جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى ماركا قانۇنى
(1982 -يىل 8–ئاينىڭ 23–كۈنى 5–نۆۋەتلىكمەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24– يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1993–يىلى2–ئاينىڭ 22–كۈنى 7–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلىق قۇرۇلتيى دائىمىي كومتېتى 30–يىغىنىنىڭ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمۇرىيىتىنىڭ ماركا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى ››غا ئاساسەن 1–قېتىم تۈزىتىلگەن، 2001–يىلى 10–ئاينىڭ 27–كۈنى 9–نۆۋەتلىكمەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتېيى دائىمىي كومتېتى 24–يىغىنىنىڭ «جۇڭخۇا خەلقجۇمۇرىيىتىنىڭ ماركا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى » غا ئاساسەن 2–قېتىم تۈزىتىلدى. 2001 – يىلى 12– ئاينىڭ 1– كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلدى )
بىرىنجىباب ئومۇمىي پىرىنسىپ
1–ماددابۇ قانۇن ماركا باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ماركىدىن مەخسۇس پايدىلىنىش ھوقۇقىنى قوغداش،ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەتچىلەرنىڭ تاۋار ۋە مۇلازىمەت سۈپتىگە كاپالەتلىكقىلىشىغا تۈرىتكە بولۇش، ماركىنىڭ ئىناۋىتىنى ساقلاش، ئىستېمالچلار،ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، سوتسىيالستىكبازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى تىزلىتىش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.
2– مادداگوۋۇيۈەن سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ماركا ئىدارىسى پۈتۈنمەملىكەتنىڭ ماركىنى رويخەتكە ئېلىش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
گوۋۇيۈەنسودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ماركا باھالاش كومتېتى قۇرۇپ، ئۇنى ماركىغادائىر تالاش–تارتىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل قىلىدۇ.
3– مادداماركا ئىدارىسى تەستىقلاپ رويىخەتكە ئالغان ماركا رويىخەتكە ئېلىنغان ماركا بولىدۇ.ئۇ تاۋار ماركىسى، مۇلازىمەت ماركسى ۋە كوللېكتىپ ماركا، ئىسپات ماركىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ؛ ماركىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى شۇ ماركىدىن مەخسۇس پايدىلىنىشھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، بۇ ھوقۇق قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ .
بۇ قانۇنغادېيىلگەن كوللېكتىپ ماركا كوللېتىپ ، ئىجتىمائىي تەشكىلات ياكى باشقا تەشكىلاتلارنامىدا رويىخەتكە ئېلىنغان، شۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى سودا پائالىيىتىدەئىشلىتىدىغان، ئىشلەتكۈچلەرنىڭ شۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنىئىپادىلەيدىغان بەلگىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ قانۇندادىيىلگەن ئىسپات تاۋار ماركىسى مەلۇم تاۋار ياكى مۇلازىملىقنى نازارەت قىلىشئىقتىدارىغا ئىگە تەشكىلات تىزگىنلەيدىغان ، شۇ تەشكىلاتتىن باشقا ئورۇن ۋەشەخىسنىڭ ئۆز تاۋرى ياكى مۇزلازىملىقىغا ئىشلىتىپ ، شۇ تاۋار ياكى مۇلازىملىقنىڭئەسلى جايى، خام ئەشياسى، ياساش ئۇسۇلى ، سۈپىتى ياكى باشقا مۇئەييەن دەرىجىسنىئىسپاتلايدىغان بەلگىنى كۆرسىتىدۇ .
كوللېكتىپتاۋار ماركىسى ، ئىسپات تاۋار ماركىسىنى رويىخەتكە ئېلىش ۋە باشقۇرۇشتىكى ئالاھىدەئىشلارنى گوۋۇيۈننىڭ سودا – سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش قارمىقى بەلگىلەيدۇ.
4– مادداتەبئىي شەخىس ، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئۆزى ئىشلەپچىقارغان ،ياسىغان پىششىقلىغان ، ئىلغىغان ياكى ساتىدىغان تاۋارغا تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشھوقۇقى ئېلىشنى زۆرۈر تاپسا ، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە تاۋار ماركىسىنى رويىخەتكەئالدرۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشى كىرەك .
تەبئىشەخىس ، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئۆزىنىڭ مۇلازىملىق تۈرلىرىدە تاۋارماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئېلىشنى زۆرۈر تاپسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگەمۇلازىملىق ماركىسىنى رويىخەتكە ئالدۇرۇسنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك .
5– ماددائىككىدىن ئارتۇق تەبئى شەخىس ، قانۇنىي ياكى باشقا تەشكىلات تاۋار ماركىسىئىدارىسىگە ئوخشاش بىر تاۋار ماركىسىنى رويىخەتكە ئالدۇشنى بىرلىكتە ئىلتىماسقىلىپ، شۇ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولسا ۋە ئۇنىبىرلىكتە يۈگۈزسە بولىدۇ .
6 – ماددادۆلەت رويىخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش كېرەك، دەپ بەلگىلىگەن تاۋارغاتاۋار ماركىسىنى رويىخەتكە ئېلىش ئىلتىماسىنى سۇنۇشى شەرت ، رويىخەتكە ئالدۇرمايتۇرۇپ بازاردا سېتىشقا بولمايدۇ .
7 – مادداتاۋار ماركىسنى ئىشلەتكۈچى ئۆزىنىڭ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىلگەن تاۋارنىڭ سۈپتىگەمەسئۇل بولۇشى كېرەك، ھەر دەرىجىلىك سودا– سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىتاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش ئارقىلىق ، ئىستىمالچىلارنى ئالداش قىلمىشلىرنى توسۇشىكىرەك .
8– مادداتەبئى شەخىس ، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ تاۋىرى بىلەن باشقىلارنىڭتاۋرىنى پەرىقلەندۈرەلەيدىغان ھەرقانداق كۆرۈنمە بەلگە ،جۈملىدىن خەت ، شەكىل ،ھەرىپ ، رەقەم ، ئۈچ ئۆلچەملىك بەلگە ، ۋە رەڭ بىرىكمىسى ، شۇنۇڭدەك يۇقۇرقىئامىللارنىڭ بىرىكمىسى تاۋار ماركىسى قاتارىدا رويىخەتكە ئالدۇرۇلسا بولىدۇ .
9– ماددارويىخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىسى رۇشەن ئالاھىدىلىككە ئىگەبولۇشى، پەرق ئېتىشكە قۇلاي بولۇشى ھەم باشقىلارنىڭ ئاۋۋال ئېرىشكەن قانۇنلۇق ھوقۇقىبىلەن تۇقۇنۇشۇپ قالماسلىقى كېرەك .
تاۋارماركىسىنى رويىخەتكە ئالدۇرغۇچى « رويىخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى » ياكىرويىخەتكە ئېلىنغان بەلگە دەپ يېزىپ قۇيۇشقا ھوقۇقلۇق .
10 – مادداتۆۋەندىكى بەلگىلمىلەرنى تاۋار ماركىسى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
(1) جۇڭخۇاخەلق جۇمۇرىيىتىنىڭ نامى، بايرىقى، گىرىبى ، ئارمىيە بايرىقى، ئوردىنغائوخشايدىغان ، ياكى ئوخشىشىپ كتىدىغان ۋە مەركىزى دۆلەت ئورگانلىرى تۇرۇشلۇقمۇئەييەن جاينىڭ نامى ياكى سمۋوللۇق ئىمارەتنىڭ نامى، شەكلىگە ئوخشاشدىغان بەلگە .
(2) چەتئەلنىڭ نامى، بايرىقى ، گېربى ، ئارمىيە بايرىقىغا ئوخشايدىغان ياكى ئوخشىشىپكىتىدىغان بەلگە ، لىكىن شۇ دۆلەت ھۆكۈمىتى قۇشۇلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا .
(3) ھۆكۈمەتلەرئارا خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ نامى ، بايرىقى بەلگىسىگە ئوخشايدىغان ياكى ئوخشىشىپكىتىدىغان بەلگە ، لىكىن شۇ تەشكىلات قۇشۇلغانلىرى ياكى جامائەتنىئازدۇرمايدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا .
(4) ھۆكىمەتكونتۇروللۇقى، كاپەلىتىنى بىلدۇرىدىغان بەلگە، تەكشۈرۈش تامغسىغا ئوخشايدىغان ياكىئوخشىشىپ كېتىدىغان بەلگە ، لېكىن ھوقۇق بېرىلگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا .
(5) « قىزىلكىرىسىت » ، « قىزىل ھىلال ئاي » نىڭ نامى، بەلگىسىگە ئوخشايدىغان ياكى ئوخشىشىپكېتىدىغان بەلگە ؛
(6) مىللىيكەمسىتىش تۈردىكى بەلگە ؛
(7) مۇبالىغلەشتۈرۈپتەشۋىق قىلغان ھەمدە ئالدامچىلىق خاراكتېرى بولغان بەلگە ؛
(8) سوتسىيالستىكئەخلاق– پەزىلەتكە زىيانلىق بولغان ياكى باشقا ناچار تەسىر پەيدا قىلدىغان بەلگە .
ناھىيەدەرىجىلىكتىن يوقىرى مەمۇرىي رايونلارنىڭ نامى ياكى جامائەت بىلىدىغان چەت ئال يەرنامىنى تاۋار ماركىسى قىلشقا بولمايدۇ ، كىېكىن يەر ناملىدىن باشقىچە مەنىسىبارلىدى ياكى كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى ، ئىسپات تاۋار ماركسىنىڭ ەركىبى قىسمىقلىنغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا ؛ رويىخەتكە ئالدۇرۇلۇپ بولغان، يەر نامى ئىشلىتىلگەنتاۋار ماركىسى داۋاملىق كۈچكە ئىگە .
11 – مادداتۆۋەندىكى بەلگىلەرنى تاۋار ماركىسى قىلىپ رويىخەتكە ئالدۇرۇشقا بولمايدۇ ؛
(1) شۇتاۋار نىڭ ئومۇمىي نامى، شەكلى، تىپىلا بولغان بەلگە :
(2) تاۋارنىڭ سۈپىتى، ئاساسلىق خام ئەشياشى، ئىقتىدارى، رولى ، ئېغىرلىقى، سانى ۋە باشقائالاھىدلىكىنىلا بىۋاستە بىلدۈرىدىغان بەلگە ؛
(3) روشەنئالاھىدىلىكى بولمىغان بەلگە ؛
ئالدىنقىتارماقتا كۆرسىتىلگەن بەلگىلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگەبنولسا ھەم پەرى ئېتشكە قۇلاي بولسا ، تاۋار ماركىسى قىلىپ رويىخەتكە ئالدۇرۇشقابولىدۇ .
12– ماددائۈچ ئۆلچەملىك بەلگىنى تاۋار ماركىسى قىلىپ رويىخگتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماس قىلنسا،تاۋارنىڭ خاراكتېرىدىن پەيدا بولغان شەكىل، تېخنىكىلىق ئۈنۈمگە ئېرىشىشتە زۆرۈربولغان تاۋار شەكلى ياكى تاۋارنى ماھىيەتلىك قىممەتكە ئىگە قىلىدىغان شەكىلنىرويىخەتكە ئېلىشقا بولمايدۇ .
13– ماددائوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋارنىڭ رويىخەتكە ئېلىش ئىلتىماس قىلنغانماركىسى باشقىلارنىڭ جۇڭگودا رويىخەتكە ئالدۇمىغان مەشھۇر تاۋار ماركىسىنىڭكۆپەيتىلمىسى ، تەقلىد قىلىنغىنى ياكى تەرجىمىسى بولغانلىقتىن ئاسانلا ئارىلىشىپكېتىدىغان بولسا ، رويىخەتكە ئېلىنمايدۇ ھەمدە ئىشلىتىش مەنئى قىلندۇ .
ئوخشاشبولمىغان ياكى ئوخشىشىپ كەتمەيدىغان تاۋارنىڭ رويىخەتكە ئېلىش ئىلتىماس قىلىنغانماركىسى باشقىلار جۇڭگودا رويىخەتكە ئالدۇرغان مەشھۇر تاۋار ماركىسدىنكۆپەيتىلگەن، تەقلىد قىلىنغان ياكى تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، جامائەتنىئازدۇرغانلىقتىن شۇ مەشھۇر ماركىنى رويىخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغائۇچراش ئىھتىمالى بولسا ، رويىخەتكە ئېلىنمايدۇ ھەمدە ئشلىتىش مەنئى قىلنىدۇ .
14– ماددامەشھۇر تاۋار ماركىسىنى بېكىتىشتە تۆۋەندىكى ئامىللارنى ئويلىشىشى كېرەك .
(1) مۇناسىۋەتلىكجامائەتنىڭ شۇ تاۋار ماركىسىنى بىلىش دەرىجىسى :
(2) شۇتاۋار ماركىسىنىڭ ئۇدا ئىشلىتىلىگەن ۋاختى ؛
(3) شۇتاۋار ماركىسىنىڭ ھەر خىل شەكىلدە ئۇدا تەشۋىق قىلىغان ۋاختى، دەرىجىسى ۋەجۇغراپىيىلىك دائىرىسى ؛
(4) شۇتاۋار ماركىسىنىڭ مەشھۇر تاۋار ماركىسى سۈپتىدە قوغدىلىش خاتىرىسى :
(5) شۇتاۋار ماركىسىنىڭ مەشھۇر بولىشىدىكى باشقا ئامىللار ؛
15– مادداۋاكالەتچى ياكى ۋەكىل ۋاكالەتچىلىك قىلغۇچىنىڭ ياكى ۋەكىللىك قىلىنغۇچىنىڭ تاۋارماركىسىنى ھوقۇق بېرىلمەي تۇرۇپ ئۆز نامى بىلەن رويىخەتكە ئالدۇرغاندا،ۋاكالەتچىلىك قىلنغۇچى ياكى ۋەكىللىك قىلىنغۇچى ياكى ۋەكىللىك قىلمغۇچى باشقىچەپىكىردە بولسا رويىخەتكە ئېلىنمايدۇ ھەمدە ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.
16– مادداتاۋار ماركىسىدا تاۋارنىڭ جۇغراپىيىلىك بەلگىسى بولۇپ، بۇ تاۋار شۇ بەلگىدەكۆرسىتىلگەن جايدىن چىقمىغانلىقتىن جامائەتنى ئازدۇردىغان بولسا ، رويىخەتكەئېلىمايدۇ ھەمدە ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ ؛ لېكىن ياخشى نىيەت بىلەن رويىخەتكەئالدۇلغانلىرى داۋاملىق كۈچكە ئىگە .
ئالدىنقىتارماقتا دىيىلگەن جۇغراپىيىلىك بەلگە مەلۇم تاۋارنىڭ مەلۇم جايدىن چىققانلىقى ،شۇ تاۋارنىڭ مۇئەييەن شۈپىتى ئىناۋىتى ياكى باشقا ئالاھىدىلىكلىرىنى ، ئاساسلىقىشۇ تەبئىي ياكى ئېتنۇگىرافىك ئامىلى بەلگىلىگەن بەلگىنى كۆرسىتىدۇ .
17– مادداچەت ئەللىكلەر ياكى چەت ئەل كاخانىلىرىنىڭ جۇڭگۇدا تاۋار ماركىسىنى رويىخەتكەئالدۇرۇش ئىلتىماسى ئۆزى تەۋە دۆلەت بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزگەن كېلىشىمياكى ئورتاق قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامە ياكى ئوخشاش مۇئاملە قىلىش پىنسىپىبويىچە بېجىرىلىدۇ .
18 – مادداچەت ئەللىكلەر ياكى چەر ئەل كارخانىلىرى جۇڭگودا تاۋار ماركىسىنى رويىخەتكەئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا ۋە تاۋار ماركىسىغا دائىر باشقا ئىشلارنى بېجىرىشتە ،دۆلەت ئېتىراپ قىلغان ، تاۋار ماركىسىغا ۋاكالەتچىك قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگەرتەشكىلاتقا ھاۋالە قىلىشى كېرەك .
ئىككىنىچىباپ تاۋار ماركىسىنى رويىخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش
19 – مادداتاۋار ماركىسىنى رويىخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا ، تاۋار ماركىسىئىشلىتىدىغان تاۋار تۈرى ۋە تاۋار نامىنى بەلگىلەنگەن تاۋار تورى جەدۋىلى بويىچەتولدۇرۇش كېرەك ؛
20– مادداتاۋار ماركىسىنى رويىخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى تۈرى ئوخشاش بولمىغانتاۋار ئوخشاش بىر ماركىنى رويىخەتكە ئالدۇرۇشتا، تاۋار تۈرى جەدىۋىلى بويىچەئىلتىماس قىلىشى كېرەك .
21– ماددارويىخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئوخشاش تۈردىكى باشقا تاۋارغا ئىشلىتىش زۆرۈربولسا ، رويىخەتكە ئالدۇرۇشنى ئايرىم ئىلتىماس قىلىش كېرەك .
22– ماددارويىخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ بەلگىسىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە ،رويىـخەتكە ئالدۇرۇشنى قايتا ئىلتىماس قىلىش كىرەك .
23– ماددارويىخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىدا رويىخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ نامى ، ئادرېسى ياكىرويىخەتكە ئالدۇرغان باشقا ئىشلارنى ئۆزگەرتىكە توغرا كەلسە ، ئۆزگەرتىشنىئىلتىماس قىلىش كېرەك .
24– مادداتاۋار ماركىسىنى رويىخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئۆزىنىڭ تاۋار ماركىسىنىچەت ئالدە رويىخەتكە ئالدۇرۇشنى 1– قېتىم ئىلتىمااس قىلغان كۈندىن باشلاپ ئالتەئاي ئىچىدە جۇڭگۇدىمۇ ئوخشاش تاۋار ئۈچۈن شۇ ماركىنى رويىخگتكە ئالدۇرۇشنىئىلتىماش قىلغان بولسا، شۇ دۆلەت بىلەن جۇڭگو تۈزگەن كېلىشىم ياكى ئورتاققاتناشقان خەلقئارا شەتنامىگە ئاساسەن ياكى بەھرىمەنلىك ھوقۇقىنى ئۆز ئارا ئېتىراپقىىش پىرىنسىپى بويىچە، ئاۋۋال بەھرىمەنلىك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ .
ئالدىنقىتارماق بويىچە ئاۋۋال بەھرىمەنلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغۇچىلار تاۋار ماركىسىنىرويىخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا يازما بايانات بېرىشى ھەمدە تاۋارماركىسىنى رويىخەتكە ئالدۇرۇش ھەققىدىكى تۈنجى ئىلتىماس ھۆججىتىنىڭ قوشۇمچەنۇسخىسىنى ئۈچ ئاي ئىچىدە تاپشۇرۇشى كېرەك : يازما بايانات بەرگەنلەر ياكى تاۋارماركىسىنى رويىخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماس ھۆججىتىنىڭ كۆپەيتىلمىسىنى سۈرۈك ئۆتكۈچەتاپشۇرمىغانلار ئاۋۋال بەھرىمەنلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلمىدى دەپ قارىلىدۇ .
25– مادداتاۋار ماركىسى جۇڭگو ھۆكىمىتى ئاچقان ياكى ئېتىراپ قىلغان خەلىقئارا يەرمەنكىگەقويولغان تاۋارغا تۇنجى قېتىم ئىشلىتىگەن بولسا ، بۇ تاۋار ماركىسىنى رويىخەتكەئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى شۇ تاۋار يەرمەنكىگە قويۇلغان كۈندىن باشلاپ ئالتەئاي ئىچىدە ئاۋۋال بەھرىمەنلىك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ .
ئالدىنقىتارماق بويىچە ئاۋۋال بەھرىمەنلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغۇچى تاۋار ماركىسىنىرويىخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا يازما بايانات بېرىشى ھەمدە بۇ تاۋارقويۇلغان يەرمەنكىنىڭ نامى ، يەرمەنكىگە قويۇلغان تاۋارغا شۇ تاۋار ماركىسىنىئشلىتىش دەلىل – ئىسپاتى، يەرمەنكىگە قويۇلغان ۋاقتى قاتارلىق ئىسپات ھۆججەتلىرىنىئۈچ ئاي ئىچىدە تاپشۇرۇشى كىرەك ؛ يازما بايانات بەرمىگەنلەر ياكى ئىسپاتھۆججەتلىرىنى سۈرۈك ئۆتكۈچە تاپشۇرمىغانلار ئاۋۋال بەھرىمەنلىك ھوقۇقىنى تەلەپقىلمىدى دەپ قارىلىدۇ .
26 – مادداتاۋار ماركىسىنى رويىخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىدىكى ئىشلار ۋە ماتېرىياللار چىن ،توغرا ، مۇكەممەل بولىشى كېرەك .
ئۈچىنچىباپ تاۋار ماركىسىنى رويىخەتكە ئالدۇرۇشنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاش
27 – ماددارويىخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىسىدىن بۇ قانۇننىڭ ئالاقىداربەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن بولغانلىرىنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى دەسلەپكى قەدەمدەبېكىتىپ ئېلان قىلدۇ.
28 ماددارويىخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىسى بۇ قانۇننىڭ ئالاقىداربەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن بولمسا ياكى باشقىلار بىر خىل تاۋار ياكى ئوخشىشىپكېتىدىغان تۋار ئۈچۈن رويىخەتكە ئالدۇرغان ياكى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىلگەن تاۋارماركىسىغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىئىلتىماسنى رەت قىلىدۇ ، ئېلان قىلىمايدۇ .
29 – مادداتاۋار ماركىسىنى رويىخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئىككى ياكى ئىككىدىنئارتۇق بولۇپ ، ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى بىر خىل ياكىئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ئۈچۈن رويىخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا، ئاۋۋالئىلتىماس قىلنغان تاۋار ماركىسى دەسلەپكى قەدەمدە بېتىلىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىندۇ ؛بىر كۈندە ئىلتىماس قىلىنغان بولسا ، ئاۋۋال ئىشلىتىلگەن تاۋار ماركىسى دەسلەپكىقەدەمدە بېكىتىلىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىنمايدۇ .
30 – ماددادەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىلگەن تاۋار ماركىسى ئۈستىدە ئېلان قىلنغان كۈندىن باشلاپئۈچ ئاي ئىچىدە ھەرقانداق ئادەم باسقىچە پىكىرىنى قويسا بولىدۇ. مۈددەت توسقۇچەباشقىچە پىكىر بولىمسا، رويىخەتكە ئېلىنىپ، رويىخەتنامە بېرىلىدۇ ھەمدە ئېلانقىلىندۇ .
31– مادداتاۋار ماركىسىنى رويىخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا ، باشقىلارنىڭ ھازىرقىئاۋۋال بەھرىمەنلىك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ . باشقىلار ئىشلىگەن ھەممەلۇم تەسىرى بولغان تاۋار ماركىسىنى ناتوغرا ۋاستىلەر بىلەن ئاۋۋال رويىخەتكەئالدۇرۇۋېلىشقىمۇ بولمايدۇ .
32– ماددائىلتىماسى رەت قىنغان ، ئېلان قىلىنمىغان تاۋار ماركىسى ھەققىدە تاۋار ماكىسىئىدارىسى رويىخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى لازىم . تاۋارماركىسىنى رويىخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى قايىل بولمىسا . ئۇقتۇرۇشنىتاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومتېتىغاقايتا باھالاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ ، تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومتېتىنىڭ قارارىغاقايىل بولمىسا ، ئوقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە خەلىق سوتمەھكىمىسىگە دەۋە قىلىسا بولىدۇ .
33– ماددادەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىلگەن ۋە ئېلان قىلىنغان تاۋار ماركىسىغا باشقىچە پىكىربولسا ، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى باشقىچە پىكىر بەرگۈچى ۋە باقىچە پىكىر بېرىلگۈچىبايان قىلغان پاكىت ۋە ئاساسىنى ئاڭلىشى، تەكشۈرۈپ ئەمەلىيىلەشتۈرگەندىن كېيىن ،كېسىم چىقىرىشى كىرەك . ئالاقىدارلار قايىل بولمىسا ئۇقتۇرۇشنىتاپشۇرۇپ ئالغانكۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومتېتىغا قايتا باھالاشنىئېلتىماس قىلسا بولىدۇ، تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومتېتى كېسىم چىقىرىدۇ ھەمدەباشقىچە پىكىر بەرگۈچى ۋە باشقىچە پىكىر بېرىلگۈچىگە يازما ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.
ئالاقىدارلارتاۋار ماركىسىنى باھالاش كومتېتىنىڭ كىېسىمىگە قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنىتاپشۇرۇۋالغان كغندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسابولىدۇ . خەلق سوت مەھكىمىسى تاۋار ماركىسىنى قايتا ناھالاش تەرتىپىدىكى قارشىتەرەپكە 3– كىشى سۈپتىدە دەۋەغا قاتنىشىشنى ئۇقتۇرۇشۇ كېرەك .
34 – مادداقانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە ئالاقىدارلار تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ كېسىمىئۈستىدە قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلمىسا ياكى تاۋار ماركىسىنى باھالاشكومتېتىنىڭ كېسىمى ئۈستىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلمىسا ، كېسىم كۈچكە ئىگەبولىدۇ .
كېسىمدەباشقىچە پۇت تېرەپ تۇرۇلمايدۇ دەپ قارالسا ، تەستىقلاپ رويىخەتكە ئېلىنىپ ، تاۋارماركىسى رويىخەتنامىسى بېرىلىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىنىدۇ ؛ كېسىمدە باشقىچە پىكىر پۇتتېرەپ تۇرۇلايدۇ دەپ قارالسا ، رويىخەتكە ئېلىش تەستىقلانمايدۇ .
كېسىمدەباشقىچە پىكىر پۇت تېرەپ تۇرالمايدۇ دەپ قارىلىپ ، رويىخەتكە ئېلىش تەستىقلانسا ،تاۋار ماركىسىنى رويىخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تاۋار ماركىسىنىئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن ۋاقتى دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئېلانىغا ئۈچ ئاي توشقانكۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ .
35 – مادداتاۋار ماركىسىنى رويىخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسى ۋە تاۋار ماركىسىنى قايتا تەكشۈرۈشئىلتىماسىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈش كېرەك .
36– مادداتاۋار ماركىسىنى رويىخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ياكى رويىخەتكە ئالغۇچىتاۋار ماركىسى ئىلتىماس ھۆججىتى ياكى رويىخەتكە ئېلىش ھۆججىتىدە روشەن خاتالىقبارلىقىنى بايقىسا ، تۈزىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ . تاۋار ماركىسى ئىدارىسىئۆزىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدە قانۇن بويىچە تۈزىتىدۇ ھەمدە ئالاقىدارلارغا ئۇقتۇرىدۇ .
ئالدىنقىتارماقتا دېيىلگەن خاتالىقنى تۈزىتىش تاۋار ماركىسى ئىلتىماس ھۆججىتى ياكىرويىخەتكە ئېلىش ھۆججىتىدىكى ماھىيەتلىك مەزمۇنلارغا چېتىمايدۇ .
تۆتىنچىباب رويىخەتكە ئېلنغان تاۋار ماركىسىنى داۋاملىق ئىشلىتىش ، ئۆتۈنۈپ برتىش ۋەئىشلىتىش ئىجازىتى بېرىش
37 – ماددارويىخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ مۇددىتى 10 يىل بولىدۇ ، رويىخەتكە ئىېلشتەستىقلانغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ .
38 –ماددارويىخەتكە ئېلىنغان تاۋار مناركىسىنى كۈچە ئىگە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن داۋاملىقئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، مۇددەت تۇشۇشتىن 6 ئاي بۇرۇن داۋاملىق ئىشلتىشنىرويىخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك ؛ بۇ مۇددەتتە ئىلتىماس قىلىنمسا ، 6 ئايئۇزارتىپ بېرىلسە بولىدۇ ، ئۇزارتىلغان مۆھلەت توشقۇچە يەنىلا ئىلتىماسقىلمىغانلارنىڭ رويىخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى رويىخەتتىن ئۆچۈرۈلىدۇ . رويىخەتكەئېلىنغان داۋاملىق ئىشلىتىشنىڭ ھەر قېتىملىق كۈچكە ئىگە مۇددىتى 10 يىل بولىدۇ . رويىخەتكەئېلىنغان داۋاملىق ئىشلىتىش مۇددىتى تەستىقلانغاندىن كېيىن ئېلان قىلىندۇ .
39 – ماددارويىخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە ، ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى بىلەنئۆتۈنۈپ بېرىلگۈچى ئۆتۈنمە كېلىشىمى تۈزۈشى ھەمدە تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگەبىرلىكتە ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ئۆتۈنۈپ بېرىلگۈچى رويىخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋارماركسى ئىشلىتىلگەن تاۋارنىڭ سۈپتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك .
رويىخەتكەئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش تەستىقلانغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ . ئۆتۈنۈپبېرىلگۈچى ئېلان قىلنغان كۈندىن باشلاپ تاۋارا ماركىسى ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەنبولىدۇ .
40 – مادداتاۋار ماركىسىنى رويىخەتكە ئالدۇرغۇچى تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ئىجازەت توختامىۈزۈش ئارقىلىق رويىخەتكە ئالدۇرغان ماركىسىنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجازەتبەرسە بولىدۇ . ئىجازەت بەرگۈچى ئىجازەت بېرىلگۈچىنىڭ رويىخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋارماركسى ئىشلىتىلگەن تاۋارنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىشى كېرەك . ئىـجازەت بېرىلگچىرويىخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسى ئىشلىتىلگەن تاۋارنىڭ سۈپتىگە كاپالەتلىكقىلىشى كېرەك .
باشقىلاررويىخەتكە ئالسۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئىجازەتلىك ئىشلىتىشتە ، رويىخەتكە ئېلىنغانشۇ تاۋار ماركىسى ئىشلىتىلگەن تاۋارغا ئىجازەت بېرىلگۈچىنىڭ نامى ۋە چىققان جاينىئېنىق ئەسكەرتىش شەرت .
تاۋارماركىسىنى ئىشلىتىش ئىجازەت توختامىنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە ئەنگە ئالدۇرۇشكېرەك .
بەشىنچىباب رويىخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسغا دائىر تالاش – تارتىشنى كېسىم قىلىش
41– ماددارويىخەتكە ئېلىغان تاۋار ماركىسى بۇ قانۇننىڭ 10 –،11–،12–، ماددىلىرىدىكىبەلگىلىملەرگە خىلاپ بولسا، ئالدامچىلىق ۋاستىسى ياكى باشقا ناتوغرا ۋاستىلەرئارقىلىق رويىخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىدۇ ؛ باشقا ئورۇن ياكى شەخسىلەرتاۋار ماركىسىنى باھالاش كومتېتىدىن رويىخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى كېسىمئارقىلىق بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ .
رويىخەتكەئېلىنغان تاۋار ماركىسى بۇ قانۇننىڭ 13–،15–،16–،31– ماددىلىدىكى بەلگىلىمىلەرگەخىلاپ بولسا، تاۋار ماركىسى رويىخەتەك ئېلىنغان كۈندىن باشلاپ 5يىل ئىچىدە تاۋارماركىسى ئىگىسى ياكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بارلار تاۋار ماركىسىنى باھالاشكومتېتىدىن رويىخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركسىنى كېسىم ئارقىلىق بىكار قىلىشىنىتەلەپ قىلسا بولىدۇ . يامان غەرەزدە رويىخەتكە ئالدۇرۇۋالغان بولسا ، مەشھۇر تاۋارماركىسى ئىگىسى 5 يىللىق مۆھلەت چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ .
ئالدىنقىئىكككى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئەھۋالىنى ھېسابقا ، رويىخەتكە ئېلىنغان تاۋارماركىسى ئۈستىدە تالاش تالاش – تارتىش كۆرۈلسە ، شۇ تاۋار ماركىسنى رويىخەتكەئېلىش تەستىقلانغان كۈندىن باشلاپ 5 يىل ئىچىدە تاۋار ماركىسنى باھالاش كومتېتىغاكېسىم قىلىش ئىلتىماسى قىلنسا بولىدۇ .
تاۋارماركىسىنى باھالاش كومتېتى كېسىم ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ،ئالاقىدارلارغا ئۇقتۇرۇشى ھەمدە جاۋاب بېرىش مۇددىتى بەلگىلەپ بېرىشى كېرەك .
42 –ماددارويىخەتكە ئېلىش تەستىقلىنىشتىن بۇرۇن باشقىچە پىكىر بولغان ھەمدە كېسىم قىلىنغانتاۋار ماركىسى ئۈستىدە قايتا كېسىم چىقىشنى ئوخشاش پاكىت ۋە ئاساس بىلەن ئىلتىماسقىلىشقا بولمايدۇ .
43– مادداتاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى رويىخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىكۈچكە ئىگە قىلىش ياكى بىكار قىلىش توغرۇلۇق كېسىم چىقارغاندىن كېيىن ،ئالاقىدارلارغا يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك .
ئالاقىدارلارتاۋار ماركىسنى باھالاش كومتېتىنىڭ كېسىمنامىسىگە قايىل بولمىسا ، ئۇقتۇرۇشنىتاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپا 30 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋە قىلسابولىدۇ . خەلق سوت مەھكىمىسى تاۋار ماركىسى كېسىمى تەرتىپىدىكى قارشى تەرەپكە 3– كىشىسۈپتىدە دەۋەغا قاتنىشىشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك .
ئالتىنچىباب تاۋار ماركىسى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش
44– ماددارويىخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتكۈچىلەردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭبىرسادىر قىلغانلارنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇياكى رويىخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىدۇ .
(1)رويخەتكەئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئۆزگەرتىۋېلىش ؛
(2) رويىخەتكەئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى رويىخەتكە ئالدۇرغۇچنىڭ نامى ، ئادرېسى ياكى رويىخەتكەئېلىنغان باشقا ئىشلارنى ئۆزگەر تىۋىلىش ؛
(3) رويىخەتكەئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىۋىتىش ؛
(4) ئۇدا3 يىل ئىشلەتمەسلىك .
45– ماددارويىخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشتە ، تاۋارنى قوپال ئىشلەپ ، ناچىرىنىياخشى قىلىپ كۆرسىتىپ ئىستىمالچىلارنى ئالدىغانلارنى ھەر دەرىجىلىك سودا – سانائەتنىمەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ئەھۋالغا قاراپ سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇھەمدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقارسا ياكى جەرىمانە قويسا بولىدۇ ياكى تاۋار ماركىسىئىدارىسى رويىخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىدۇ .
46–ماددارويىخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركسى بىكار قىلنغان ياكى مۇددىتى تۇشۇپ داۋاملىقئىشلىتىلمىگەن بولسا ، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى بىكار قىلغان ياكى رويىخەتتىنئۆچۈرگەن كۈندىن باشلاپ 1 يىل ئىچىدە ، شۇ تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپكېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى رويىخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى تەستىقلىمايدۇ .
47– ماددابۇ قانۇننىڭ 6– ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى يەرلىك سودا –سانەئەتنىمەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە رويىخەتكە ئالدۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ ، قوشۇمچەجەرىمانە قويسا بولىدۇ .
48 – ماددارويىخەتكە ئالدۇرمىغان ماركىنى ئىشلەتكۈچىلەردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرنىسادىر قىلغانلارنى يەرلىك سودا – سانەئەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى توسىدۇ ،سۈرۈك ئىچىدە تۈزەتكۈزىدۇ ھەمدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقارسا ياكى جەرىمانە قويسابولىدۇ :
(1) رويىخەتكەئېلىنغان تاۋار ماركىسى قىلىپ كۆرسىتىش ؛
(2) بۇقانۇننىڭ 10– ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش ؛
(3) قوپالئىشلەپ ، ناچىرىنى ياخشى قىلىپ كۆرسىتىپ ، ئىستىمالچىلارنى ئالداش .
49–ماددائالاقىدار تاۋار ماركسىى ئىدارىسىنىڭ تويىخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى بىكارقىلىش قارارىغا قايىل بولمىسا ، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈنئىچىدە تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومتېتىغا قايتا باھالاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، تاۋار ماركىسىن ىباھالاش كومتېتى قارار چىقىرىدۇ ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازمائۇقتۇىدۇ . ئالاقىدارلار تاۋار ماركسىنى باھالاش كومتېتىنىڭ قارارىغا قايىلبولمىسا ، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە خەلق سوتمەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ .
50 – ماددائالاقىدارلار سودا – سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ بۇ قانۇننىڭ 45–، 47–،48–، ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەت چىقارغان جەرىمانە قارارىغا قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە خەلقى سوت مەھكىمىسىگەدەۋا قىلسا بولىدۇ ؛ سۈرۈك توشسىمۇ دەۋە قىلمىسا ھەم ئادا قىلمىسا، مۇناسىۋەتلىكسودا – سانائەتنى مەمۇمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى خەلق سوت مەھكىسىگە مەجبۇرىي ئىجراقىلدۇرپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىدۇ .
يەتتىنچىباب رويىخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قوغداش
51– ماددارويىخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى رويىخەتكە ئېلىش تەستىقلانغانتاۋار ماركىسى ۋە ئىشلىتىش بېكتىلگەن تاۋار بىلەنلا چەكلىنىدۇ .
52– مادداتۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلسە رويىخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشھوقۇقىغا دەخلى – تەرۈز قىلغانلىق ھېسابلىندۇ .
(1) تاۋارماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ ئىجازىتىسىز بىر خىل تاۋار ياكى ئوخىشىشپكېتىدىغان تاۋارغا ئۇنىڭ رويىخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش ياكىئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ؛
(2) روىخەتكەئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۈز قىلنغان تاۋارنى سېتىش ؛
(3) باشقىلاررويىخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسى كۆرسەتمىسىنى ياسۋېلىش ، ئۆز مەيلىچە ياساشياكى ياسىۋېلىنغان ئۆز مەيلىچە ياسىغان رويىخەتتىكى تاۋار ماركىسى كۆرسەتمىسنىسېتىش ؛
(4) تاۋارماركىسىنى رويىخەتكە ئالدۇغۇرچىنىڭ ماقۇللۇقىسىز ، ئۇنىڭ رويىخەتتىكى تاۋارماركىسىنى ئالماشتۇرۇۋېتىش ھەمدە تاۋار ماركىسى ئالماشتۇررۇۋېتىلگەن شۇ تاۋارنىبازارغا سېلىش ؛
53– ماددابۇ قانۇننىڭ 52– ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن رويىخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۈز قىلىش قىلمىشلىدىن بىرى كۆرۈلۈپ ماجرا تۇغۇلسا،ئالاقىدارلار كېڭشىپ ھەل قىلىدۇ ؛ كېڭىشىشنى خالىمىسا ياكى كېلىشەلمىسە ، تاۋارماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى ياكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بارلار خەلق سوتمەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ ، سودا – سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىدىنبىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ، سودا – سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇشتارمىقى بىر تەرەپ قىلغاندا ھوقۇققا دەخلى – تەرۈز قىلىش قىلمىشى ھېسابلىنىدۇ دەپبېكىتسە شۇ قىلىمىشىنى دەرھال توختۇتۇشقا بۇيرۇيدۇ ، ھوقۇققا دەخلى – تەرۈز قىلغانتاۋارنى ۋە شۇنداق تاۋارنى ياساشقا، رويىخەتكى تاېار ماركىسى كۆرسەتمىسنىياسۋېلىشقا ئىشلىتىلگەن قۇراللارنى مۇسادىرە قىلىدۇ ، كۆيدۈرىدۇ ، قۇشۇمچەجەرىمانە قويسا بولىدۇ . ئالاقىدارلار بىر تەرەپ قىلىش قارارىغا قايىل بولمىسا ،بىر تەرەپ قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە « جۇڭخۇاخەلق جۇمۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي دەۋا قانۇنى » بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسابولىدۇ ؛ ھوقۇققا دەخلى – تەرۈز قىلغۇچى سۈرۈك توشسىمۇ دەۋا قىلمىسا ھەم ئاداقىلمىسا، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىيئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ . بىر تەرەپ قىلغان سودا – سانائەتنىمەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئالاقىدارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشھوقۇقىغا دەخلى – تەرۈز قىلغانلىق تۆلەم سوممىسىنى كېلىشتۈرسە بولىدۇ ؛ كېلىشتۈرگىلىبولمىسا، ئالاقىىدارلار « جۇڭخۇا خەلق جۇمۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى » بويىچەسوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ .
54– مادداسودا – سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى رويىخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۈز قىلىش قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق ؛ جىنايەت گۇماندارلىرىنى ئەدىلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇنبويىچە بىر تەرەپ قىلىشغا ۋاقىتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك .
55– مادداناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قانۇنغاخىلاپلىق قىلغانلىق گۇمانغا دائىر دەلىل – ئىسپات ياكى پاش قىلىشقا ئاساسەن ،باشقىلارنىڭ رويىخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۈزقىلىندى ، دەپ گۈمان قىلىنغان قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتا ، تۆۋەندىكىخىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە بولىدۇ :
(1) ئالاقىدارلاردىنسۇئال سۇراش ، باشقىلارنىڭ رويىخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئشلىتىش ھوقۇقىغادەخلى – تەرۈز قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈش ؛
(2) ئالاقىدارلارنىڭھوقۇقىغا دەخلى – تەرۈز قىلغانلىقىغا دائىر توختام ، تالۇن ، ھېساب دەپتىرى ۋەباشقا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى كۆرۈش، كۆپەيتىش ؛
(3) ئالاقىدارلارباشقىلارنىڭ رويىخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۈزقىلدى دەپ گۇمان قىلنغان سورۇنغا بېرىپ تەكشۈرۈش ؛
(4) ھوقۇقىغادەخلى – تەرۈز قىلىشتا مۇناسىۋەتلىك بۇيۇملارنى تەكشۈرۈش ؛ باشقىلارنىڭ رويىخەتكەئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۈز قىلغانلىقىنىئىسپاتلايدىغان دەلىل – ئىسپات بار بۇيۇملارنى تەكشۈرۈپ پىچەتلەش ياكى تۇتۇپ قېلىش .
سودا – سانائەتمەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇنبويىچە يۈرگۈزگەندە ، ئالاقىدارلار ھەمكارلىىشىشى، ماسلىشىشى كېرەك ، رەت قىلىشقا، توسقۇنلۇق قىلىشقا بولمايدۇ .
56– مادداتاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۈز قىلغانلىق تۆلەم سوممىىسى دەخلى –تەرەز قىلغۇچى ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۈز قىلىپ ئېرىشكەن مەنپەئەت ياكى دەخلى – تەرۈزگەئۇچۇرغۇچى ھوقۇقى دەخلى تەرۈزگە ئۇچراپ ھوقۇقى دەخلى – تەرۈزگە ئۇچراپ تارتقانزىيان بولۇپ ، ئۇ دەخلى – تەرۈزگە ئۇچۇرغۇچى ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۈز قىلىشقىلمىشىنى توسۇش ئۈچۈن قىلغان مۇۋاپىق چىقىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
ئالدىنقىتارماقتا دىيىلگەن دەخلى – تەرۈز قىلغۇچىنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۈز قىلىپئېرىشكەن مەنپەئەتىنى ياكى دەخلى – تەرۈزگە ئۇچرىغۇچى ھوقۇقى دەخلى – تەرەزگەئۇچراپ تارتقان زىياننى بېكىتىش قىيىن بولسا ، خەلق سوت مەھكىمىسى ھوقۇققا دەخلى –تەرۈز قىلىش قىلمىشىغا قاراپ 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن تۆلەم تۆلەشكە ھۆكۈم قىلىدۇ .
رويىخەتكەئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۈز قىلغان تاۋارئىكەنلىكىنى بىلمەي ساتقانلار ئۆزىنىڭ بۇ تاۋارغا قانۇنلۇق ئېرىشكەنبلىكىنىئىسپاتلىيالسا ھەم تەمىنلىگۈچىنى ئېيتىپ بىرەلىسە، تۆلەم جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگەئالمايدۇ .
57– مادداتاۋار ماركسىنى رويىخەتكە ئالدۇرغۇچى ياكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بارلارئۇنىڭرويىخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا باشقىلارنىڭ دەخلى – تەرۈزقىلۋاتقانلىقى ياكى قىلدىغانلىقىنى ۋاقتىدا توسمىسا قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىتولدۇرۋالغۇسىز زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل – ئىسپاتلارنىكۆرسىتەلىسە، دەۋە قىلىشتىن بۇرۇن خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئالاقىدار قىلمىشلارنىتوسۇشقا بۇيرۇش ۋە مال – مۈلۈكىنى ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللىنىشنى ئىلتىماس قىلسابولىدۇ .
خەلق سوتمەھكىمىسى ئالدىنقى تارماقتىكى ئىلتىماسىنى بىر تەرەو قىلشتا، « جۇڭخۇا خەلقجۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى » نىڭ 93– ماددىسىدىن 96 – ماددىسىغىچەبولغان بەلگىلىمىلەرنى ۋە 99 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىنى تەتبىقىلايدۇ .
58 – مادداتاۋار ماركىسىنى رويىخەتكە ئالدۇرغۇچى ياكى مەنپەئەت مۇسىۋىتى بارلار ھوقۇققادەخلى – تەرۈز قىلىش قىلمىشىنى توسۇش ئۈچۈن ، دەلىل – ئىسپاتنىڭ يوقىلىپ كېتىشئېھتىمالى بولغان ياكى كېيىن ئېرىشىش تەس بولىدىغان ئەھۋالدا، داۋا قىلشتىنئىلگىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەلىل – ئىسپاتلارنى ئامان ساقلاشنى ئىلتىماس قىلسابولىدۇ .
خەلق سوتمەھلىكىنى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، 48 سائەت ئىچىدە كېسىم چىقىرىشى شەرت؛ ئامان ساقلاش تەدبىرىنى قوللىنىشىنى كېسىم قىلغان بولسا، دەرھال ئىجرا قىلىشكېرەك ..
خەلق سوتمەھكىمىسى ئىلتىماس قىلغۇچىنى كېپىل تۋپىشقا بۇيرۇسا بولىدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچىكېپىل تاپالمىسا ، ئىلتىماسى رەت قىلنىدۇ .
ئىلتىماسقىغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللىنىپ 15 كۈنگىچە دەۋا قىلمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئامان ساقلاش تەدبىرىنى بىكار قىلىشى كېرەك .
59 – مادداتاۋار ماركىسىنى رويىخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ ئىجازىتىسىز ، بىر خىل تاۋارغا ئۇنىڭتويىخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىپ جىنايەتشەكىللەندۈرگەنلەر ، ھوقۇقى دەخلى تەرۈز گە ئۇچرىغۇچىنىڭ زىيىنىنى تۆلىگەندىن سىرت، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋانكالىققا تارتىلىدۇ .
باشقىلارنىڭرويىىخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسى كۆرسەتمىسىنى ياسۋېلىپ ، ئۆز مەيلىچە ياساپياكى ياسۋېلىنغان ، ئۆز مەيلىچە ياسالغان تاۋار ماركىسى كۆرسەتمىسىنى سېتىپ ،جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر ، ھوقۇقى دەخلى – تەرۈزگە ئۇچىرىغۇچىنىڭ زىيىنىنىتۆلىگەندىن سىرت ، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ.
رويىخەتكەئېلىنغان تاۋار ماركىسى ئىشلىتىۋېلىنغان تاۋار ئىكەنلىنى بىلىپ تۇرۇپ سېتىپ ،جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر ، ھوقۇقى دەخلى – تەرۈزگە ئۇچرىغۇچىنىڭ زىيىنىنىتۆلىگەندىن سىرت ، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ .
60 – مادداتاۋار ماركىسىن رويىخەتكە ئالدىغان ، باشقۇرۇدىغان ۋە باھالايدىغان دۆلەت ئورگىنىخادىملىرى قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىشى، پاك – ئىنتىزامچان بولىشى، ۋەزىپىسىگەسادىق بولىشى، مەدەنىي مۇلازىملىق قىلىشى شەرت .
تاۋارماركىسى ئىدارىسى، تاۋار ماركىسى باھالاش كومتېتى ۋە تاۋار ماركىسىنى رويىخەتكەئالدىغان ، باشقۇىدىغان ۋە قايتا باھالايدىغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى تاۋارماكىسى ۋاكالەتچىلىكى ۋە تاۋار ائىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ .
61– مادداسودا – سانائەتنى مەۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئىچكى نازارەتچىلىك تۈزىمىنى ئورنىتىشىۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى ، تاۋار ماركىسىنى رويىخەتكە ئالدىغان ، باشقۇرىدىغان ۋەقايتا باھالايدىغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنىڭ قانۇن ، مەمۇرىي بازارەت قىلىپتەكشۈرۈشى كېرەك .
62– مادددتاۋار ماركسىنى رويىخەتكە ئالدىغان ، باشقۇرىدىغان ۋە قايتا باھالايدىغان دۆلەتئورگىنى خادىملىرىدىن بىپەرۋالىق قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەسپايدىلىنىپ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، تاۋار ماركىسىنى رويىخەتكە ئېلىش ، باشقۇرۇشۋە قايتا باھالاش ئىشلىرىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا بېجىرىپ، ئالاقىدارلاردىن پۇل – مالئېلىپ نامۇۋاپىق مەنپەتكە ئېرىشىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرى جىنايىجاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىيچارە كۆرۈلىدۇ .
سەككىزىنچىباب قۇشۇمچە پىرىنسىپ
63– مادداتاۋار ماركىسىنى رويىخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش ۋە تاۋار ماركىسىغا دائىرباشقا ئىشلارنى بېجىرىشتە ھەق تاپشۇرۇشى كېرەك كونكىرىت ھەق ئۆلچىمى ئايرىمبېكىتىلىدۇ .
64– ماددابۇ قانۇن 1983 –يىلى 3– ئايىنىڭ 1– كۈندىن باشلاپ يولغا قۇيىلىدۇ . 1963 – يىلى 4–ئاينىڭ 10 كۈنى گوۋۇيۈن ئېلان قىلغان « تاۋار ماركىسنى باشقۇرۇش نىزامى » بىكارقىلىنىدۇ ؛ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇشقا دائىر باشقا بەلگىلىملەردىن بۇ قانۇنغا زىتكېلىدىغانلىرى كۈچتىن قالىدۇ .
بۇ قانۇنيولغا قۇيۇلشتىن بۇرۇن رويىخەتكە ئېلىغان تاۋار ماركىسى داۋاملىق كۈچكە ئىگەبولىدۇ .