پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 172|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

«ئامازون» شىركىتىنىڭمۇۋەپىقىيەت قازىنىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

642

تېما

669

يازما

2561

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2561
«ئامازون» شىركىتىنىڭمۇۋەپىقىيەت قازىنىش

«ئاموزون» شىركىتى 1995- يىلى ئىيۇلدا قۇرۇلغانتوردىكى تۇنجى مەۋھۇم كىتابخانا. بۇ شىركەت قىسقىغىنە تۆت يىلدىلا دۇنيا بويىچە ئەڭمۇۋەپىقىيەت قازانغان ئېلېكترونلۇق سودا شىركىتىگە ئايلانغان. ئۇنداقتا « ئاموزون» شىركىتىنىڭ بۇنچە تېز شۆھرەت قازىنىشىدىكى سىر نەدە؟ تور يېڭىدىن گۈللەنگەنمەزگىلدە، « ئاموزون» شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى جېف بېزوس يېڭى سودا دەۋرىنىڭ يېتىپكەلگەنلىكىنى سەزگۈرلۈك بىلەن بايقىغان. ئېلېكترونلۇق سودا باشلانغان دەسلەپكىمەزگىلدە، جېف بېزوس ئەڭ ئوڭاي ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان ھەمدە ئاسانلائۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگىلى بولىدىغان ئىشنىڭ تور كتاپخانىسى قۇرۇش ئىكەنلىكىنى تونۇپيېتىپ، 1995-يىلى 6-ئايدا« ئاموزون» شىركىتىنى قۇرغان. شىركەت كومپيوتېرنىڭ مەۋھۇمبوشلۇقىنى كىتابخانە قىلىپ، يۇمشاق ماتېرىيال پروگىراممىسى ئارقىلىق مال كىرگۈزۈپۋە چىقىرىپ ، ئەنئەنىۋى كىتابخانىغا قارىغاندا ئادەم ۋە ماددىي كۈچىنى تېجەپقالغان. مەۋھۇم كىتابخانا بىلەن ئەمەلىيەتتىكى كىتابخانا ئوتتۇرسىدا باھا رىقابىتىمەۋجۇت ئەمەس، پەقەت خېرىدارلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش جەھەتتىلا پەرقلىنىدۇ. جېفبېزوس مەۋھۇم كىتابخانىنىڭ كىتاپ ساقلاش مىقدارى نەزەرىيە جەھەتتە چەكلىمىگەئۇچرىمىسىمۇ، ئەنئەنىۋى كىتابخانىلار بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئوبدانبىلەتتى. 1999- يىلىنىڭ ئاخىرىدا « ئاموزون» تور كىتابخانىسى 4 مىليون 700 مىڭپارچە كىتاب بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغاندا، شىركەت نىشانىنى كىتابلىرىنى كىتاپخانىدا تارقاتمايدىغان كىچىك سودىگەرلەرگە يۆتكىدى ھەمدە بۇ كىچىك سودىگەرلەرتارقاتقان كىتابلارنى توردا ساتتى. « ئاموزون» شىركىتى تور سودا ساھاسىدە ئىلگىرىكۆرۈلۈپ باقمىغان بىر كىتابخانا قۇرۇپ، دۇنيادىكى 100دىن ئارتۇق دۆلەتتىكىخېرىدارلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ كەلدى. 1999-يىلىدىكى ستاتىستىكىغا قارىغاندا، بۇتور بېكىتىدە مال سېتىۋالغانلار 6 مىليون 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمگە يېتىپ، 1998- يىلىدىكىدىن %64 ئاشقان. بۈگۈنكى « ئاموزون» شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئىچىدەمۇزىكىلىقCD، VCD، ئويۇنچۇق، ئاشخانا سايمانلىرى، يۇمشاق ماتېرىيال، ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى، قاتتىق ماتېرىيال قاتارلىقلار بار. ئېلېكترونلۇق سودىنىڭ تەرەققىياتى « ئاموزون» شىركىتىگە ياخشى پۇرسەت يارىتىپبەردى، « ئاموزون» شىركىتى ئۆزىنىڭ مۇلازىمىتى ئارقىلىق «دۇنيادىكى تۇنجى توركىتابخانىسى» دېگەن نامغا ئېرىشتى. « ئاموزون» شىركىتى ئېلېكترونلۇق سودارىۋايىتىنى ياراتتى. يېقىنقى بىر قانچە يىلدا، ئېلېكترونلۇق سودىنى قوغلاشقانكارخانىلار كەينى-كەينىدىن بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، « ئاموزون» شىركىتى شۇنچە كۆپكەسپداشلىرى ئىچىدە يەنىلا ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ، ئاجايىپ بىر ئېلېكترونلۇق سوداكەسپىنى ياراتتى. ئاموزون شىركىتى كەسپىي جەھەتتە تەرەققىي قىلىپلا قالماي، كۆلىمىنى كېڭەيتىش ۋە سۈرئىتىنى تېزلىتىش جەھەتتىمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەكنەتىجىگە ئېرىشتى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى « ئاموزون» شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى جېفبېزوسنىڭ ئۆزگىچە ئىگىلىك باشقۇرۇش ئۇسۇلىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. جېف بېزوسمۇنداق دەيدۇ: « ئاموزون» شىركىتىنىڭ توردىكى سودا ئەپەندىسى خېرىدارلارغا ئىسلاھاتئېلىپ كەلدى؛ « ئاموزون» شىركىتى پەقەتلا بىر ئۇچۇر ۋاكالەتچىسى. « ئاموزون» شىركىتىنىڭ بىر تەرىپىدە مەھسۇلات، يەنە بىر تەرىپىدە خېرىدار بار. « ئاموزون» شىركىتى كىتاب ئىزدەيدىغانلار بىلەن نەشىرياتچىلاردىن ئىبارەت ئىككى خىل خېرىدارئارىسىدا ۋاستىچىلىك قىلىدۇ. جېف بېزوسنىڭ سودا ئېڭى مۇنداق: « ئاموزون» شىركىتىمىلىچ مال ساتىدىغان شىركەت ئەمەس، بەلكى خېرىدارلارنىڭ شىركىتى، يەنى خېرىدارلاربىلەن سودىگەرلەر ئوتتۇرسىدا مۇلازىمەت قىلىدىغان، ئېھتىياج بىلەن تەمىنلەشنى تەڭئېلىپ بارىدىغان «ۋاستىچى»، شۇڭا شىركەت ئىختىساسلىقلارغا مۇھتاج. جېف بېزوسئەمەلىيەتچىل ئادەم، ئۇ كىشىلەرنىڭ تۈپ ئېھتىياجىنى بايقىيالىغانلىقتىنمۇۋەپىقىيەت قازانغان. خېرىدارلار ھەرقانداق ۋاقىتتا « ئاموزون» شىركىتىدىن كىتابسېتىۋالالايدۇ. ئۇلار ئاپتورنىڭ ئىسمى، كىتابنىڭ نامى ۋە تۈرىنى ئىزدەش ئارقىلىقلائۆزلىرىگە ئېھتىياجلىق كىتابلارنى تاپالايدۇ. بۇ تور بېكىتىدىن تۇنجى قېتىم كىتابسېتىۋالغان خېرىدار چوقۇم ئادېرىس ۋە ئىناۋەت كارتىسىنىڭ نومۇرىنى توردىكىجەدۋەلگە تولدۇرۇشى كېرەك، خېرىدار جەدۋەلنى تولدۇرۇپ تاپشۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، سىستېما دەرھال ئۇنىڭغا زاكاس باھاسى ۋە مۇندەرىجىسىنى ئۇقتۇرىدۇ. زاكاس تالون تورئارقىلىق بېكىتىلىدۇ، مال سېلىنغاندىن كېيىن، « ئاموزون» شىركىتىنىڭ ئامبىرىئېلېكترونلۇق يوللانما ئارقىلىق