مالىيە باشقۇرۇشمۇ بىرخىل كەم بولسا بولمايدىغان ئىلىم
مال - مۈلۈك بايلىقنىڭ ئاز - كۆپ بولۇشى تۇراقسىز، ئۆزگىرىشچان بولۇپ، مەڭگۈ بىر خىل تۇرمايدۇ. سەرپ قىلىشلا بولۇپ، يىغىش بولمىسا، تاغدەك بايلىقمۇ خوراپ تۈگەيدۇ؛ ناۋادا بايلىق توپلاشقىلا ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئۇنى مۇۋاپىق سەرپ قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈنمىسە، بۇنداق بايلىق قىممىتى يوق نەرسىدەك بولۇپ قالىدۇ. پەقەت مال - مۈلۈك ياكى بايلىقنى يىغىش بىلەن سەرپ قىلىشنىڭ مۇۋاپىق تەڭپۇڭلىقىنى ساقلىغاندىلا، نامراتلىق ئىچىدىنمۇ خۇشاللىق تاپقىلى بولىدۇ، تېخىمۇ بەختلىك ياشىغىلى بولىدۇ. مەلۇم بىر مالىيە باشقۇرۇش مۇتەخسسىسى مۇنداق دېدى: مالىيە باشقۇرۇش پەقەت كىرىمنى ئاشۇرۇپ، چىقىمنى تېجەشنىلا كۆرسەتمەيدۇ، ئۇ بىر خىل تۇرمۇش پوزىتسىيىسى، بىر خىل تەپەككۈر ئۇسۇلىدۇر. نۇرغۇن كىشىلەر مالىيە باشقۇرۇشنى چۈشەنمەك تەس، ئۇ مۇرەككەپ مالىيە باشقۇرۇش مەسىلىسى، دەپ قارايدۇ، ئەمما كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ مالىيە باشقۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.
ئەمەلىيەتتە، مالىيە باشقۇرۇش تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمى. كۆكتات بازىرىدىن بىر تۈپ يېىسۋىلەك سېتىۋېلىشمۇ ئويدىكى كېرىكى قالمىغان كىتابلارنى سېتىۋېتىشمۇ مالىيە باشقۇرۇشقا ياتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، مال - مۈلۈك ياكى بايلىقنىڭ ئۆز ئىلكىگە كىرىش ياكى قولدىن چىقىشىغا چېتىلىدىغان ھەممە ئىش مالىيە باشقۇرۇش كاتېگورىيىسىگە كىرىدۇ. ئەمما بىز تۇرمۇشتا ئادەتلىنىپ قالغان مالىيە باشقۇرۇش تەپسىلاتلىرىغا ئېتىبارسىز قارىغاچقا، تۇرمۇشىمىزدىكى ئەڭ ئاساسلىق مالىيە باشقۇرۇش ھەرىكەتلىرىمىزنى چۈشىنەلمەي كېلىۋاتىمىز.
بايلىق نوقتىسىدىن ئالغاندا، نىكاھلىنىش شېرىكلىشىپ شىركەت قۇرغانغا ئوخشايدۇ. ئەر _ خوتۇن مالىيە ئىشلىرىدا مۇستەقىل بولسا، ئۇنداقتا بۇ شىركەت چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى ھېسابلىنىدۇ. ناۋادا مالىيە باشقۇرۇش نوقتىسىدا تۇرۇپ، ئەر - خوتۇننىڭ مالىيە ئەھۋالىنى تەھلىل قىلساق، ئائىلە مەسئۇلىيىتى مۇۋاپىق پىلانلىنىپ، ئۈنۈملۈك ئائىلە پىلانى تۈزۈلسە، ئۇ چاغدا قانداقلا نىكاھ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇ ئائىلە بەختىنى زور زەربىگە ئۇچرىتالمايدۇ. بەلكى ئۇ ئەر - خوتۇن ئوتتۇرىسىدا خاراكتېر جەھەتتە نىسبىي مۇستەقىل تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
مالىيە نوقتىسىدىن تۈرگە ئايرىغاندا، پۈتۈن ئۆمرىمىزنى تۆت باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ، بىرىنچى، مالىيە جەھەتتە باشقىلارغا پۈتۈنلەي تايىنىش باسقۇچى، بۇ باسقۇچتا مالىيە جەھەتتە ئاتا - ئانىغا تايىنىلىدۇ. مالىيە جەھەتتە باشقىچە مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ؛ ئىككىنچى، مالىيە كىرىمىنى مۇستەقىل ئاشۇرۇش باسقۇچى، بۇ باسقۇچتا ئادەم خىزمەت قىلىشقا باشلايدۇ. ئادەتتە كەسپىي جەھەتتە قىيىنچىلىققا چۈشۈپ قالىدىغان ياكى ئۆي سېتىۋېلىش، توي قىلىش دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدۇ؛ ئۈچىنچى، مالىيە كىرىمىنى مۇستەقىل مۇقىملاشتۇرۇش باسقۇچى. بۇ باسقۇچتا پەرزەنتلەرنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئەڭ گەۋدىلىك مالىيە مەسىلىسى ھېسابلىنىدۇ؛ تۆتىنچى، مالىيە كىرىمىنىڭ سەرپ قىلىنىش باسقۇچى، بۇ باسقۇچتا دەم ئېلىشقا چىقىش مۇھىم ھالقا ھېسابلىنىدۇ. مالىيە باشقۇرۇش پىلانى تۈزۈشتىكى مەقسەت __ ئۆزىمىزنىڭ ھەر بىر باسقۇچتىكى مالىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ پۈتۈن ئۆمرىمىزنى پۇختا ئاساسقا ئىگە قىلىشتۇر.