«دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنى تىزىملاشنى باشقۇرۇش نىزامى»
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ پەرمانى
498 -نومۇرلۇق
«دېھقانلاركەسپىي كوپىراتىپىنىتىزىملاشنى باشقۇرۇش نىزامى» ئېلان قىلىندى
بۇ نىزام2007-يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپيولغا قويۇلسۇن
زۇڭلى ۋېن جياباۋ
2007-يىلى 5- ئاينىڭ 28- كۈنى
بىرىنچى باب: ئومۇمىي پرىنسىپ
1-ماددا دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتىنى بېكىتىش. دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنى تىزىملاش ھەرىكەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش مەقسىتىدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېھقانلاركەسپىي كوپىراتىپى قانۇنى»غا ئاساسەن بۇ نىزام تۈزۈم چىقىلدى.
2-ماددا دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنى قۇرۇش،ئۆزگەرتىش ۋە تىزىمدىن ئۆچۈرۈشتە؛ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېھقانلاركەسپىي كوپىراتىپى قانۇنى ۋە بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلە ربويىچە تىزىملاش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش لازىم. دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىىنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلغاندا،ئىلتىماس قىلغۇچى ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنىڭ راستلىقىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك.
3-ماددا دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنى تىزىملاش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تىزىملىتىشىدىن ئۆتۈپ،دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى قانۇنىي ئىگە تىجارەت كىنىشكىسى (نۆۋەتتە قىسقارتىلىپ تىجارەت كېنىشكىسى دەپ ئاتالدى)نى ئېلىپ،قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ. قانۇن بويىچە تىزىملاتماي تۇرۇپ، دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى نامىدا تىجارەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ.
4-ماددا سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى - دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنى تىزىملايدىغان ئورگان. گوۋۇيۈەننىڭ سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنى تىزىملاشنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيەلىك (شەھەرلىك)، رايونلۇق سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تىزىملايدۇ.
گوۋۇيۈەننىڭ سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى كۆلىمى بىرقەدەر چوڭ ياكى رايون ھالقىغان دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنى تىزىملاشنى باشقۇرۇش تەۋەلىكى توغرىسىدا ئالاھىدە بەلگىلىمە چىقارسا بولىدۇ.
ئىككىنچى باب: تىزىملاش ئىشلىرى
5-ماددا دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنى تىزىملاش ئىشلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1)نامى؛
2)ئولتۇراق ئورنى؛
3)ئەزالار چىقارغان مەبلەغ ئومۇمىيسوممىسى؛
4)تىجارەتدائىرىسى؛
5)قانۇنىي ۋەكىلىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى؛
6-ماددا دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ نامىدا «كەسپىي كوپىراتىپ»دېگەن سۆز بولۇشى ھەمدە دۆلەتنىڭ كارخانا نامىنى تىزىملاشقا دائىرى بەلگىلىمىلەرىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.
7-ماددا دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ ئولتۇراق ئورنى دېگەندە ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى تۇرۇشلۇق جاينى كۆرسىتىدۇ.
8-ماددا دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ ئەزالىرى پۇل بىلەن مەبلەغ سالسا بولىدۇ. شۇنداقلا ئەمەلىي نەرسە، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قاتارلىق پۇل بىلەن قىممىتىنى باھالىغىلى بولىدىغان ھەمدە قانۇن بويىچە ئۆتۈنۈپ بەرگىلى بولىدىغان غەيرىي پۇل مۈلۈكلىرىنى باھاغا سۇندۇرۇپ مەبلەغ سالسىمۇبولىدۇ. ئەزالار غەيرىي پۇل مۈلۈكلىرى ئارقىلىق مەبلەغ سالغاندا، ئۇنى بارلىق ئەزالىرى باھالاپ باھاغا سۇندۇرۇشى كېرەك. ئەزالارنىڭ ئەمگەك، ئىناۋەت، تەبىئىي ئادەم ئىسىم-فامىلىسى، سودا شان-شەرىپى، ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت ھوقۇقى ياكى كېپىللىككە بېرىلگەن مال-مۈلۈكنى باھاغا سۇندۇرۇپ مەبلەغ سېلىشقا بولمايدۇ.
ئەزالار سالغان مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسى خەلق پۇلى بىلەن ئىپادىلىنىشى كېرەك، ئەزالار سالغان مەبلەغلەرنىڭ يىغىندىسى ئەزالار سالغان مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسى بولىدۇ.
9-ماددا دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى ئۆز ئەزالىرىنى ئاساسلىق مۇلازىمەت ئوبيېكتى قىلىدۇ. كەسىپ دائىرىسىدە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش،پىششىقلاپ ئىشلەش،توشۇش، ساقلاش ھەمدە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتىگە مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا،ئۇچۇر قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بولسا بولىدۇ.
دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ كەسىپ دائىرىسى كوپىراتىپ نىزامنامىسىدە بەلگىلىنىدۇ.
10-ماددا دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ مۇدىرىيەت مۇدىرى دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى بولىدۇ.
ئۈچىنچى باب: قۇرۇشنى تىزىملىتىش
11-ماددا دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا بارلىق قۇرغۇچىلار كۆرسەتكەن ۋەكىل ياكى ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچى تىزىملاش ئورگانلىرىغا تۆۋەندىكى ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇشى كېرەك:
1)قۇرۇشنى تىزىملىتىش ئىلتىماسنامىسى؛
2)بارلىق قۇرغۇچىلار ئىمزا قويغان،تامغىسىنى باسقان قۇرۇش يىغىنىنىڭ مۇھىم خاتىرىسى؛
3)بارلىق قۇرغۇچىلار ئىمزا قويغان،تامغىسىنى باسقان قۇرۇش يىغىنىنىڭ مۇھىم خاتىرىسى؛
4)قانۇنىي ۋەكىل، مۇدىرىيەت ئەزالىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ھۆججىتى ۋە سالاھىيەت ئىسپاتى؛
5)ئەزالارنىڭ ئىسىم -فامىلىسى ياكىنامى، مەبلەغ سېلىش شەكلى، سالغان مەبلەغ سوممىسى ۋە ئەزالارسالغان مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسى ئېنىق خاتىرىلەنگەن ھەمدە بارلىق مەبلەغ سالغۇچىلار ئىمزا قويۇپ، تامغا بېسىپ ئېتىراپ قىلغان مەبلەغ سېلىش تالونى؛
6)ئەزالارنىڭ ئىسىم -فامىلىسى ياكىنامى، پۇقرا كىملىك نومۇرى ياكى تىزىملاش كېنىشكىسى نومۇرى ۋە تۇرۇشلۇق ئورنى ئېنىق خاتىرلەنگەن ئەزالار ئىسىملىكى ھەمدە ئەزالارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى؛
7)دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ ئۆزئولتۇراق جايىغا قارىتا ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلىكى توغرىسىدىكى ئولتۇراق جاينى ئىشلىتىش ئىسپاتى؛
8)بارلىق قۇرغۇچىلار كۆرسەتكەن ۋەكىل ياكى ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىنىڭ ئىسپاتى؛
دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ كەسىپ دائىرىسىدە قانۇن، مەمۇرىي قانۇن-نىزام ياكى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تىزىملىتىشتىن ئىلگىرى تەستىقلىتىش كېرەك بولغان تۈرلەر بولسا، مۇناسىۋەتلىك تەستىق ھۆججەتلىرىنى تاپشۇرۇش كېرەك.
12-ماددا دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ نىزامىسىدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى قانۇنى»ۋە ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ مەزمۇنلار بولسا،تىزىملاش ئورگىنى دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ مۇناسىپ ئۆزگەرتىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.
13-ماددا ھەق تەلەپ دەۋا ئىقتىدارىغا ئىگە پۇقرالار ھەمدە دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ كەسپىي بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار ياكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىن دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى تەمىنلىگەن مۇلازىمەتتىن پايدىلىنالايدىغان،دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭنىزامنامىسىنى ئېتىراپ قىلىدىغان، نىزامنامىدە بەلگىلەنگەن كوپىراتىپقا كىرىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرگەنلەر دېھقانلاركەسپىي كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى بولسا بولىدۇ. لېكىن ئاممىۋى ئىشلارنى باشقۇرۇش فۇنكسىيەسى بار ئورۇنلارنىڭ دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىغا كىرىشىگە بولمايدۇ.
14-ماددا دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىدا بەشتىن ئارتۇق ئەزا بولۇشى، ئۇنىڭ ئىچىدە دېھقانلار ئاز دېگەندە ئومۇمىي ئەزا سانىنىڭ %80تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىشى كېرەك.
ئەزالار ئومۇمىي سانى20 گە يەتمىگەن كوپىراتىپتا بىر كارخانا، كەسپىي ئورۇن ياكى ئىجتىمائىي تەشكىلات ئەزا بولسا بولىدۇ؛ ئەزالارئومۇمىي سانى 20 دىن ئاشقان كوپىراتىپتا كارخانا، كەسپىي ئورۇن ياكى ئىجتىمائىي تەشكىلات ئەزا سانى ئەزالار ئومۇمىي سانىنىڭ %5 تىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.
15-ماددا دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى دېھقان بولسا، ئۇنىڭ ئەزالىق سالاھىيەت ئىسپاتى يېزا ئىگىلىك نوپۇس دەپتىرى بولىدۇ؛ يېزا ئىگىلىك نوپۇس دەپتىرى يوق بولسا ئۇنىڭ ئەزالىق سالاھىيەت ئىسپاتى كىملىكى ۋە يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى كېنىشكىسى ياكى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى چىقىرىپ بەرگەن سالاھىيەت ئىسپاتى بولىدۇ.
دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى دېھقان بولمىسا، ئەزالىق سالاھىيىتى ئىسپاتى ئاھالىلەر كىملىكى بولىدۇ.
دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى كارخانا،كەسپىي ئورۇن ياكى ئىجتىمائىي تەشكىلات بولسا ئۇنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتى ئىسپاتى كارخانا قانۇنىي ئىگە تىجارەت كېنىشكىسى ياكى باشقا تىزىملاش كېنىشكىلىرى بولىدۇ.
16-ماددا ئىلتىماس قىلغۇچى تاپشۇرغان تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىش ماتېرىياللىرى تولۇق، قانۇنىي شەكىلگە ئۇيغۇن بولسا،تىزىملاش ئورگىنى نەق مەيداندا تىزىملاپ تىجارەت كېنىشكىسى بېرىدۇ.
ئالدىنقى بەلگىلىمىدىكى ئەھۋاللاردىن باشقىلارغا قارىتا، تىزىملاش ئورگىنى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 20كۈن ئىچىدە تىزىملاش-تىزىملىماسلىق توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ. تىزىملانغانلارغاتىجارەت كېنىشكسى بېرىدۇ؛ تىزىملانمىغانلارغا يازما جاۋاب بېرىشى ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى لازىم.
تىجارەت كېنىشكىسى تەستىقلىنىپ بېرىلگەن كۈن دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى قۇرۇلغان كۈن بولىدۇ.
17-ماددا تىجارەت كېنىشكىسى رەسمىي نۇسخىسى ۋە قوشۇمچە نۇسخىسى دەپ ئايرىلىدۇ. رەسمىي نۇسخىسى ۋە قوشۇمچە نۇسخىسى ئوخشاش قانۇنىي كۈچكە ئىگە.
تىجارەت كېنىشكىسىنىڭ رەسمىي نۇسخىسىنى دېھقانلاركەسپىي كوپىراتىپى ئولتۇراق ئورنىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئورنىغا قويۇش كېرەك.
18-ماددا تىجارەت كېنىشكىسى يۈتۈپ كەتكەن ياكى بۇزۇلغان بولسا دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى تولۇقلاپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشى لازىم.
ھەرقانداق ئورۇن ۋەشەخسىنىڭ تىجارەت كېنىشكىسىنى ساختا ياسىۋېلىشىغا، ئۆزگەرتىشىگە، ئىجارىگە، ئارىيەتكە بېرىشىگە،ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
19-ماددا دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنى تىزىملاش ھۆججەتلىرىنىڭ شەكلى، تىجارەت كېنىشكىسىنىڭ رەسمىي نۇسخىسى ۋە قوشۇمچە نۇسخىسىنىڭ شەكلىنى گوۋۇيۈەننىڭ سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىدۇ.
تۆتىنچى باب: تىزىملاشنى ئۆزگەرتىش ۋە تىزىمدىن ئۆچۈرۈش
20-ماددا دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ نامى، ئولتۇراق ئورنى، ئەزالىرى سالغان مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسى،كەسىپ دائىرىسى، قانۇنىي ۋەكىلىنىڭ ئىسىم-فامىلىسىدە ئۆزگىرىش بولسا، ئۆزگىرىش قارارىنى چىقارغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئەسلىدىكى تىزىملىغان ئورگانغا ئۆزگىرىشنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىشى ھەمدە تۆۋەندىكى ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇشى لازىم:
1)قانۇنىي ۋەكىل ئىمزا قويغان ئۆزگىرىشنى تىزىملاش ئىلتىماسنامىسى؛
2)ئەزالار يىغىنى ياكى ئەزالارقۇرۇلتىيىنىڭ ئۆزگەرتىش توغرىسىدىكى قارارى؛
3)قانۇنىي ۋەكىل ئىمزا قويغان تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى نىزامنامە ياكى نىزامنامىنىڭ تۈزىتىشكىرگۈزۈلگەن نۇسخىسى؛
4)قانۇنىي ۋەكىل كۆرسەتكەن ۋەكىل ياكى ھاۋالە قىلىنغان ۋاكالەتچىنىڭ ئىسپاتى؛
21-ماددا دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ كەسىپ دائىرىسىنى ئۆزگەرتىشى قانۇن، مەمۇرىي قانۇن-نىزاملاردىكى ياكى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسىدىكى تەستىقلىتىش زۆرۈر بولغان تۈرلەرگە چېتىشلىق بولسا،تەستىقلانغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئۆزگەرتىشنى تىزىملىشىنى ئىلتىماس قىلىشى ھەمدە ئالاقىدار تەستىق ھۆججەتلىرىنى تاپشۇرۇشى لازىم.
دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ كەسىپ دائىرىسىدە قانۇن، مەمۇرىي قانۇن-نىزاملار ياكى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تىزىملاشتىن ئىلگىرى تەستىقلىتىش زۆرۈر بولغان تۈرلەر بولۇپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، شۇ ئىش يۈز بەرگەندىن باشلاپ 30كۈن ئىچىدە ئۆزگەرتىشنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىش ياكى بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە تىزىمدىن ئۆچۈرۈش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش لازىم.
1)ئىجازەتنامىسى ياكى باشقا تەستىقھۆججەتلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، بىكار قىلىنغان بولسا؛
2)ئىجازەتنامىسى ياكى باشقا تەستىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى توشقان بولسا.
22-ماددا دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ ئەزالىرىدا ئۆزگىرىش بولسا، شۇ مالىيە يىلى ئاخىرلاشقان كۈندىن باشلاپ 30كۈن ئىچىدە قانۇنىي ۋەكىل ئىمزا قويغان، تۈزىتىلگەندىن كېيىنكى ئەزالارتىزىملىكىنى تىزىملاش ئورگىنىغا يوللاپ ئەنگە ئالدۇرۇش لازىم. بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭى ئەزالار كوپىراتىپقا كىرگەن بولسا يەنە يېڭى ئەزانىڭ سالاھىيەت ئىسپاتىنى تاپشۇرۇش كېرەك.
دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ ئەزالىرى ئەزالىرىدا ئۆزگىرىش بولۇش تۈپەيلىدىن دېھقان ئەزالارنىڭ نىسبىتى قانۇندا بەلگىلەنگەن نىسبەتتىن تۆۋەن بولسا، شۇ ئىش يۈز بېرىپ ئالتە ئاي ئىچىدە يېڭى دېھقان ئەزالارنى كوپىراتىپقا قوبۇل قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق دېھقان ئەزالارنىڭ نىسبىتىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن نىسبەتكە يەتكۈزۈش كېرەك.
23-ماددا دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن نىزامنامىسى تىزىملاش ئىشلىرىغا چېتىلمىغان بولسا،ئۆزگەرتىش قارارى چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە قانۇنىي ۋەكىل ئىمزاقويغان، تۈزىتىلگەندىن كېيىنكى نىمزامنامە ياكى نىزامنامىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسىنى تىزىملاش ئورگىنىنىڭ ئەنگە ئېلىشىغا يوللاش كېرەك.
24-ماددا تىزىملاشنى ئۆزگەرتىش تىجارەت كېنىشكىسىنى ئۆزگەرتىشكە چېتىلسا، تىزىملاش ئورگانلىرى تىجارەت كېنىشكىسىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.
25-ماددا ھېساباتنى ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى قۇرغان دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى ھېساباتنى ئېنىقلاشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ھېساباتنى ئېنىقلاش گۇرۇپپىسىنىڭ بارلىق ئەزالىرى كۆرسەتكەن ۋەكىل ياكى ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى ئەسلىدىكى تىزىملىغان ئورگانغا بېرىپ، تىزىمدىن ئۆچۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىشى ھەمدە تۆۋەندىكى ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇشى كېرەك:
1)ھېساباتنى ئېنىقلاش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ئىمزا قويغان تىزىمدىن ئۆچۈرۈش ئىلتىماسى؛
2)دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ قانۇن بويىچە چىقارغان تارقىتىۋېتىش قارارى، دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ قانۇن بويىچە تىجارەت كېنىشكىسى بىكار قىلىنغانلىقى ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى توغرىسىدىكى ھۆججەت، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ۋەيران قىلىش كېسىمنامىسى، تارقىتىۋېتىش ھۆكۈمنامىسى؛
3)ئەزالار چوڭ يىغىنى، ئەزالارقۇرۇلتىيى ياكى سوت مەھكىمىسى ئېتىراپ قىلىپ بېكىتكەن ھېساباتنى ئېنىقلاش دوكلاتى؛
4)تىجارەت كېنىشكىسى؛
5)ھېساباتنى ئېنىقلاش گۇرۇپپىسىنىڭ بارلىق ئەزالىرى كۆرسەتكەن ۋەكىل ياكى ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسىنىڭ ئىسپاتى؛
قوشۇۋېتىش، بۆلۈنۈش تۈپەيلىدىن تارقىتىۋېلگەن دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى تارقىتىۋېتىش قارارى چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئەسلىدىكى تىزىملاش ئورگىنىغا تىزىمدىن ئۆچۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىشى ھەمدە قانۇنىي ۋەكىلى ئىمزا قويغان تىزىمدىن ئۆچۈرۈش ئىلتىماسنامىسى،ئەزالاريىغىنى ياكى ئەزالار قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلغان تارقىتىۋېتىش قارارى ھەمدە قەرز ئىشلىرىنى ئېنىقلاپ تۆلەش ياكى قەرز ئىشلىرىغا كېپىللىك قىلىش ئەھۋالى ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈش، تىجارەت كېنىشكىسى ۋە قانۇنىي ۋەكىل كۆرسەتكەن ۋەكىل ياكى ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىنىڭ ئىسپاتىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.
تىزىملاش ئورگىنى تىزىمدىن ئۆچۈرگەندىن كېيىن،دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى تىجارەتنى توختىتىدۇ.
بەشىنچى باب: قانۇنىي جاۋابكارلىق
26-ماددا ساختا ماتېرىيال تاپشۇرۇش ياكى باشقا ئالداش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنى تىزىملاشنى قولغا كەلتۈرگەنلەرگە قارىتا، تىزىملاش ئورگىنى ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا قارىتا دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ تىزىملىنىشى بىكار قىلىنىدۇ.
27-ماددا دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، تىزىملاش ئورگىنى ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇيدۇ،قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا قارىتا تىجارەت كېنىشكىسى بىكار قىلىنىدۇ:
1)تىزىملاتقان ئىشلاردا ئۆزگىرىش بولغاندا، ئۆزگىرىشنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلمىغان بولسا؛
2)ئەزالاردا ئۆزگىرىش بولۇش تۈپەيلىدىن،دېھقان ئەزالارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن نىسبەتتىن تۆۋەن بولغىلى تولۇق ئالتە ئاي بولغان بولسا؛
3)تىجارەت دائىرىسىدە بولمىغان تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسا؛
4)تىجارەت كېنىشكىسىنى ساختا ياسىۋالغان، ئۆزگەرتكەن، ئىجارىگە، ئارىيەتكە بەرگەن،ئۆتۈنۈپ بەرگەن بولسا؛
28-ماددا دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، تىزىملاش ئورگىنى ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇيدۇ؛
1)تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى ئەزالار ئىسىملىكىنى قانۇن بويىچە تىزىملاش ئورگىنىغا يوللاپ ئەنگە ئالدۇرمىغان بولسا؛
2)تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى نىزامنامىنى ياكى نىزامنامىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى قانۇن بويىچە تىزىملاش ئورگىنىغا يوللاپ ئەنگە ئالدۇرمىغان بولسا؛
29-ماددا شەرتكە ئۇيغۇن كەلمىگەن دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا تىزىملاش ئورگىنى تىزىملىغان بولسا ياكى شەرتى ئۇيغۇن كەلگەن دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا تىزىملىمىغان بولسا، بىۋاسىتە مەسئۇل بولغان ئاساسىي مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە مەسئۇلىيىتى بار خادىملارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.
ئالتىنچى باب قوشۇمچە پرىنسىپ
30-ماددا دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى تارماق ئاپپارات قۇرسا ھەمدە بۇ نىزامدىكى دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنى تىزىملاشقا دائىر بەلگىلىمىگە ئاساسەن، تارماق ئاپپارات تۇرۇشلۇق جايدىكى تىزىملاش ئاپپاراتىغا تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ تارماق ئاپپاراتىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھەرىكىتى بولسا، بۇنىزامدىكى بەلگىلىمىلەرتەدبىقلىنىپ چارە كۆرۈلىدۇ.
31-ماددا تىزىملاش ئورگىنىنىڭ دېھقانلاركەسپىي كوپىراتىپىنى تىزىملىغاندا ھەق ئېلىشىغا بولمايدۇ.
32-ماددا بۇ نىزام يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى قۇرۇلغان دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپلىرى بۇ نىزام يولغا قويۇلغان كۈندىن باشلاپ بىريىل ئىچىدە قانۇن بويىچە تىزىملىتىشى كېرەك.
33-ماددا بۇ نىزام 2007- يىل 7- ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