بورتالا شەۋكەت كۆن-خۇرۇم چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى
شەۋكەت كۆن-خۇرۇم چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 1999-يىلى 6-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، كۆن-خۇرۇم پىششىقلاش، سېتىش، ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. قۇرغۇچىسى شەۋكەت ئابلەت. ئەنگە ئالدۇرغان مەبلىغى 12 مىليون 564 مىڭ يۈەن. ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى 86 مىڭ 600 كىۋادىرات مېتىر. يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 360 مىليون يۈەن. يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 150 مىڭ توننا .
شىركەت مەھسۇلاتلىرى
شىركەت كۆن-خۇرۇم، يۇڭ مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ، مەھسۇلاتلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا، رۇسىيە، تۈركىيە، گۇاڭدۇڭ، فۇجىيەن ئۆلكىلىرىنى قاپلىغان.
شىركەت تەرەققىيات تارىخى
1999-يىلى 6-ئايدا بورتالا شەھىرىگە قۇرۇلغان.
2000-يىلى 6-ئايدا ئالاتاۋ شەھىرىگە يۆتكەپ كېلىنگەن.
2004-يىلى ئابلەت ھاجى مېھمانسارىيى قۇرۇلغان.
2006-يىلى شىنجاڭ قورغاس سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇلغان.
2007-يىلى شىنجاڭ تۇمارىس ئالىي مېھمانسارىيى قۇرۇلغان.
2008-يىلى بېيجىڭ تۇمارىس ئالىي مېھمانسارىيى قۇرۇلغان.
2010-، 2012-يىلى قازاقىستان كۆن-خۇرۇم پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى، ئۆزبېكىستان كۆن-خۇرۇم پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇلغان.
2011-يىلى گۇاڭجۇ، دوڭگۈەن، فوشەن، فۇجيەن قاتارلىق جايلاردا مەخسۇس سېتىش نۇقتىلىرى قۇرۇلغان.
2011-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاقاسلىقنى كۆكەرتىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇلغان.
شىركەت يەنە ئۈرۈمچىنىڭ شەرقى ئايلانما يولىغا بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانا سالماقچى.
شىركەت شان–شەرىپى
2010-، 2011-يىلى «كۆن-خۇرۇم ئىشلەش ساھەسىدىكى ئون مۇنەۋۋەر يېڭىلىق ياراتقۇچى كارخانا»، «جۇڭگو ئون چوڭ كۆن-خۇرۇم ئىشلەش كارخانىسى»، «بىخەتەر ئىشلەپ چىقىرىش خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن» دېگەن ناملارغا ئېرىشكەن.
2011-يىلى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يېڭى سانائەتلەشتۈرۈش قۇرۇشىنى تىزلىتىش خىزمەت ئەترىتى تەرىپىدىن «ئون كۈچلۈك سانائەت كارخانىسى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.
10-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن 2012-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە «ئىجرا ھەيئەت ئەزا كارخانا»دېگەن نامغا ئېرىشكەن.
2010-يىلى ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن 2008-، 2009-يىللىق «توختامغا ئەمەل قىلىدىغان ئورۇن» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.
2010-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيە ئالاتاۋ ئېغىزى كومىتېتى، ئالاتاۋ ئېغىزى باشقۇرۇش كومىتېتى تەرىپىدىن «كۆپ باج تاپشۇرغۇچى ئورۇن» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.
2010-يىلى 4-ئايدا بورتالا ئىشچىلار باش ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن «شەخسىي مۇنەۋۋەر كارخانا» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.
2010-يىلى 3-ئايدا «بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى 2009-يىللىق ئون چوڭ باج تاپشۇرغۇچى كارخانا» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.
شىركەت تەشكىلىي قۇرۇلمىسى
شىركەت باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى، خام ماتېرىيال سېتىۋېلىش بۆلۈمى، ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمى، سېتىش بۆلۈمى، مالىيە بۆلۈمى قاتارلىق بۆلۈملەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئاسپىرانت 3 نەپەر، تولۇق كۇرس 12 نەپەر، مەخسۇس كۇرس23 نەپەر، ئوتتۇرا تېخنىكوم 38 نەپەر، تولۇق ئوتتۇرا 82 نەپەر، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا 64 نەپەر، باشلانغۇچ 35 نەپەر.
شىركەت تۆھپىسى
شىركەت قۇرۇلغان ئون نەچچە يىل جەريانىدا نۇرغۇن كىشىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ جەمئىيەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمىنى يەڭگىللەتتى.
ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى
شىركەت ئورنى: بورتالا ئوبلاستى ئالاتاۋ شەھىرى دۇڭگۈي يولى 2-نومۇر
تېلېفون نومۇرى: 6991645-0909، 6993069-0909
مەنبە : ئەرقال تاراتقۇسى
http://www.erqal.com/uyghur/html/2014/0721/307-7.html
تۇمارىس مىھمانسارىيى ئۈندىدار سۇپىسىدا يەنە مۇنداق ئۇچۇرلار بار ئىكەن :
شەۋكەت كۆن-خۇرۇم چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قارمىقىدىكى تىرە زاۋۇتى يىلىغا بىر مىليون چوڭ تىرە ، ئىككى مىليۇن قوي تىرىسى پىششىقلاپ ئىشلەش سەۋىيەسىگە ئىگە . پاسكىنا سۇ بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتە بىرىنجى دەرىجىلىك ئۆلچەمگە يەتتى .
زاۋۇت كۆلەم جەھەتتە غەربى شىمالدىكى بەش ئۆلكە _ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە 1 - ئورۇندا ،مەملىكەت بويىچە 1- ئورۇندا ، ئاسىيا بويىچە 7- ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ زاۋۇت .
ئەينى يىللىرى مۇسابايۇفلارنىڭ تىرە زاۋۇتى يىلىغا 40 مىڭ چوڭ تىرە (ئات ، كالا تىرىسى ) ، 600مىڭ پارچە كىچىك تىرە (قوي ، ئۆچكە تىرىسى ) پىششىقلايىتتى .
مەنبە ؛ئىزدىنىش