پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 221|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

بىز نېمە ئۈچۈن بايلارغا ئۆچمەنلىك قىلىمىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

642

تېما

669

يازما

2561

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2561
بىز نېمە ئۈچۈن بايلارغا ئۆچمەنلىك قىلىمىز

بايلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئەنئەنىسىدەكلا بىر ئىش. تىجارەتچىلەرنى پەس كۆرۈش ئۇزاق تارىختا شەرق بىلەن غەربنىڭ ئورتاق قارىشىغا ئايلىنىپ قالغان دېسەكمۇ بولىدۇ.
سانائەت ئىنقىلابىدىن كېيىن غەرب سودا ساھەسىگە ئېتىبار بىلەن قاراشقا باشلىدى. بەزىلەرنىڭ كاپىتالىزىمغا بولغان نورمال پائالىيىتى نەزەرىيە جەھەتتىن ئېنقلىققا ئىگە بولدى. بىراق، شەرقتە بولۇپمۇ جۇڭگودا بايلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋەردى. بۇنىڭدىكى سەۋەب نېمە؟ جۇڭگونىڭ سودىگەرلىرى باشقا دۆلەتلەرنىڭ سودىگەرلىرىدىن رەزىل، مەككارمۇ؟ ئۇلاردا سەمىمىيلىك ۋە مەسئۇلىيەت يوقمۇ؟
مەسىلىنىڭ جاۋابى بۇ يەردە ئەمەس، مېنىڭچە بايلارغا ئۆچمەنلىك قىلىشنىڭ سەۋەبى جۇڭگونىڭ سودا ئەندىزىسىدە يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشنىڭ بولغانلىقىدا، ئوبدانراق كۆزىتىدىغان بولساق جۇڭگونىڭ 2000 يىلدىن ئارتۇق سودا تارىخىدا پۇل تاپقانلار ئىككى خىل ئادەمدىن تەشكىل تاپقان، بىر خىلى، خىيانەتچى ئەمەلدارلار، يەنە بىر خىلى ھۆكۈمەتتىكىلەر بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالىشىدىغان سودىگەرلەر. خىيانەتچىلىكنىڭ جۇڭگودىكى يىلتىزى ناھايىتى چوڭقۇر. جۇڭگو تارىختىن بېرى سودا-تىجارەتنى ھۆكۈمەت تىزگىنلەيدىغان مېخانىزمنى يۈرگۈزۈپ كەلگەن. مۈلۈك ھوقۇقى، باشقۇرۇش ھوقۇقى ئېنىق ئايرىلمىغاچقا بۇ مەنسەپدارلارنىڭ يانچۇقىنى تومپايتىدىغان تۈزۈمگە ئايلىنىپ قالغان.
ئۇنىڭدىن باشقا ھۆكۈمەتتىكىلەر بىلەن يېقىن تۇرغان، ئۇلار بىلەن ئېغىز-بورۇن يالاشقان سودىگەرلەر پايدىنىڭ چوڭىغا ئېرىشىپ بۇ ئىمكانىيەتنى ھازىرلىمىغانلارنىڭ چاپىنى تىزىدىن ئاشماي ئۆتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر مۇھىم سەۋەب سودىگەرلەر قانۇنىي جەھەتتىن قوغداش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولالمىغان.
مۇشۇنداق غەلىتىلىك جەمئىيەت ئومۇمىيلىقىغا ئايلىنىپ قالغاچقا بايلارغا بولغان ئۆچمەنلىك ئەۋج ئالغان. ئاۋام بايلارغا ئىچ-ئىچىدىن ئۆچلۈك قىلغاچقا «بايلارغا رەھىم قىلماسلىق»، «بايلارنى قەتل قىلىپ بايلىقىنى يوقسۇللارغا تەقسىم قىلىش» قارىشى ئەۋج ئالغان. شۇ سەۋەبلىك بايلارمۇ خاتىرجەم كۈن ئۆتكۈزەلمەيدىغان بولۇپ قالغان.
2000 يىلدىن بېرى جۇڭگو سودىگەرلىرى ھەددى-ھېسابسىز ماددىي مەدەنىيەتنى ياراتتى، ھەتتا بەزى جەمەتلەرنىڭ بايلىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىگە باردى. بىراق ئۇلار ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن مۇستەقىل بولالمايلا قالماستىن ھۆكۈمران سىنىپنىڭ دەخلى-تەرۇزىدىن خالىي بولالمىدى.
دېمەك جۇڭگودا فېئوداللىق دەۋردىن قالغان بايلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش خاھىشى تاكى ھازىرغا قەدەر تەسىرىنى يوقاتمىدى. تۈزۈلمىنىڭ ئۆزگىرىشى، ئەل-ئاۋام ئېڭىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ بايلارغا ھەۋەس قىلىش يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ مۇستەقىل ئىگىلىك يارىتىپ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇۋاتقان بايلار سېخى، مەردانە ھالىتى بىلەن ھۆرمەتلىك ئورۇنغا ئۆتمەكتە. بۇ خىل يۈزلىنىش بايلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش خاھىشىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىدۇ ئەلۋەتتە.
مۇھەررىر: ئەسقەر ياسىن
مەنبەسى: شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 5-سانىدىن ئېلىندى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش