پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 129|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

دۇنيادىكى 2-باي ۋارېن باففېت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

642

تېما

669

يازما

2561

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2561
دۇنيادىكى 2-باي ۋارېن باففېت

دۇنيادىكى بايلارنىڭ ئىچىدە شىركىتىنىڭ ھىچقانچە نامى چىقمىغان، شۇنداقلا پايچېكى سېتىۋېلىش ئارقىلىق باش كۆتىرىپ ، پاي چېكى سېتىش ئارقىلىق دۇنيادىكى ئەڭ باي شەخس قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلار بەك ئاز. ھازىر دۇنيا پايچېكى بازىرىدا ۋېرېن بافاېت ھەممىگەتونۇشلۇق يېتەكچى بولۇپ قالدى. ۋارىننىڭ پاي چېكى ساھەسىدە تەجرىبىسى مول بولغاچقاۋە بۇ ساھەدە ئابرويى بولغاچقا بىرەر شىركەتنى«پاي چېكى چۈشۈپ كېتىشى مۈمكىن» دەپ دەپلا قويسا پۈتۈن دۇنيادىكى پايچىكلار ئەنسىرەپ قولىدىكى پايچېكىنى سېتىۋېتىشكە ئالدىرايدۇ.نەتىجىدە ئۇ شىركەتنىڭ پاي چېكى راستلا چۈشۈپ كېتىدۇ. ۋارېن پالانى شىركەتنىڭ پايچېكىنى سېتىۋاپتۇ دىگەن خەۋەرمۇ بىرەر شىركەتنىڭ پايچېكىنى ئۆرلىتىۋېتىشكەقادىر. شۇڭلاشقا ھازىر ۋارىن ئۆزىنىڭ پايچېكىنى بازارغا سالدى. كىشىلەر تەجرىبىسى بولمىسىمۇ ۋارىننىڭ قولى ئارقىلىق پاي چېكى سېتىۋېلىپ پايدا ئالالايدىغان بولغاچقاۋارىننىڭ پاي چېكى نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ بازىرى ئىتتىك ۋە باھاسى ئۈستۈن پايچەك ھىساپلىنىدۇ.
دۇنيا بۇيىچە ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان مەبلەغشۇناس، 2006-يىلى 56مىلىيارد دوللار شەخسى مۈلكى بىلەن دۇنيا بۇيىچە ئىككىنچى چوڭ باي ئاتالغان ۋارىن بافىت 1930-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئۇماخا شەھرىدە تۇغۇلغان بۇلۇپ كىچىكىدىنلا سودا ئىشلىرىغائىنتايىن قىزىقاتتى. بولۇپمۇ پاي چېكى ۋە سان - سىفىرغا بولغان قىزىقىشى جەمەتىدىكى ھەر قانداق ئادەمدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئولتۇرسا قوپسا پۇل تېپىشنىڭلا كويىدا يۈرەتتى، 5ياشقاكەلگەندە تۇنجى قېتىم پۇل تېپىش يولىغا كىرىپ سېغىز يايمىسى ئاچقان، سەل چوڭ بولغاندىن كىيىن دوستى بىلەن گولىف توپ مەيدانىغابېرىپ بايلار ئويناپ بۇلۇپ تاشلىۋەتكەن توپلارنى يىغىپ ، يەنە ئەسلىدىكىزاۋۇتلىرىغا سېتىپ بەرگەن، ئەينى ۋاقىتتىكى سودىسىمۇ ئىنتايىن گۈللەنگەن ئىدى.ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كىيىن ئۈگىنىشتىن سىرىتقى ۋاقىتلاردا گېزىت ساتقاندىنسىرىت يەنە دوستى بىلەن بىرلىشىپ باشقىلارغا ئۇيۇنچۇق ئىجارە بېرىپ پۇل تاپقان.
1941-يىلىئەمدىلا 11 ياشقا كىرگەن ۋارىن بافىت پاي چېكى بازىرىغا كىرىپ ئۆمرىدىكى تۇنجى پاينى سېتىۋالغان.
1947-يىلى ئۇپېنسىلۋانىيە ئونۋىرسىتىتىنىڭ مالىيە ۋە كارخانا باشقۇرۇش كەسپىگە قۇبۇل قىلىنغان،بىراق ئىككى يىلدىن كىيىن پىروفىسورلارنىڭ قۇرۇق نەزرىيىسى قۇلىقىغا ياقماي، قايتائىمتىھان بېرىپ كولومبىيە ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ پۇل-مۇئامىلە كەسپىگە قۇبۇل قىلىنغان.ھەمدە ئەينى ۋاقىتتىكى داڭلىق مەبلەغشۇناسلىق نەزەرىيىچىسى بىنىيامىننى ئۇستازتۇتقان. ئەينى ۋاقىتتا بۇنيامىن ئۇنىڭغا سىڭدۈرگەن نەزەرىيىلەر بىلەن ئەسلىدىنلاتالانتلىق ۋارىن بافىت خۇددى بېلىق سۇغا ئېرىشكەندەك پۇرسەتنى قەدىرلەپ تىرىشىپ ئىلگىرلىگەن ھەمدە ئۇستازى بۇنىيامىننى ئەڭ پەخىرلەندۈرىدىغان شاگىرتقا ئايلانغان.
1950-يىلى خارۋارد ئونۋىرسىتىتىنى ئىلتىماس قىلىپ خارۋارد تەرىپىدىن رەت قىلىنغان.
1951-يىلى 21ياشلىق بافىت ئۇقۇش پۈتتۈرگەندە ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ يۇقۇرى نەتىجە +Aغا ئىرىشكەن.لېكىن ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن خىزمەت ئىزدەش جەريانىدا كۆپ قېتىم رەت قىلىنىشقائۇچراپ كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تېپىشقا ئامال بولمىغان. ھەمدە 1956-يىلى يۇرتىغاقايتقان، ئەينى ۋاقىتتا ياش ھەم جاسارەتلىك ۋورىن بافىت ئۆز تەقدىرىگە زادىلا تەنبەرگۈسى كەلمىگەن ھەمدە ئۆزى مۇستەقىل بىر ئىگىلىك تۇتۇشنى قارار قىلغان. بىرقېتىم ئۇ دادىسىنىڭ بىر دوستىنىڭ ئۆيىگە بارغاندا توساتتىن باشقىلارنى ناھايىتى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر قەسەمنى قىلغان، يەنى «30ياشقا بارغۇچە بىر مىليون دوللارلىق قىممەتتە مۈلۈكنىڭ ئىگىسى بولالمىسام ئۈزەمنى ئوماخا شەھرىدىكى ئەڭ ئىگىز بىنادىن تاشلىۋالىمەن».
ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇۋە بىر بۈلۈك دوستلىرى بىر يۈز بەش مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ چىقىرىپ بافىت چەكلىك شىركىتىنى قۇرغان، بۇ پۇلنىڭ ئىچىدە ئۇ چىقارغان مەبلەغ ئاران 100 ئامېرىكادوللىرى ئىدى.
شىركەت قۇرغاندەسلەپكى مەزگىللەردە ئۇ ئىنتايىن ئىھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرگەن شۇنداقتىمۇ شۇيىل ئاخىردا ئۇ باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ قۇرغان شىركەت 5 كە يەتكەن. خۇجايىن بولغان بافىت باشقىلارنى تەئەججۈپلەندۈرۈپ كۈن بۇيى ئوماخادىكى ئۆيدىن چىقمىغان ئەمەلىيەتتە ئۇ ماتېرىيال دۆۋىسىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكەن بۇلۇپ ئۇنىڭ ھەر كۈنىقىلىدىغان بىر دىن بىر خىزمىتى باھاسىدا ئۆز قىممىتى تۇلۇق ئىپادىلەنمەي قالغان پاي چەكلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىش ۋە ئۇلارغا مەبلەغ سېلىپ باھاسىىنىڭ ئۆرلىشىنى كۈتۈش ئىدى. بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇستازى بۇنىيامىندىن ئۈگەنگەن «ئالتۇن قىزىش سىرى»ئىدى. نەق مانا مۇشۇ سىر ئۇنى بايلىق تئغىنىڭ ئۈستىگە ئۇچۇرۇپ دىگۈدەك ئەپچىقىپقويدى.
1957-يىلى ئۇنىڭ باشقۇرىشىدىكى مەبلەغ 300مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى، شۇ يىلى يىل ئاخىرىدا700مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. 1962-يىلى ئۇنىڭ ئىلكىدىكى مەبلەغ 7مىليۇن200مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى،ئۇنىڭ ئىچىدە بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرى شەخسى ئۈزىگەتەۋە ئىدى.
1964-يىلى ئۇنىڭ شەخسى مۈلكى 4مىلىيۇن دوللارغا، ئۇنىڭ باشقۇرىشىدىكى مەبلەغ بولسا 22مىلىيۇندوللارغا يەتتى.
1972-يىلىغابارغاندا ئامېرىكا ئىقتىسادىدا بىر ئىزدا توختاپ قېلىش ھادىسىسى كۈرۈلگىنىگە بىرنەچچە يىل بولغان بۇلۇپ ئۇ چاغدىكى پاي بازىرى بەكلا سۇلغۇن، پاي چېكى باھالىرىمۇبەكلا تۈۋەن ئىدى، ھەممە خەق ئۈمىتسىزلىككە تولغان بۇلۇپ ۋورىن بافىت بولسا دەل ئەكسىچە ئىچى -ئىچىدىن بىر خىل خۇشاللىققا چۈمگەن ئىدى، چۈنكى ئۇنىڭ نەزرىدە شۇۋاقىتتىكى بازار ئەرزان پايلارغا تۇلۇپ كەتكەن بۇلۇپ بايلىق ئىلاھى ئۇنىڭ ئىشىكئالدىغىلا كىلىپ قالغان ئىدى. ئۇ ئالدى بىلەن كۈزىنى گېزىتچىلىك ساھەسىگە تىكتىھەمدە تىۋىش چىقارماستىن بوستون يەر شارى گىزىتى ۋە ۋاشىنگىتون پوچتىسى گىزىتىنىڭ پېيىنى يىغىشقا باشلىدى. 10يىلدىن كىيىن ئۇنىڭ ئەسلىدىكى سالغان 10مىلىيۇن دوللارمەبلىغى 200مىلىيۇن دوللارغا ئايلاندى.
1980-يىلى ئۇ بىريۈز يىگىرمە مىليون دوللار مەبلەغ چىقىرىپ10. 96دوللار باھادىن كۇكا كۇلاشىركىتىنىڭ %7پېيىنى سېتىۋالدى، 1985-يىلغا بارغاندا كوكا كولا شىركىتىنىڭ پايباھاسى 51. 5دوللارغا چىقىپ ئەينى ۋاقىتتىكىدىن بەش ھەسسە ئۆرلىدى.
1994-يىلغابارغاندا ئۇنىڭ مۈلكى 23مىلىيارد ئامرىكا دوللىرىغا يىتىپ غايەت زور مەبلەغ سېلىش گورۇھىنىڭ ئىگىسىگە ئايلاندى، شۇ چاغدا بىر گەپ ئوتتۇرغا چىققان بۇلۇپ 30يىل ئىلگىرى كىم ۋورىن بافىت بىلەن بىرلەشكەن بولسا بايلىق راكىتاسىغا مىنگەنگە تەڭ بۇلاتتى.
2006-يىلى ئۇنىڭ مۈلكى 48 مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتىتى دۇنيا بۇيىچە ئىككىنجى چوڭ بايلىق ئورنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، 2006-يىلى ئۇ يەنە دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان بىرقارارنى چىقاردى، يەنى ئۇ ئۆزى ئۆلگەندىن كېيىن، بارلىق مال مۈلكىنى، بېلگايتىس-مېلىندا پاراۋانلىق جەمىيىتىگە ئىئانە قىلىۋېتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
جۇڭگوئۇيغۇرچە رادىيو تورى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش