پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 213|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

تىجارەتنىڭ ئەڭ بۈيۈك پەللىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

642

تېما

669

يازما

2561

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2561
تىجارەتنىڭ ئەڭ بۈيۈك پەللىسى

1959 – يىلى ئەمدىلا ئىگىلىك تىكلىگەن ئىنا مورىنىڭ مۇددىئاسى باشقا ئىگىلىك تىكلىگەنلەنلەرگە ئوخشاشلا ئۆز ئىقتىدارىنى دەلىللەش، ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى تېخىمۇ ياخشى كۈنلەرگە نائىل قىلىشتەك ئاددىيلا ئىدى. گەپنىڭ نېگىزىنى قىلغاندا، «ئۆزى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش» ئۇنىڭ تىجارەت چېگراسى ئىدى، ئەمما ئىگىلىك تىكلىگەن 3 – يىلى يۈز بەرگەن بىر ئىش ئۇنىڭ تىجارەت قىلىش مۇددىئاسىغا قايتا قاراپ چىقىشىغا تۈرتكە بولدى.
بۇ ئىشنىڭ سەۋەبكارلىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ بىرلا ۋاقىتتا شىركەتكە كىرگەن 11 ياش ئىدى، ئۇلار بىر يىللىقچېنىقىشتىن كېيىن شىركەتنىڭ تايانچ خادىملىرىغا ئايلىنىپ بولغانىدى. شۇ چاغدا بۇ 11 بىرلەشمە ئىمزالىق خەت سۇنۇپ، ئىنا مورىدىن ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغانىدى. ناۋادا ئۇ قوشۇلمىسا، ئۇلار كوللېكتىپ ئىستېپا بەرمەكچى بولغانىدى.
بۇ خىل ۋەزىيەت ئىنا مورىنى ھەقىقەتەن باش قېتىنچىلىقىغا دۇچار قىلدى، چۈنكى شىركەت ئەمدىلا قۇرۇلغان بولغاچقا ناھايىتى ئاجىز ئىدى، ئۇلارنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇش ئۈچۈن شىركەتتە يەتكۈدەك ئەمەلىي كۈچ بولمىسا بولمايتتى؛ ناۋادا قوشۇلمىسا، 11 تايانچ خادىم كوللېكتىپ ئىستېپا بېرىدىغان بولسا، شىركەتنىڭ كۈچى قاتتىق ىورايتتى. شۇڭا ئىنا مورى ئۇلار بىلەن ئۈچ كېچە – كۈندۈز سۆھبەت ئۆتكۈزدى، ئاخىرىدا ئۇ بۇ 11 خادىمغا مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى قىلدى: «سىلەرنىڭ ئېستىپا بېرىشكە جۈرئىتىڭلار بار تۇرۇقلۇق، نېمىشقا ماڭا ئىشىنىشكە جۈرئىتىڭلار يوق؟ مەن ئاللىقاچان كارخانامنى كۆپچىلىك ئېتىراپ قىلىدىغان كۈچلۈك كارخانا قىلىپ قۇرۇشقا بەل باغلاپ بولدۇم، ناۋادا مەن بۇ ئىرادەمگە خىلاپلىق قىلسام، سىلەر ۋاقتى كەلگەندە مېنى قىلىچلاپ قىيما – چىيما قىلىۋەرسەڭلارمۇ رازىمەن».
شۇنداق قىلىپ بۇ 11 خادىم شىركەتتىن كەتمىدى، بىراق ئىنا مورى تولىمۇ ئازابلىق خىيالغا بېرىلدى: «كارخانا قۇرۇشتىكى مەقسەت زادى نېمە؟» ئويلا – ئويلا ئاخىر مۇنداق ھۆكۈمگە كەلدى: «كارخانا قۇرۇش ھەرگىزمۇ كارخانىچىنىڭ شەخسىي ئىشى ئەمەس، ئۇ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنىلا ئويلىسا بولمايدۇ، بەلكى بارلىق خادىمنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى بەختىنى قوغلاشمىسا بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كارخانا ئەڭ يۈكسەك پەللە ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك، ئۇ بولسىمۇ ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان بارلىق خىزمەتچى ئەلۋەتتە خوجايىننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، چۈنكى شىركەت مۇۋەپپەققىيەت قازانسا، ئەڭ چوڭ پايدا يەنىلا كارخانىچىغا تەۋە بولىدۇ، بۇ خىل پەللىنى (ئومۇم ئىچىدە خۇسۇسىيمۇ بولىدۇ) دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. شۇڭا كارخانىچىدا مۇنداق تۆت خىل پەللە بولۇشى كېرەك: كارخانا قۇرۇلغاندا ئۆزى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، دەسلەپكى باسقۇچتا ئومۇم ئىچىگە شەخسنى قويۇش، ئوتتۇرا باسقۇچتا ئومۇم ئۈچۈن شەخسنى ئۇنتۇش، تازا گۈللەنگەندە ئومۇم ئۈچۈن شەخسنى يوقىتىش».
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ: «كۆپ ساندىكى كارخانىچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلار <ئۆزى ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچى> دىن ئومۇم ئىچىگە شەخسنى قويۇش> قا تەرەققىي قىلىنى، يەنى <باشقىلار قايىل بولىدىغان ئادەم> دىن < باشقىلار ھۆرمەت قىلىدىغان ئادەم> گە ئۆزگىرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. چۈنكى بىر ئادەم <باشقىلار ھۆرمەت قىلىدىغان ئادەم> گە تەرەققىي قىلغاندىلا، ئاندىن تېخىمۇ كەڭ ئېتىراپ قىلىشقا، تېخىمۇ زور قوللاشقا، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە تېخىىمۇ بۈيۈك مۇۋەپپەققىيەتكە نائىل بولىدۇ».

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش