پاتېنىت ئىلتىماسى بىجىرىشتە قايسى ھۆججەتلەر بىلەن تەمىنلەش كېرەك؟
كەشپىيات پاتېنىتى ئىلتىماسى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
كەشپىيات پاتېنىت ئىلتىماسنامىسى،چۈشەندۈرۈشنامىسى(چۈشەندۈرۈشنامىنىڭ قوشۇمچە رەسىم بارلىرى چۈشەندۈرۈشنامە بىلەن رەسىمىنى تاپشۇرۇشى كېرەك)،ھوقوق تەلەپنامسى،قىسقىچە مەزمۇنى(قىسقىچە مەزمۇن بىلەن قوشۇمچە رەسىم بىرلىكتە تاپشۇرۇلىشى كېرەك) ، بىر نۇسقا ئىككى شەكىل تاپشۇرۇشى كېرەك.
ئامىنو كىسىلاتاسى ياكى نۇكلېئوتىد تۈرىدىكى پاتېنىت ئىلتىماسىنىڭ ئىلتىماس مەزمۇنى:
تەرتىپ جەدىۋىلى،تەرتىپ جەدىۋىلىنىڭ ئايرىم چۈشەندۈرلىشىنى تاپشۇرۇش،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،دۆلەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقوق ئىدارىسىنىڭ ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كىلىدىغان تەتىپ جەدىۋىلى بار ئوپتىك دېسكا ياكى يۇمشاق دېسكا بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
ئەمىلىي قولىنىشچان پاتېنىت ئىلتىماس قىلىشتا، ئىلتىماس ھۆججەتلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:ئەمىلىي قولىنىشچان يېڭى تىپتىكى پاتېنىت ئىلتىماسنامىسى،چۈشەندۈرۈشنامىسى،قوشۇمچە سۈرەت،ھوقوق تەلەپنامىسى،مۇھىم مەزمون ۋە قوشۇمچە رەسىم قاتارلىقلار.يۇقارقىلاردىن بىر شەكىل ئىككى نۇسقا تەمىنلەش كېرەك.
تاشقى كۆرۈنۈش پاتېنىت ئىلتىماس قىلىشتا،ئىلتىماس ھۆججەتلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆزئىچگە ئالىدۇ:
تاشقى كۆرۈنۈش لاھىيە پاتېنىت ئىلتىماسنامىسى،رەسىم ياكى سۈرەت،يۇقارقىلاردىن بىر شەكىل ئىككى نۇسقا تەمىنلىشى كېرەك.رەڭگىنى قوغدايدىغانلار يەنە رەڭلىك رەسىم ياكى سۈرەتتىن بىر شەكىل ئىككى نۇسقا تەمىنلەيدۇ. رەسىم تاپشۇرۇشتا ئىككىلىسىلا رەسىم بۇلۇشى ياكى ئىككىلىسىلا سۈرەت بۇلۇشى كېرەك. رەسىم بىلەن سۈرەتنى ئارلاشتۇرۇپ تاپشۇرۇشقا بولمايدۇ. مەسىلەن:رەسىم ياكى سۈرەتكە قارىتا چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا زۆرۆرلەر،تاشقى كۆرۈنۈش لاھىيە پاتېنىتىنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈشنامىسىدىن بىر شەكىل ئىككى نۇسقا تاپشۇرىدۇ.