىغان تەسىراتقا كېلىپ قالىدۇ.2004– يىلى 11– ئاينىڭ بىر كۈنى، «گۈلدىيار» دېگەن ماركىنى 30– تۈردىكى«چاي، ھەسەل، ئۇن مەھسۇلاتلىرى، ئاچچىقسۇ، تەم خۇرۇچى» قاتارلىق تاۋارلارغا ئىشلىتىشكەرويخەتكە ئالدۇرغان ئە ++ دېرىكتور شىنجاڭ ئوقيا ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورنىغا كېلىپ،بىراۋنىڭ قانۇنسىز ھالدا «گۈلدىيار» دېگەن ماركىنى چاپلاپ ئاچچىقسۇ ئىشلەپچىقىرىپ سېتىۋاتقانلىقىنىمەلۇم قىلىپ، بۇ قىلمىشنى توسۇشقا ياردەم تەلەپ قىلىدۇ. ئوقيانىڭ ماركا مۇتەخەسىسىئىنچىكە تەكشۈرۈپ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى ئېنىقلايدۇ: 2001– يىلى 11– ئايدا، خوتەندىكى بىر ئاچچىقسۇ زاۋۇتى ئاچچىقسۇئىشلەپ سېتىشقا «گۈلدىيار» دېگەن سۆزنى ماركا قىلىش ئۈچۈن، ئۆز جايىدىكى سودا– سانائەتمەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن شىنجاڭ تىيەنچېڭ ماركا ۋاكالەتچىلىكئورنى ئارقىلىق رويخەت ئىلتىماسى سۇنىدۇ. بۇ ماركا 2003– يىلى 1– ئايدا رەسمىي تەستىقلىنىپكېلىدۇ. (س ماركىغا قاراڭ)2002– يىلى 2– ئايدا، ئۈرۈمچىدە ھەسەل تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانئە ++ دېرىكتور «گۈلدىيار» دېگەن سۆزنى «چاي، ھەسەل، ئۇن مەھسۇلاتلىرى، ئاچچىقسۇ، تەمخۇرۇچى» قاتارلىق تاۋارلارغا ماركا قىلىش ئۈچۈن، ئەينى چاغدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇمرايونلۇق ماركا ئىشلىرى ئورنى ئارقىلىق دۆلەت ماركا ئىدارىسىغا ئىلتىماس سۇنىدۇ. بۇماركا 2003– يىلى 3– ئايدا رەسمىي تەستىقلىنىپ كېلىدۇ. (ئا ماركىغا قاراڭ)خوتەندىكى ئاچچىقسۇ زاۋۇتىنىڭ خوجايىنى رويخەتكە ئۆتكەن س ماركىنىقولىغا ئالغاندىن كېيىن، ماركىنىڭ كەمتۈك بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ، كۆڭلى يېرىمبولىدۇ. ئەسلىدە بۇ زاۋۇت رويخەتكە ئالدۇرغان س ماركىنى ئۇيغۇر تىل– يېزىقىنى بىلمەيدىغانياكى ئۇيغۇر تىل– يېزىقىنىڭ قانۇنىي ئورنىنى توغرا تونۇمايدىغان قالىغاچ تىللىق ئۇستىلاربېجىرگەن بولغاچقا، ماركىغا ئۇيغۇر يېزىقى كىرەۈزۈلمىگەن. ئۇيغۇرچە «گۈلدىيار» دېگەنسۆزنىڭ خەنزۇ يېزىقى ۋە لاتىن يېزىقى (ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى) دا ئىپادىلىنىشىمۇ توغرابولمىغان. بۇ خوجايىن 2000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل خەجلەپ بېجىرگەن بۇ ماركىنى (س ماركا)ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇيغۇرچە «گۈلدىيار» دېگەن سۆز بىلەن باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلالمىغاندىنكېيىن، ئامالسىز ئوخشاش بىر ماركىنى ئىككىنچى قېتىم رويخەتكە ئالدۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ،يوقۇرىدىكى رەسىمدىكى ب ماركىنى لايىھىلىتىپ، بۇ ماركىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىشىنى يەنىلاشىنجاڭ تىيەنچېڭ ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورنىغا ھاۋالە قىلىدۇ. «ماركا قانۇنى» دىكى قائىدە بويىچە، خوتەندىكى ئاچچىقسۇ زاۋۇتىئىلتىماس قىلغان ب ماركىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقى ئۈرۈمچىدىكى ئە ++ دېرىكتور ئوخشاشتاۋارغا ئىشلىتىشكە ئىلتىماس قىلغان ئا ماركىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقى بىلەن توقۇنۇشىدۇ.ئەمما دۆلەت ماركا ئىدارىسىدا ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنى بىلىدىغان ماركا تەكشۈرۈش خادىمىبولمىغاچقا، ئۇلار بۇ ئىككى ماركىدىكى ئىختىلاپنى پەرق ئېتەلماي، ئا ماركىنى قانۇن بويىچەتەستىقلاپ بولغان ئەھۋالدا، ب ماركىنى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، ئېلان قىلىدۇ. قانۇنىي تەرتىپ بويىچە، ب ماركا دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ بېكىتىلىپئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ ئۈچ ئايغىچە باشقا تەرەپلەر بۇ ماركىنى رەسمىي رويخەتكە ئېلىشقائېتراز، نارازىلىق بىلدۈرمىسە، ب ماركىمۇ رەسمىي تەستىقلىنىپ، ئوخشاش بىر ماركىنى باشقا– باشقا ئىككى تەرەپ ئوخشاش تاۋارغا تەڭ قوللانسا يوللۇق بولىدىغان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ.دەل موشۇ ھەل قىلغۇچ پەيتتە،ئە ++ دېرىكتور قانۇن بويىچە ئۆز ھوقۇقىنىڭ بىر پۈتۈنلىكىنى ساقلاشقا چارە ئىزدەپ، ئوقياغاكېلىپ ماركا مۇتەخەسىسلىرىدىن مەسلىھەت سورايدۇ. بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ئوقيانىڭ ماركا مۇتەخەسىسىئەھۋالدىن تولۇق خەۋەردار بولغاندىن كېيىن، ئە ++ دېرىكتورغا بۇ دەۋادا ئۇتۇپ چىقىشقامۇتلەق ئىمكانىيەت بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، قانۇنىي يوسۇندا ۋاكالەتچىلىك كېلىشىمى تۈزۈپ،دەۋانى قوبۇل قىلىدۇ. ئىشەنچلىك پاكىت بولمىسا، گەپدانلىققا تايىنىپ دۆلەت ماركا ئىدارىسىدىكىكاتتا ئۆلىمالارنى ئۆزى چىقارغان قارارنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭئۈچۈن ئوقيانىڭ ماركا مۇتەخەسىسى ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل– يېزىق كومىتېتىغابېرىپ، ئالاقىدار مۇتەخەسىسلەرنى ئىزدەپ تېپىپ ئەھۋال چۈشەندۈرۈپ، ئا ماركا بىلەن بماركىدىكى ئۇيغۇرچە يېزىقنىڭ ئوخشاشلىقى توغرىسىدا تامغىلىق ئىسپات ئالىدۇ. ئىككىنچىقەدەمدە، دۆلەت ماركا ئىدارىسىنى ئېتراز ئۆلچىمىگە چۈشۈرۈپ بىر پارچە ئېترازنامە پۇتۈپ،دەلىل– ئىسپاتلارنى قوشۇپ تىز پوچتا ئارقىلىق بېيجىڭگە يوللاپ، دۆلەت ماركا ئىدارىسىدىنب ماركىنى رويخەتكە ئېلىشنى تەستىقلىماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ.ئېتراز ئىلتىماسى يوللىنىپئۇزاق ئۆتمەستىن، ماركا ئىدارىسى «ماركا ئېلانى» ژۇرنىلىدا ب ماركىنى رويخەتكە ئېلىشنىتەستىقلىغانلىق توغرىسىدا ئېلان چىقىرىدۇ. بۇ قانداق گەپ؟ ئەجەبا ئېتراز رەت قىلىندىمۇ؟ئە ++ دېرېكتورنىڭ ئېتراز ئۈچۈن خەجلىگەن 2000 يۈەن پۇلى ۋە ئوقيانىڭ ماركا مۇتەخەسىسىنىڭبۇ ئىش ئۈچۈن يوقۇرى– تۆۋەن قاترىغانلىرى بىكار بولدىمۇ؟ ئە ++ دېرېكتور بۇخەۋەرنىئاڭلاپ مەيۈسلىنىپ قالىدۇ. ئەمما ئوقيانىڭ ماركا مۇتەخەسىسى «ماركا قانۇنى» دىن تولۇقخەۋەردار بولغاچقا، بۇ ئىشقا يەنىلا ئۈمۈتۋار قاراپ، ئە ++ دېرېكتورنى سەۋرىچان بولۇشقائىلھاملاندۇرىدۇ.ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن دېگەندەك،2005– يىل 5– ئايغا كەلگەندە، بۇ ئىش ئوڭغا تارتىلىشقا باشلايدۇ. دۆلەت ماركا ئىدارىسى2005– يىللىق 20– سان «ماركا ئېلانى» ژۇرنىلىدا، ب ماركىنى رويخەتكە ئېلىشنى تەستىقلىغانلىقتوغرىسىدا ئىلگىرى چىقارغان قارارنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى ھەمدە ئە ++ دېرېكتورنىڭئا ماركىدا ئاۋۋال شەكىللەنگەن ھوقۇقنى قوغداپ، ب ماركىنى رويخەتكە ئالماسلىق توغرىسىدىكىئېتراز ئىلتىماسىنى رەسمىي قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ.ھازىر ئە ++ دېرېكتورنىڭ ئېترازئىلتىماسى قانۇنىي تەرتىپ بويىچە تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ. ئەگەر بۇ ئېتراز پۇت تېرەپ تۇرالايدۇدەپ قارالسا، ب ماركىنى رويخەتكە ئېلىش ئىلتىماسى رەسمىي يوسۇندا رەت قىلىنىپ، ئە++ دېرېكتورنىڭ ئا ماركا ئارقىلىق ئېرىشكەن ماركا ھوقۇقىنىڭ بىر پۈتۈنلىكى قانۇن بويىچەقوغدىلىدۇ. ئە ++ دېرىكتور خوتەندىكى ئاچچىقسۇ زاۋۇتىنىڭ بىر قانچە يىلدىن بۇيان «گۈلدىيار»دېگەن ئۇيغۇرچە سۆزنى ئاچچىقسۇغا ماركا قىلىپ ئىشلىتىۋالغانلىقىنى ئەيىپلەپ، سوتقاھەق تەلەپ دەۋاسى قىلسا، مۇناسىپ تۆلەمگە ئېرىشەلەيدۇ. نورمال ئەھۋالدا تۆلەم سوممىسى50 مىڭ يۈەندىن يوقۇرى، 500مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولىدۇ. (خوتەندىكى ئاچچىقسۇ زاۋۇتى گەرچەئۆزى رويخەتكە ئالدۇرغان س ماركىنى قوللىنىپ مەھسۇلات چىقىرىشقا ھوقۇقلۇق بولسىمۇ،«گۈلدىيار» دېگەن ئۇيغۇرچە سۆزنى ئە ++ دېرېكتور رويخەتكە ئالدۇرغا تۈردىكى تاۋارغانام قىلىپ قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق ئەمەس). ئەگەر ئېتراز پۇت تېرەپ تۇرالمايدۇ دەپ قارالسا،ھەر ئىككى ماركا قانۇنىي جەھەتتە تەڭ ئېتراپ قىلىنىپ، ئوخشاش تاۋارغا قوللىنىلىدىغان«گۈلدىيار»دېگەن ماركىدىن ئىككىسى بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئىشنىڭ نەتىجىسى زادى قانداق بولار؟ماركا مۇتەخەسىسى بۇ سۇئالغامۇنداق جاۋاب بېرىدۇ:بۇ دىلودىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلەئاز سانلىق مىللەت يېزىقىنىڭ ماركىدىكى قانۇنىي ئورنىنى يېزىق قاتارىدا ئېتراپ قىلىشياكى رەسىم دەپ بېكىتىشكە باغلىق بولۇپ، ماركىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى قانۇنلۇق يېزىق دەپئېتراپ قىلىنسا، ئە ++ دېرېكتور دەۋادا چوقۇم ئۇتۇپ چىقىدۇ. ئەگەر ماركىدىكى ئۇيغۇريېزىقى قانۇنلۇق يېزىق قاتارىدا ئېتراپ قىلىنماي، رەسىم دەپ بېكىتىلسە، ئە ++ دېرېكتوردائۇتۇش ئىمكانىيىتى بولمايدۇ. ئېلىمىز كۆپ مىللەتلىك دۆلەت. «ئاساسىي قانۇن» دا ھەرقايسىئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل– يېزىقىنى قوللىنىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىبولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مىللەتلەر باراۋەرلىكى ئېلىمىزدىكى تۈپ سىياسىيتۈزۈملەرنىڭ بىرى بولۇپ، دۆلەتنىڭ ھەرقانداق مەمۇرىي ياكى ئەدىلىيە ئورگىنى مىللىيباراۋەرلىك ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا چېتىلىدىغان ئىشنى يېنىكلىك بىلەن بىر تەرەپقىلىۋەتمەيدۇ. ماركا ئىدارىسى ماركىدىكى ئېنگلىز، روس، فرانسۇز، ئەرەپ، ياپون تىل– يېزىقلىرىنىڭ يازمىچە ئالاقە قۇرالى بولۇش ئورنىنى ئېتراپ قىلغان يەردە، ئۇيغۇر ،زاڭزۇ، موڭغۇل قاتارلىق جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يېزىقىنى چوقۇم ئېتراپ قىلارئەلۋەتتە.ماركا مۇتەخەسىسى يەنە مۇنداقدەيدۇ:ئەگەر دۆلەت ماركا ئىدارىسىئۇيغۇر كونا يېزىقىنىڭ يازمىچە ئالاقە قۇرالى بولۇش رولىنى ئېتراپ قىلماي، ئە ++ دېرېكتورنىڭئېتراز ئىلتىماسىنى رەت قىلىۋەتسە، شىنجاڭ ئوقيا ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورنى بارلىق خىراجەتنىئۆزى چىقىرىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مىللەتلەر– دىن ئىشلىرىھەيﺊىتى ۋە گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىدىن ئاز سانلىق مىللەتيېزىقىنىڭ قانۇنىي ئورنى توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش بېرىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ ھەمدە بېيجىڭشەھەرلىك يوقۇرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دۆلەت سودا– سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭماركا ئىدارىسى ئۈستىدىن مەمۇرىي دەۋا قىلىپ، «ئاساسىي قانۇن» ۋە «مىللىي تېرىتورىيىلىكئاپتونومىيە قانۇنى» نىڭ ئېناۋىتىنى قوغداشنى مۇراجەت قىلىدۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش