پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 45|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

‹‹ ئەلى بابا›› گىرمانىيەدە چىقىمداننىڭ ئىشلىتىلىش دائىرسىنى كېڭ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

642

تېما

669

يازما

2561

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2561
‹‹ ئەلى بابا›› گىرمانىيەدە چىقىمداننىڭ ئىشلىتىلىش دائىرسىنى كېڭەيتىۋاتىدۇ

گىرمانىيەدىكى ‹‹ فىرانكفورىت گېزىتى›› تورىدا مۇنداق خەۋەر بېرىلدى: جۇڭگۇلۇقلار روسمان شىركىتىنىڭ چوڭ تىپتىكى تاللا بازىرىدا يانفۇن ئارقىلىقمۇ ھېسابات قىلغىلى بولىدىغان بولدى. بۇ خەۋەر يانفۇن چىقىمداننىڭ گىرمانىيەدە ئوموملىشىشىغا كۈچلۈك تۈرتىكە بولۇشى مومكىن. جۇڭگۇنىڭ تېخنىكىلىق شىركىتى‹‹ ئەلى بابا››ئشلەپ بازارغا سالغان چىقىمداننىڭ گىرمانىيەدە ئوموملىشىشىغا كۈچلۈك تۈرتىكە بولۇشى مومكىن. جۇڭگۇنىڭ تېخنىكىلىق شىركىتى‹‹ ئەلى بابا›› كۆچمە چىقىمدان مۇلازىمىتىنى تۇنجى قېتىم گىرمانىيەدىكى كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرى زەنجىرسىمان تاللا بازىرى ‹‹ روسمان›› دا يولغا قويدى. مۇلازىمەت ۋاقتىنچە ياۋرۇپاغا ساياھەتكە چىقىش مەزگىلىدە تۈركۈملەپ گىرىم بويۇملىرى ۋە ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى سېتىۋالىدىغان جۇڭگۇلۇق ساياھەتچىلەرگىلا قارىتىلىدى. لىكىن نۇرغۇن كەسپىي زاتنىڭ قارىشىچە، ئەگەر تېخىمۇ كۆپ دۇكانلار بۇ خىل چىقىم ئۇسۇلىنى قوللانسا ، جۇڭگۇلۇقلار گىرمانىيەلىك خېرىدارلارغىمۇ بۇ خىل مۇلازىمەتنى قوللىنىشى مومكىن.
‹‹ ئەلى بابا›› نىڭ بۇ ھەرىكىتى گىرمانىيەدىكى نۇرغۇن بانكىغا تېخىمۇ كۆپ بېسىم پەيدا قىلدى، ئۇلار ئەمدى ئامالنىڭ بارىچە تېزدىن مۇئامىلدارلارغا قولايلىق چىقىم ئۇسۇلىنى تېپىپ بىرىشى كېرەك. چۈنكى گىرمانىيەدىكى كارخانىلار بازارنى چوڭ تىپتىكى ئىنتىرنىت تورى گوروھىنىڭ ئىگىلەپ كېتىشىدىن ئىنتايىن ئەنسىرەيدۇ. گىرمانىيە بانكىسىنىڭ يانفۇن ئەمەلىي قوللىنىشچان سېستىمىسىدىكى مۇئامىلىدارلار ئالدىنقى ھەپتىنىڭ چارشامبە كۈنىدىن باشلاپلا يانفۇن ئارقىلىق چىقىم قىلىشنى باشلىۋەتتى. گىرمانىيە بانكىسىنىڭ بانكا كارتىسى ۋە چىقىم سېستىمىسىنىڭ مەسئۇلى ياڭ رىشاۋىس مۇنداق دېدى: يانفۇندا ھەق تۆلەش مۇلازىمىتى ئاسىيا، شىمالىي ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە، ئىتالىيە قاتارلىق جايلاردا خېلى ئوموملىشىپ قالدى. بىز گىرمانىيەدىمۇ بۇ ئىشنىڭ ئوموملىشىپ قالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
ھازىر گىرمانىيەنىڭ پۇل ئامانەت بانكىسى، ھەمكارلىق بانكىسىمۇ كۆچمە چىقىمداننى يانفۇن ئەمەلىي قوللىنشچان سېستىمىسىغا بىرلەشتۈرۈشتىكى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش چارىسىنى تۈزۈشكە كىرىشتى. گىرمانىيە ئامانەت بانكىلىرى بىرلەشمىسىدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، گىرمانىيەنىڭ دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى بانكىمۇ 2018–يىلى سىناق باسقۇچنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن، يانفۇندا چىقىم قىلىش مۇلازىمىتىنى ئوموميۈزلۈك يولغا قويىدىكەن. يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ بايلىق باشقۇرۇش شىركىتى ‹‹ براند›› مەبلەغ گورۇھى گىرمانىيە شۆبىسى كېڭەش نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ رەئىسى فىرىدىرىش موس بېرلىندا ئېچىلغان گىرمانىيە بانكا كەسپىدىكىلەر يىغىنىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگۇدىكى چىقىم مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان سودىگەرنىڭ چىقىمدانىنى سەل چاغلاپ قالماڭلار، ئۇنىڭ ھازىرقى ئابۇنىتى450 مىليۇنغا يەتتى، بۇ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ نوپۇسىغا تەڭ، ياۋرۇپانىڭ رەقەملىشىش سۈرئىتى بەك ئاستا بولۇۋاتىدۇ. ‹‹ روسمان›› شىركىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە سانلىق مەلۇماتلار جۇڭگۇنىڭ كۆچمە چىقىم مۇلازىمىتىنى تەمىنلەيدىغان سودىگەرلەر بىلەن ھەمكارلىشىشى خېلى چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە قىلغان. شىركەتنىڭ ئاخبارات باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: شىركىتىمىز ھازىر گۈللىنىۋاتقان جۇڭگۇ ساياھەتچىلىك بازىرىغا قارىتا تۇنجى بولۇپ ئېچىۋىتىلگەن گىرمانىيەنىڭ پارچە سېتىش كەسپىدىكى چوڭ تىپتىكى زەنجىرسىمان تاللا بازىرى بولۇپ قالدى. چىقىمداننىڭ شېرىكى مىيۇنخندىكى چىقىم مۇلازىمىتىنى تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، جۇڭگۇدىن ھەر يىلى گىرمانىيەگە ساياھەتكە باردىغانلارنىڭ سانى 2 مىليۇن ئادەم قېتمدىن ئاشىدىغان بولۇپ، مال سېتىۋالدىغانلارنىڭ كىشى بېشى چىقىمى 3000 ياۋرۇغا يىتىدىكەن، يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ تاپاۋىتى كۆپىنچە ۋاقىتلاردا نەچچە يۈز ياۋرۇغا يېتىدىكەن. جۇڭگۇلۇق ساياھەتچىلەرنىڭ گىرمانىيەدىكى بىر قىسىم خاتىرە بويۇمى دۇكانلىرىدا ۋە چوڭ تىپتىكى ئايرۇپورىتلاردا چىقىمدان ئارقىلىق ئىستىمال قىلىشى 2015–يىلىنىڭ ئاخىرىدىلا ئەمەلگە ئاشقان.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش