يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز تۈپەيلى يۈز بېرىۋاتقان ئېچىنىشلىق ھادىسىلەر
تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز زامانىۋى بانكا تۈزۈمى بارلىققا كېلىشتىن ئىلگىرىكى پۇل قەرز بېرىش شەكلى. دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنىدا يىللىق ئۆسۈمى %36تىن يۇقىرى بولغان قەرزلەرنىڭ ھەممىسى يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز دەپ قارىلىدۇ. گەرچە ھەممە ئادەم يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرزگە بىر خىل نەپرەت تۇيغۇسى بىلەن قارىسىمۇ، ئەمما بۈگۈنكى تۇرمۇشىمىزدا يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز سەۋەبىدىن ئائىلىسى ۋەيران بولىدىغان ئىشلار، ھەتتا مۇشۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىققان قانلىق دېلولارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. سۈرەتتە، 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى، شەندوڭنىڭ چۇپىڭ ناھىيەسىدىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇستىن تارتىۋېلىنغان يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز ئېلانى.
2003-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى، شىئەن تۆمۈر يول باشقارمىسى جىنايى ئىشلار 3-چوڭ ئەترىتىدىكى ساقچىلار k166 نومۇرلۇق پويىزنى تەكشۈرگەندە خىروئىن ئېلىپ ماڭغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن بىرنى قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ چامادانىدىن 110 گىرام خىروئىن بايقالغان. خىروئىن يۆتكەپ سېتىش قىلمىشىنىڭ قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. بىراق، بۇ ئوقۇغۇچى 600 مىڭ يۈەنلىك يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرزنى قايتۇرۇش ئۈچۈن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان.
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتە، نەنجىڭدىكى بەيشيا رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر يىگىت بىنادىن ئۆزىنى تاشلىۋالغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىگىتنىڭ فامىلىسى فاڭ بولۇپ، ئەمدىلا 20 نەچچە ياشقا كىرگەن، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن جەمئىيەتتىكىلەردىن 60 مىڭ يۈەن قەرز ئالغان. شۇ كۈنى يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز ئىگىسى قەرز سۈيلەپ كەلگەندە ئۇ ئامالسىزلىقتىن بىنادىن سەكرىگەن. ئۇنىڭ ئاپىسى ئوغلىنىڭ قەرز سەۋەبىدىن كۆپ يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن مەجبۇرلاشلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ يىگىتنىڭ پۇت سۆڭىكى سۇنغاندىن باشقا جايلىرى زەخمىگە ئۇچرىمىغانلىقى ئېنىقلانغان.
2014-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى، شۈ شياڭروڭ ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن بېيجىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدە سوتلانغان. ئۇ سودىدا 10 مىليون يۈەندىن كۆپرەك زىيان تارتقاندىن كېيىن يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز ئالغان. ئارقىدىن، ئۇ قەرز ئۆسۈمى بەك كۆپىيىپ كەتكەنلىكتىن ئۆي سېتىۋالىدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ دوستلىرىنىڭ جەمئىي 40 مىليون يۈەندىن كۆپرەك پۇلىنى ئالداپ كەتكەن. ئۇ ئۆزىنىڭمۇ بۇنداق قىلغۇسى يوقلۇقىنى، بىراق، قەرز قايتۇرۇشقا ئامالسىز قالغانلىقتىن مۇشۇنداق ئاقىۋەتكە قالغانلىقىنى ئېيتقان.
2007-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى، خەينەن ۋەننىڭ ناھىيەسىدە تۇرىدىغان بۇ بالىنىڭ قىمارغا خۇمار بولۇپ قالغانلىقىغا 2 يىل بولغان. ئۇ باشقىلارنىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىپ قىمار ئوينىغانلىقتىن پۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۇتتۇرىۋېتىپ قەرز ئىگىسى قەرز سۈيلەپ كەلگەندە ئائىلىسىدىكىلەرنى قاتتىق چۆچۈتىۋەتكەن.
2013-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتە چاڭشا شەھەرلىك 1-ئاۋغۇست يولىغا جايلاشقان فۇلىخۇا مېھمانخانىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئۆلگۈچى ۋاڭ xxنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئادالەت تەلەپ قىلىپ زارلىغاندىن كېيىن ئامانلىق ساقلىغۇچى خادىملار كېلىپ ئۇلارنى ھەيدىۋەتكەن. 2-ئاينىڭ 17-كۈنى كەچ سائەت 8:30 لار ئەتراپىدا يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز ماجراسى سەۋەبىدىن 2 ئادەم قازا قىلىپ، بىر ئادەم يارىلانغان. ۋاڭ ئائىلىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ۋاڭ كېجۈن بۇ يىل 37 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئائىلىسىدىكى يالغۇز ئوغۇل، تېخى توي قىلمىغان، چاڭشادا ئامانلىق ساقلىغۇچى بولۇپ خىزمەت قىلغان. 2-ئاينىڭ 17-كۈنى ئائىلىسىدىكى بىرەيلەننىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئۆتكۈزۈلگەندە ئۇ بېرىپ تەبرىكلەش ھارىقى ئىچمەكچى بولغان. بىراق، ئۆيىگە قايتىش جەريانىدا دوستىدىن كەلگەن تېلېفوننى تاپشۇرىۋېلىپ قەرز سۈيلىشىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تەبرىكلەش زىياپىتىدىن ۋاز كېچىپ يۈەنجياڭدىن چاڭشاغا كەلگەن ۋە ئويلىمىغان يەردىن مۇشۇ ئىشقا يولۇققان. بۇ قېتىمقى ھادىسىدە قازا قىلغان ئىككەيلەن قەرز سۈيلىشىپ بەرگىلى بېرىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان.
2013-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى، شەنشىنىڭ شېنمۇ ناھىيەسىدىكى بىر بوۋاي ئېرلاڭشەن كۆۋرۈكىدىن ئۆزىنى تاشلىۋالغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ بوۋايمۇ قەرز قايتۇرۇشقا ئامالسىز قالغانلىقتىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالماقچى بولغان. 2012-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، كۆمۈرچىلىك كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردە زىيان كۆرۈلۈپ، شېنمۇ ناھىيەسىنىڭ ئىقتىسادىدا زور چېكىنىش بولغان. شۇ سەۋەبتىن بۇ ناھىيەدىكى كۆمۈرچىلىك ساھەسىگە مەبلەغ سالغان كىشىلەرنىڭ بىر قىسىمى قەرز قايتۇرۇشقا ئامالسىز قېلىپ ھاياتىدىن ۋاز كېچىش يولىنى تاللىغان.
2013-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى شەنشىنىڭ شېنمۇ ناھىيەسىدىكى شيې سۈييىڭنىڭ جاڭ شىبىڭنىڭ ئۆيىدە تۇرىۋاتقىنىغا 20 نەچچە كۈن بولغان. بىراق، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ ئىككەيلەننىڭ ھېچقانداق تونۇشلۇقى يوق ئىدى. جاڭ شىبىڭ 2011-يىلى شيې موماينىڭ ئوغلىدىن 200 مىڭ يۈەن يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز ئالغان بولۇپ، شيې موماينىڭ ئوغلى قەرز سۈيلەش ئۈچۈن ئاپىسىنى جاڭ شىبىڭنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ تۇرغۇزۇپ قويغان.
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى جېجياڭنىڭ ۋېنجۇ شەھىرىدىكى ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگۈچى سودىگەر شىنتەي گوروھىنىڭ ئىشخانىسىغا كېلىپ يېتىۋالغان. بۇ گوروھنىڭ خوجايىنى خۇ فۇلىن 2 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرزگە بوغۇلۇپ قالغاندىن كېيىن قايتۇرۇشقا ئامالسىز قېلىپ قېچىپ كەتكەن.
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى، شىنتەي گوروھىنىڭ 5-قەۋىتىدىكى يىغىن زالىدا 2 قەرز سۈيلىگۈچى ھېسابات قىلىشنى ساقلىماقتا.