خېرىدارغا ئۇقتۇرىدۇ. « ئاموزون» شىركىتىكىتابلىرىنى %10تىن %30كىچە ئېتىبار باھادا سېتىپ بېرىدۇ ھەمدە مالنى ھەقسىزيەتكۈزۈپ بېرىدۇ. جېف بېزوس مەبلەغنى تېجەش ئارقىلىق شىركەتنى كېڭەيتكەن. ئۇ پايدىدىنتەڭ بەھرىمان بولۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى ساقلاپ قالغان. پايدىدىن تەڭبەھرىمان بولۇشتا، ئۇ «ئاموزون» شىركىتىنىڭ خادىملىرىنى شىركەتنىڭ پېيىدىن تەڭبەھرىمان قىلدۇرغان. بۇنداق بولغاندا، « ئاموزون» شىركىتىنىڭ خادىملىرىنىڭ ئاساسىيمائاشى بازار باھاسىدىن تۆۋەن بولسىمۇ، خادىملار شىركەتكە كىرگەندىن كېيىن، شىركەتنىڭ پېيىغا خېرىدار بولالايدۇ. شۇڭا خادىملار بۇ تەمىناتتىن بىرقەدەر رازى. ئالايلۇق، 1997- يىلى شىركەتكە كىرگەن بىر خادىمنىڭ يىللىق مائاشى 20 مىڭ ئامېرىكادوللىرى. لېكىن بۇ خادىمنىڭ قولىدىكى پېيىنىڭ قىممىتى يىللىق مائاشىنىڭ ئىككىھەسسىسىدىن ئاشىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق جېف بېزوس « ئاموزون» شىركىتىدىكىخادىملارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇۋالغان. « ئاموزون» شىركىتىنىڭ كۆلىمى كۈندىن-كۈنگەكېڭىيىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خادىملىرىمۇ كۆپىيىشكە باشلىغان. ئىختىساسلىقلارنى قوبۇلقىلىش « ئاموزون» شىركىتىنىڭ مۇھىم تىجارەت يوللىرىنىڭ بىرى. « ئاموزون» شىركىتىئىختىساسلىقلارنىڭ ساپاسىغا يۇقىرى تەلەپ قويىدۇ. خادىملارنىڭ تېگى- تەكتىنىسۈرۈشتۈرمەيدۇ، يېڭى پىكىر بېرەلەيدىغان ئادەملەرنى تاللايدۇ. ئالايلۇق،« ئاموزون» شىركىتىدىكى بەزى خادىملار ئىلگىرى كەسپىي مۇز تېيىلىش ماھىرى، بەزىلىرى مۇسابىقەئاپتوموبىلى ماھىرى بولغان، بەزىلىرىنىڭ ئۈچ خىل ئىلمىي ئۈنۋانى بار، يەنەبەزىلىرى كۆپ تىل بىلىدۇ. ئاموزوننىڭ مەمۇرىي خادىملىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىمۇ ھەرخىل، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يۇمشاق ماتېرىيال شىركىتىدىن كەلگەنلەرمۇ، ئەركىنسەنئەتكارلارمۇ، تولغىما ئۇسسۇل مۇزىكانتلىرىمۇ، يەنە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭئوقۇتقۇچىلىرىمۇ بار. « ئاموزون» شىركىتى ئىختىساسلىقلارنىڭ شىركەتنىڭ ئەڭ مۇھىمبايلىقى ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. « ئاموزون» كارخانا مەدەنىيىتىگە ماسكېلىدىغان ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش بىلەن بىرگە، مەبلەغ تېجەش ئۈچۈن، توردىنتېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. « ئاموزون» شىركىتى ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلغاندائەنئەنىۋى ئۇسۇل بويىچە ئىمتىھان ئالمايدۇ. بۇ« ئاموزون» شىركىتى ئۈچۈن ۋاقىت، پۇلۋە ماددىي كۈچىنى ئىسراپ قىلىش بىلەن باراۋەر. ئۇلار ھەممە ئىشنى توردىلا ھەلقىلىدۇ. جېف بېزوسنىڭ ئىختىساسلىقلارنى بايقاشتا ئۆزگىچە ئۇسۇلى بار. چېپ بېرسئىسىملىك بىر مۇخبىر جېف بېزوسنىڭ ئىختىساسلىقلارنى بايقاش ئۇسۇلىنى «سوقراتتەجرىبىسى» دەپ ئاتىغان. ئاتالمىش«سوقرات تەجرىبىسى» — قوبۇل قىلىنغۇچىنىڭ جېفبېزوسنىڭلا ئەمەس، « ئاموزون» شىركىتىدىكى باشقا خادىملارنىڭمۇ يۈز تۇرانەئىمتىھانىنى قوبۇل قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. جېف بېزوس ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭئالاھىدىلىكىنى ئۆزىنىڭ گرافىكى بويىچە ئۆلچەيدۇ، ئەگەر ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ بىرەريېرى ياقمىسىلا قوبۇل قىلمايدۇ. « ئاموزون» شىركىتىگە قوبۇل قىلىنغان بىر خادىممۇنداق دېدى: ھەر بىر خادىم قوبۇل قىلىنغاندا، «ئاموزون» شىركىتىنىڭ يېڭى خادىم قوبۇل قىلىش ئۆلچىمى بىر دەرىجەئۆرلەيدۇ. سۇنىڭ ئۇلغىيىشىغا ئەگىشىپ پاراخوتمۇ كۆتۈرۈلگەندەك، شىركەتنىڭخادىملىرىنىڭ ساپاسىمۇ سىجىل ئاشىدۇ. مانا بۇ جېف بېزوسنىڭ خادىملارنىڭ ساپاسىنىئۆستۈرۈش سىرى. ئەركىنلىك « ئاموزون » شىركىتىنىڭ كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىرئىپادىسى. بۇنىڭدىن باشقا، « ئاموزون» «كوللېكتىۋىزىملىق روھ، تىرىشىپ ئىشلەش، مۇلازىمەتتە قىزغىن بولۇش»نى تەكىتلەيدۇ.« ئاموزون» شىركىتى يېڭى خادىم قوبۇلقىلغاندا ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدىكى مىجەزىنى سىناش ئارقىلىق ئۇنىڭ ساپاسىغاباھا بېرىدۇ. ياخشى خىزمەت مۇھىتى، خادىملىرىنىڭ ئازادە كىيىنىشى « ئاموزون» شىركىتىنىڭ خىزمىتىنىڭ ئاسانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. « ئاموزون» شىركىتىدە: «تىرىشىپئىشلە، قانغۇچە ئوينا، تارىخ يارات» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزى بار. « ئاموزون» شىركىتىنىڭ كارخانا مەدەنىيىتى خادىملارنىڭ پۈتۈن زېھنى بىلەن خىزمەت قىلىشىغاتۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە شىركەتنىڭ تەقدىرىنى خادىملارنىڭ قولىغا تاپشۇرغان. بۇئىدىيە خادىملارنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن. جېف بېزوس خادىملاردىن پايغاقارىماي، پۈتۈن زېھنى بىلەن خىزمەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شىركەتتە يۇقىرىدىنتۆۋەنگىچە كۆڭۈل بۆلىدىغىنى خېرىدارلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش. پايغا قارىمىغانلىقئەلۋەتتە پايغا كۆڭۈل بۆلمىگەنلىك بىلەن باراۋەر، لېكىن ئاموزوننىڭ پېيىنىڭ باھاسى 1999- يىلى تېز ئېشىپ ۋورېن بافىت رەھبەرلىكىدىكى «خاسۋاي» مەبلەغ سېلىششىركىتىنىڭ 21 يىل داۋاملاشقان ئەڭ يۇقىرى پاي باھا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ شىركەتقاينام- تاشقىنلىققا چۈمگەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش