ئىلىكتىرونلۇق تور سودىسى بىزگە نىمىلەرنى ئەپ كەلدى ، بىزنى نىمىلەردىن مەھرۇم قىلدى
مەن يېقىندىن بۇيان شۇنداق شۇنداق بىر نەرسىلەرنى ھىس قىلدىمكى ، تور سودىسى جانلانغان مۇشۇ كۈندە ئۆزەمنى بىرخىل ئېغىر ، روھسىز، ھارغىنلىق ھىس قىلىدىغان بۇلۇپ قالدىم. باشقىلارغا ساتىدىغان نەرسىلەرنى تۇنۇشتۇرسام گۇيا باشقىلارغا ئۈندىدارىمدا يالغاندىن داڭلاپ سېتىۋاتقاندەكلا .
ئەمدى نەق گەپنى قىلساق : مۇشۇ تور سودىسى جانلانغاندىن باشلاپ، نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز تور سودىسىنىڭ پايدىسىنى خېلى كۆكردى . شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن پۇللارنى تاپتى، بۇنىڭغا كۆز يۇممايمىز ئەلۋەتتە . يەنە بەزىللىرىمىز ؟يەنە بەزىللىرىمىز ئكزىمىزمۇ تولۇق بىلمەيدىغان تۈرلەرنى باشقىلارنى گىپى بىلەن داڭلاپ،شۇ بۇيىچە تۇنۇشتۇرۇپ،باشقىلارنىڭ ئالدىنىشغا سەۋەپچى بولدۇق . بىزنىڭ يالغان ياپىداق گەپلىرىمىز بىلەن ئۇلارمۇ نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىپ، بىز بىلەن تەڭ ئالداندى.
تور سودىسى بىزگە ھەقىقەتەنمۇ نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئەپ كەلدى. بازارغ چىقىپ ئايلىندىغان ۋاقتىمزىنى قىسقارتتى. پۇلىمىزنى تېجىدى، توردىن مال سېتىۋېلىش گۇيا بىر ۋابا كېسەلدەك ھەممىزنىڭ بىرخىل كەم بولسا بولمايدىغان خۇمارى بۇلۇپ قالدى.تور دۇنياسى ھەقىقەتەنمۇ بىر چەكسى دۇنيا.سىز ئۇنىڭدىن خالىغان نەرسىلەرنى ئىزدەپ تاپالايسىز.
ئەمدى مۇشۇ تۇر دۇنياسىنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن زىيىنىنى ھىس قىلىپ باقايلى:
1.بىزنى بۇرۇنقى قىززىق بازارلىرىمىزىدىن ئايرىدى . تور سودىسى جانلانغاندىن بۇيان شەھەرلەردىكى نۇرغۇن دۇكان سارايلار تاقىلىپ كەتتى . ئاۋات بازارلىرىمىز قاقاسلاشتى. باشقىلارغا بازار ئايلىنىش خوش ياقمايدىغان بولۇپ قالدى. تۇرغا خۇمار بۇلۇپ قالغانلار گيا تور ۋاباسى تەككەندەكك ئۆيدىن چىقماي ، كىيىمى ئۆيدە توردىن بۇيرۇتۇپ، ئۆيگە ئەكەلتۈرۈپ كىيىپ، ئۆيدە .ئەينەككە قاراپ، ئۆزىنى ئۆيدە رەسىمگە تارتىپ، تورغا يوللاپ بىر- بىرىنى كۆرۈشمەي تۇرۇپ مۇھابەتلىشىدىغان ، ئۆيىدە يەپ ؟ئۆيىدە تەرەت قىلدىغان ھەتتا خوش ياقمىسا ئاي-يىللاپ ئۆيىنىڭ ھاۋاسىنىمۇ ئالماشتۇرمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. بىر ئائىلە كىشىللىرى ھەممىسى ئايرىم ئايرىم ھوجىرسىغا كىرۋېلىپ تېلفۇندا تور ئوينايدىغان بۇلىۋالدى. ئۇ ئۆيدە ئادەم بارمۇ ياكى باشقا مەخلۇقمۇ بىلگىلى بۇلمايدۇ. ئۇ ئائىلىدە نە شاتلىق، مىھرى مۇھاببەت .شۇنداق بىر ئېچىنىشلىق كۈنگە قېلىۋاتىمىز.
