مايۇننىڭ خوتۇنىنىڭ سۆزى سانسىزلىغان ئاياللارنى سۈكۈتكە چۆمدۈردى
مايۇننىڭ خوتۇنى مۇنداق دېدى: مايۇن ئىككىمىز ساۋاقداش، بىز ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا توي قىلدۇق. مايۇن ئۈنچە كېلىشكەن ئەرلەردىن ئەمەس، لېكىن مەن ئۇنى نۇرغۇنلىغان كېلىشكەن ئەرلەر قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلالايدۇ،دەپ قارايتىم. دەرۋەقە، مېنىڭ قارىشىم خاتا چىقمىدى، ئۇ تاۋباۋنى قۇردى، ئېنتىرنىت تورى ساھەسىدە مۆجىزەيارىتىپ، مەملىكەت بويىچە ئىگىلىك تىكلەش نەمۇنىچىسى بولدى، كۆپچىلىك ئۇنى « ئىگىلىك تىكلەش ئۇستازى» دەپ ئاتاشقاندا،شۇنچىلىك پەخىرلىنىپ كېتىمەن.
ھەممە ئادەم «مۇۋەپپەققىيەت قازانغان ئەرنىڭ ئارقىسىدا ئېسىل بىر ئايال بولىدۇ» دەپ قارايدۇ.قانداق ئايال «ئېسىل ئايال » ھېساپلىنىدۇ،دېگەندە، مېنىڭچە ، پاراسەتلىك، ئەخلاق-پەزىلەتلىك،ئېرىنىڭ ئىشلىرىغا ھەمدەم بولىدىغان،ئېرىنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ،بالىسىنى ياخشى تەربىيەلەيدىغان ئايال « ئېسل ئايال » ھېساپلىنىدۇ.
ئانام مىنىڭ تويۇم بولىدىغان كۈنى ماڭا مۇنداق دېگەن: « قىزىم، بۈگۈن سەن ياتلىق بولىسەن، مەن ساڭا مۇماڭ ئەينى چاغدا ماڭاتاپىلىغان گەپلەرنى ساڭىمۇ تاپىلاي: 1، ئېسىڭدە بولسۇنكى، سەن باشقىلارغا ياتلىق بولغاندىن كېيىن، ھەم خوتۇن ھەم ئانا بولىسەن، بۇرۇنقىدەك ئەركىن يۈرۈيدىغان ۋاقتىڭ كېتىدۇ، ياتلىق بولغانىكەنسەن، ئېرىنىڭنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ، بالىسىنى ياخشى تەربىيەلەش، ئائىلە ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ۋەزىپىسى زىممەڭدە بولىدۇ.2، شۇنىسى قەتئىي ئېسىڭدە بولسۇنكى، ئېرىڭىنى ياخشى كۆرىمەن دېسەڭ، چوقۇم ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسىنىمۇ ياخشى كۆرۈشۈڭ كېرەك. ئېرىڭنىڭ ئاتا- ئانىسى بولمىسا، سەن ياخشى كۆرگەن، سېنى كۆيدۈرگەن شۇ ئەر ساڭا نەدە تۇرۇپتۇ؟ قېيناناڭنىڭ ساڭا بولغان مۇئامىلىسىنى بىزنىڭ ساڭا بولغان مۇئامىلىمىزگە سېلىشتۇرمىغىن. 3، ئېرىڭگە ئالاكۆڭۈللۈك قىلما،ئۇنىڭ تاپقانلىرىنى بۇزۇپ چاچما. ئەر كىشى دېگەن ھەممە ئىشنى ساڭادەپ ئولتۇرمايدۇ،شۇڭا سەن ئۇنى بىلىشىم كېرەك،دەپ، بەك زورىقىپ كىرىشىۋالما. 4،ئېسىڭدە بولسۇنكى، ئېرىڭنى باشقۇرىمەن دېسەڭ، ئۇ ئاغزىدا ساڭا ئىتائەت قىلغان بولۇپ، ئۆز ئىشىنى قىلىۋېرىدۇ، ئۇنىڭغا كۆيۈنسەڭ، كۆڭلىنى ئۇتالايسەن. شۇڭا ئۇنى ھە دېسىلا باشقۇرىمەن دەپ ئويلا. 5، ئېرىڭنى ئۆزگەرتىمەن دېمەي، ئۇنىڭغا تەسىركۆرسەت. ئەر كىشى ئەسلىدىنلا ھورۇن كېلىدۇ ۋە ئانچە پاكىز بولۇپ كەتمەيدۇ، شۇڭا ئۇئۆيگە كەلگەندە ھەمىشە ئۇنى- بۇنى قىلىپ بېرىڭ، دەپ، ئۇششاق- چۈششەك ئىشلارغائاۋارە قىلىساڭ، ئۇ خىزمەتتە زېھنىنى يىغالمايدۇ، بېسىمى ئارتىپ كېتىدۇ. 6، ئۇئۆيگە قايتىپ كەلگەندە، سەنمۇ ئۆيدە بول، ئۇ ئۆيگە سېنى كۆرۈش، ئاۋازىڭنى ئاڭلاش،سەن بىلەن مۇڭدىشىش ئۈچۈن كېلىدۇ، ھەرگىزمۇ سېنىڭ كوتۇلداشلىرىڭنى ئاڭلاش ئۈچۈنكەلمەيدۇ. 7. سەن ئۆز گۇمانىڭغا ئىشنىپ يۈرمە. بەزى ئىشلار سەن تەسەۋۇرقىلغاندىكىدەك بولۇشى ناتايىن، سەن ئەر كىشىگە گۇمانىڭ بويىچىلا گەپ قىلساڭ،ئۇنىڭغا ئېغىر زەربە بەرگەن بولىسەن، ھەم ئۆزۈڭگە ئىشەنمىگەن بولىسەن. 8، ئايال كىشى ھەرقانداق ئەھۋالدا ئەر كىشىگە قوپال تەگمەسلىك كېرەك، ئەگەر قوپال تەگسەڭ،ئۇساڭا تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېقىنچىلىق قىلمايدۇ.( ئىزدەن سالۇنىنى قوشۇۋالسىڭىز، سىزگە نەپبېرىدىغان مەزمۇنلارنى يوللاپ تۇرىمىز) 9، ئېرىڭدىن ئاغرىنىپ يۈرمە، ئۇنى ھاقارەتلەيدىغان ئىشنى تېخىمۇ قىلما. ئاغرىنىش سېنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىشلەردىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ، ھاقارەت قىلىش ئەر كىشىنى سەندىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرىدۇ. 10،مۇھەببەت ئېقىن سۇغا ئوخشايدۇ، شۇڭا ئېرىڭنى ئىلكىمگە ئېلىۋالىمەن دەپ ئويىلما.ئۇنداق قىلىشتىن كۆرە ئۇنىڭ قەلبىنى ئۇتۇشقا تېرىشقىن. ئەر كىشى مال- دۇنيا ئۈچۈنلا ياشىمايدۇ، ئۇنىڭغا مال-دۇنيادىنمۇ بەكرەك ئابروي مۇھىم. پەزىلەتلىك ئېسىل ئاياللارنىڭ تەسىرى ئۈچ ئەۋلاد داۋاملىشىدۇ، ناچار ئاياللارنىڭ تۇرمۇشى ھېچقاچان تېنچ ئۆتكەن ئەمەس. بۇلارنى ھەرگىزمۇ ئېسىڭدىن چىقارما !
مېنىڭچە يۇقارقى 10 ئىشقا دىققەت قىلالىغان ئايال كىشى ئېرىنى ئاسانلا مۇۋەپپەقىيەت يولىغاباشلىيالايدۇ.
ئەسكەرتىش : بۇمەزمۇن « ئىزدەن» سالۇنىدىن ئېلىندى