ئۇيغۇر ماركا تورى

تېما: غالتەك تېيلىش ئورنى ئېچىشتىن مەسلىھەت ؟ [بەتنى بېسىپ چىقىرىش]

يوللىغۇچى: ئۆمەرىم    ۋاقىت: 2016-4-15 14:03
تېما: غالتەك تېيلىش ئورنى ئېچىشتىن مەسلىھەت ؟
مەن يىقىندا غالتەك يەنى ‹كاڭكى › تېيلىش ئورنى ئېچىشنى ئويلاشقانتىم . ئەمما قانداق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشمنى بىلەلمىدىم..
1 باسقۇچتا قايسى ئىدارىدىن رەسمىيەتلەرنى بېجىرىمىز ، ھەم  قانداق ئىدارىلەردىن مۇناسىپ ئىشلارنى  بىجىرىمىز.
2.غالتەك تىيلىش ئورنى نىڭ قانداق ئۆلچەملىرى بار.. مەسلەن يەرنى مانداق نەرسىدە قىلسە ئۇستى مانداق نەرسىدە بىزەيسە مانداق قوغدىنىش ئەسلىھەلىرىنى قىلسا دىگەندەك  ، ئىشلىرىنىيۇ دەپ بىرىڭلار.. ھەمدە قانچىلىك مەبلەغ كىتىدۇ. شۇنىمۇ دەپ بىرىڭلار.

يوللىغۇچى: uymarka    ۋاقىت: 2016-4-16 20:03
ياخىشى ئويلاپسىز؟ ئەڭ ئاۋۋال بازا باشقۇرۇشقا بېرىپ تىجارەت كېنىشكىسى ئىلتىماس قىلىسىز، كانكا تېيىلىش مەيداننىڭ ئىسمىنى تەستىقلىتىپ بولغاندىن كېيىن ،كانكا تېيىلىش مەيدانىغا ئەۋۋال ئوت ئۆچۈرۈش رىسمىيىتى بېجىرىسىز، ئاندىن مەدەنىيەت ئىدارىسىدىن كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ئىجازەتنامىسى ، تىجارەت كېنىشكسى ۋە باج كېنىشكىسى بېجىرىسىز. كېنىشكە بېجىرىش تەرتىپى مۇشۇ بۇيىچە بۇلىدۇ . ئوت ئۆچۈرۈش ئەتىرتىنىڭ تەلىۋىدە ئوت كاتكاندە تارقاقلاشتۇرۇش ئىشىنى بەكراق ئويلىشىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلەتكەن ماتىريالغا تەلەپ يۇقىرى ، كانكا تېيىلىش مەيدانىنى لايھەلىگەندە ئاۋال ئوت ئۆچۈرۈش ئەتىرتىگە بېرىپ تەلەپلىرىنى ئاڭلاپ بولۇپ ئاندىن ئۈستى تەرەپكە ئىشلىتىدىغان ماتىريال ، چىراق، ياڭراتقۇ ، ئارام ئېلىش ئورنى ۋە باشقا ئورۇنلارنىڭ لايھەسىنى قىلدۇرۇپ، خەرىتىنى بىر نۇسقا تاپشۇرسىلە، ئاندىن شۇ بۇيىچە ئىش ئېلىپ بارساڭلا بولىدۇ . ئىككىنچى تۈردە كانكا تېيىلىدىغان ئادەملەرنىڭ تېيىلغاندىكى بىخەتەرلىك ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتى دىگەن ئىشلارنى ئويلشىسىلەر. ئىشقىلىپ تەپسىلى قىلغانغا يەتمەيدۇ.كانكا تېيىلىش مەيدانى ئەڭ كىچىك بولغاندىمۇ 200-300 كۇۋادىرات چوڭلۇقتا بولسا بۇلىدۇ .

QQ截图20160417162851.png (374.04 KB, چۈشۈرۈش سانى: 2)

چۈشۈرۈش

2016-4-17 16:31 چىقىرىش



QQ截图20160417162909.png (147.73 KB, چۈشۈرۈش سانى: 2)

چۈشۈرۈش

2016-4-17 16:31 چىقىرىش



QQ截图20160417162932.png (314.66 KB, چۈشۈرۈش سانى: 3)

چۈشۈرۈش

2016-4-17 16:31 چىقىرىش



QQ截图20160417162952.png (1.16 MB, چۈشۈرۈش سانى: 2)

چۈشۈرۈش

2016-4-17 16:31 چىقىرىش



QQ图片20160417163042.png (210.67 KB, چۈشۈرۈش سانى: 2)

چۈشۈرۈش

2016-4-17 16:31 چىقىرىش




يوللىغۇچى: ئۆمەرىم    ۋاقىت: 2016-4-20 13:03
ھە  بىلدىم رەھمەت سىزگە..




خۇش كەپسىز ئۇيغۇر ماركا تورى (/bbs/) Powered by Discuz! X3.2