توردىن ئەكەلگەن نەرسىلەر بەزەنلىرى ياخشى چىقتى بەزەنلىرى ئىنتايىن ناچار چىختى.ئالداندۇق.
پەرزەنتلىرىمىز كۆزىدىن ئايرىلدى ، كىچىك تۇرۇپلا ۆكزى كۆرمەس بۇلۇپ قالدى، بالام يىغلىدى دىگەنى بانا قىلىپ، ئۆزىمىز شۇ تورنىڭ ھېلەكچىلىكىدە باللىرىمىزغا تېلفۇننى تۇتقۇزۇپ قويدۇق، ئۇلاغا سىرتقى دۇنيانى ئەمەس توردىكى رەسىمى كۆرسەتتۇق، تېلفۇننىڭ نۇرىدا باللىرىمىز كۆزىدىن ئايرىلىۋاتىدۇ، ئىنىرگىيەسى تىزدىن قوراپ غەلىتە كېسەللەرگە گىرىپتار بۇلىۋاتىدۇ، تور دۇنياسى بىزنى گۇيا كۆرۈنمەس ئۆمۈچۈك تورنى چىۋىننى تۇتىۋالغاندەك بىزنى ئەجەل گىرداۋىغا سۆرەۋاتىدۇ. بەلكىم سىزمۇ بۇنى ھىس قىلۋاتقانسىز.
قايسى كۈنى يەنە بىرىيلەندىن ئاڭلايمەن، ئەمدى توردا تاماق زاكاس قىلىدىغان بىر دىتال چىقىپتىمىش، توردا بۇيرۇتسا ئىشىك ئالدىغىچە مۇلازىمەت قىلدىكەن. ئەمدى بىر مەزگىل تورادا تاماق يىيىش مودا بۇلىدىغان ئوخشايدۇ.
ئۆيدە تاماق ئىتىش مودىدىن قېلىپ توردا بۇيرۇتۇپ تاماق يىيىش مۇدا بۇلىدىغان ئوخشايدۇ.
مەن كىچىك ۋقتىمىن ئەسلەپ قالدىم شۇئاۋات بازارلىرىمىز بولغان بولسا ، ھەممىمىز بازاردىن ئايلىنىپ يۈرۈپ نەرسە كېرەك سېتىۋالساق ، شۇ ھەقىقى مەنزىرلەرنى كۆرسەك، شۇ ئاۋات بازارلىرىمىز قاچانمۇ ئەسلىگە كىلەر. ئۆزىمىزنى چەتئەللىكلەرگە سېلىشتۇرۇپ باققىم كىلىۋاتىدۇ. چەتئەللىكلەر قانداق قىلىۋاتىدىغاندۇ؟ ئۇلار تور سودىسىنى بىلمەمدۇ يا؟ تور سودىسى چەتئەللەردە ئۇنداق ئەۋج ئېلىپ كەتمەيدىكەن ، ئۇلار يەنىلا بازار ئايلىنىپ نەرسە كېرەك سېتىۋالدىكەن.ئۇلارنىڭ بازارلىرى يەنىلا شۇنداق ئاۋات تۇرۇپتۇ.بەزى شەھەرلەردە ئاپتۇمۇبىل يۈرۈش چەكلىنىپتۇ ھەممىيلەن پىيادە ماڭىدىكەن ، ئۇلارنىڭ باللىرى كوچىدا يۈگۈرشۈپ ئازادە ئوينىيالايدىكەن بىزنىڭ باللىرىمىزغا ئۇ كۈنلەر نىسىپ بولمايدىغان ئوخشايدۇ.
مېنىڭ دەيدىغىنىم توردىن پايدىلانما ئەمەس، مۇۋاپىق پايدىلىنىش ھەممىزگە پايدىلىق، يۇرتىمىزنىڭ شەھرىمىزنىڭ ئاۋاتلىقىغا پايدىلىق ، سالامەتلىكىمىزگە پايدىلىق،كەلگۈسىمىزگە پايدىلىق. بۇ ھەر بىر ئادەم ئويلىنىشقا تىگىشلىك بىر تىما بۇلۇپ قالدى.