مەركەز مالىيەسىدىن مەخسۇس نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى ئاجرىتىشنى باشقۇرۇش ھەققىدە ھۆججەت چىقىرىلدى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-مارت بېيجىڭ خەۋىرى: نۇرغۇن مىنىستىرلىق، كومىتېتلار يېقىندا «مەركەز مالىيەسىدىكى مەخسۇس نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى باشقۇرۇش چارىسى»نى تارقىتىپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئالاقىدار مەبلەغ چىقىمى دائرىسى ھەققىدە كونكرېت تەلەپ قويمايدىغانلىقى ئەمما پاسسىپ تىزىملىك ئۇسۇلىنى قوللىنىدىغانلىقى شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۈرنى تەستىقلاش ھوقۇقىنى ناھىيەلەرگە بېرىپ، مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى.
يېقىندا، مالىيە مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، ئورمانچىلىق ئىدارىسى بىرلىكتە «مەركەز مالىيەسىدىكى مەخسۇس نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى باشقۇرۇش چارىسى»نى بېسىپ تارقاتتى، بۇ چارە 31-مارتتىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، چارىدا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: مەركەز مالىيەسىدىكى مەخسۇس نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى تۆۋەندىكى 9 جەھەتتىكى ئىشقا چىقىم قىلىشقا بولمايدۇ: بىرىنچى مەمۇرىي كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاساسى چىقىمى، ئىككىنچى، قاتناش قوراللىرى ۋە خەۋەرلىشىش ئەسلىھەلىرى، ئۈچىنچى،تۈرلۈك مۇكاپات قوشۇمچە ياردەم ۋە پاراۋانلىق تولۇقلىمىسى، تۆتىنچى، كارخانىلارنىڭ زىيىنىنى تولۇقلاش، بەشىنچى، بىنا، ساراي ۋە نامرات دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەيدانلىرىدىكى كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشتىن باشقا ئىشچى خىزمەتچىلەر تۇرالغۇسى سېلىش، ئالتىنچى، خامچوت چىقىمىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش ۋە قەرز قايتۇرۇش، يەتتىنچى، چوڭ، ئوتتۇرا ئاساسى قۇرۇلۇش تۈرلىرى، سەككىزىنچى، شەھەرلەرنىڭ ئاساسى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە شەھەرلەرنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىشلىرى، توققۇزىنچى، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا مۇناسىۋەتسىز باشقا چىقىملار. بۇنىڭغا قارىتا جۇڭگو مالىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ئاكادېمىكى بەي جىڭمىڭ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: مەبلەغنى يۇقىرىقى تۈرلەردىن باشقىلىرىغا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئالايلۇق نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىش تېپىپ بېرىش ئارقىلىق يۆلەش، خېشى، دىڭشى، شىخەيگۇ رايونلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشى ۋەھاكازالار.
2011-يىلى ئېلان قىلىنغان « مالىيەدىكى مەخسۇس نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى باشقۇرۇش چارىسى»گە سېلىشتۇرغاندا بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان چارىدا: مەركەز مالىيەسىدىكى مەخسۇس نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى تۈرىنى تەستىقلاش ھوقۇقىنى ناھىيەلەرگە بېرىپ، يەرلىكنىڭ مەركەز مالىيەسىدىكى مەخسۇس نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
بەي جىڭمىڭ مۇنداق دېدى: بىرىنچىدىن مۇتلەق زور سالماقتىكى ئاممىۋىي مەھسۇلاتنى ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر تەمىنلەيدۇ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ، ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا يولغا قويۇپ، نامراتلارنى دەل يۆلەشنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ، ئىككىنچىدىن ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرگە ھوقۇق بېرىش ــ مەخسۇس مەبلەغنى قاتلاممۇ قاتلام چۈشۈرگەندە ھەمىشە كېچىكىپ چۈشۈش ئەھۋالىنى ھەل قىلىشقا پايدىلىق.
مەنبە:
http://www.uycnr.com/zt/qgxwlb16 ... 170328_1130056.html