پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 134|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

8 خىل ئادەت كاللا ئىشلەشنى تېزلىتىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

642

تېما

669

يازما

2561

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2561
8 خىل ئادەت كاللا ئىشلەشنى تېزلىتىدۇ

مەن “MT Lifehacher” دېگەن تور بېتىنىئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن ۋە ئۇنى داۋاملىق ئوقۇپ تۇرىمەن. ئۇنىڭدىن ھەر خىلمەسىلىلەرنىڭ جاۋاپلىرىنى تاپقىلى ۋە ئاشۇ مەسىلەرنى قانداق يېشىشنىڭ ئۇسۇللىرىنىتاپقىلى بولىدۇ. ئەمدى ئوقۇغانلىرىمنى ئۆزۈمنىڭ بىلىملىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ،قېرىنداشلىرىمغا مۇشۇ تور بەتتىكى بىلىملەرنى سۇنسام بولىدىكەن دېگەن ھېسسىياتقاكېلىپ قالدىم. مەن كۆرسىتىدىغان مەسىلە يېشىشنىڭ ھەر خىل ئۇسۇللىرىنى بەلكىممېنىڭدىن باشقا قېرىنداشلىرىمنىڭمۇ بىلگۈسى كېلىشى ۋە ئۇنى ئۆزىگە تەتبىقلاپئۇچۇرغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا يېشىشنى ئارزۇ قىلىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ھازىرقىدەكپەن-تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەقى قىلىۋاتقان دەۋردە، جەمئىيەتكە قانداق مۇئامىلەقىلىش ۋە ئۇنىڭ ھەر بىر ئادەمگە كەلتۈرۈۋاتقان مەسىلىلەرنى قانداق يېڭىش بارلىقىمىزنىڭباشلىرىنى قايمۇقتۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. مەسىلىگە ئۇچۇرسىلا ئۇنۇڭدىن قورقۇپكېتىشكە ۋە ياكى جەمئىيەتتىن ئاچچىقلىنىپ يۈرۈشكە مېنىڭچە تېخىمۇ بولمايدۇ.ھەرقانداق بىر قىيىن مەسىلە ئالدىڭىزغا كەلگەندە، سەۋرچانلىق بىلەن ئىزدەنسىڭىزچوقۇم ئۇنى ھەل قىلىشىڭ يولىنى تاپقىلى بولىدۇ. شۇڭا ئۆزىڭىزنى بىلىم ئارقىلىققوراللاندۇرۇشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. مەن تونۇشتۇرىدىغان بۇ مەسىلە يېشىشنىڭئۇسۇللىرى ناھايىتى قىسقا ھەم مەزمۇنلۇق بولۇپ، سىز ئۇنى چوقۇم ياخشى كورىسىز.
بەزى كىشىلەر ھېسابلاشتا ئاستا، يېڭىنەرسىلەرنى ئېسىدە ساقلىيالماي، ئوخشاش بىر خاتالىقنى داۋاملىق ئۆتكۈزۈپ تۇرىدۇ.ئۇنداق بولسا قانداق قىلغاندا كاللىنىڭ ئىشلىشىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ؟ تۆۋەندەكاللا ئىشلەشنىڭ تېزلىگىنى ئاشۇرۇشنىڭ 8 ئادىتىنى كۆرۈپ چىقايلى.
1. ھەر كۈنى كۆرگەن ۋەقەلەر ياكىھادىسىلەرنى ئويلاش ياكى ئەسلەپ چىقىش
ھەر كۈنى كارىۋاتقا چىقىپ ئۇخلاشتىن بۇرۇن،شۇ كۈنى ئەتىگەندىن كەچكىچە بولغان بارلىق ھادىسىلەر ياكى ۋەقەلەرنى بىر بىرلەپئويلاپ چىقىپ ئۇنى سۆزگە ئايلاندۇرۇپ چىقىڭ. بۇنداق قىلسىڭىز تۇتۇۋېلىشقابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرەلەيسىز. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان كاللىدا ئويلاش دېگىنىمىز،ئۇ ۋەقەلەرنى ئويلاپلا بولدى قېلىش ئەمەس، ئويلىغانلىرىڭىزنى سۆزگە ئايلاندۇرۇپدەپ چىقىشتىن ئىبارەت. بۇ ئۇسۇل تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرۈپلا قالماي،ئوخشاش خاتالىقنى داۋاملىق ئۆتكۈزىدىغان كىشىلەرگە بەك ئۈنۈملۈك بولىدۇ. مېنىڭچەبۇ ئۇسۇل كاللىسى ئاستا ئىشلەيدىغانلا ئەمەس، كاللىسى تېز ئىشلەيدىغانلارغىمۇئۈنۈملۈك بولۇپ، كاللىنىڭ تېخىمۇ ئىشلىشىگە زور تەسىر قىلىدۇ. سىز بۇ ئۇسۇلنىھازىرغىچە قىلىپ كۆرگەنمۇ؟ ئەگەر قىلمىسىڭىز كەم دېگەندە 3 ئاي داۋاملاشتۇرۇپبېقىڭ. بۇ بەكمۇ ئاددىي ئۇسۇل بولۇپ، قېنى بۈگۈن كەچتىن باشلاپ سىناپ بېقىشنىباشلاڭ.
2. كاللىنىڭ ئىشلىشى يېمەك ئىچمەككەتايىنىپ قالمايدۇ
ئەپسۇسكى، كاللىنىڭ ئىشلىشى ئۈچۈن ئالاھىدەيېمەكلىك يوق. ماۋۇ يېمەكلىكنى يېسەڭ كاللاڭ ئىشلەيدۇ دەيدىغان گەپمۇ يوق. بىراق،كاللىنىڭ ئوزۇقلۇقىغا شېكەر لازىم بولىدۇ. بۇ دېگەنلىك شېكەرنى كوپ يېسەڭ كاللاڭئىشلەيدۇ دېگەنلىك ئەمەس. شۇڭا يېمەك-ئىچمەكلەرنى نورمال يەپ بەدەننىڭ تەنساغلاملىقىنى ياخشى تۇتۇش لازىم. بەزى ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ كاللىسىنى ئۆتكۈرلىتىشئۈچۈن ھەددىدىن ئارتۇق يېمەكلىكلەرنى بېرىپ بالىنى بىزار قىلىدۇ. مېنىڭچە بۇ ياخشىئەھۋال ئەمەس. مۇمكىن بولسا بالىنى ئىلمى ئۇسۇلدا ئوزۇقلاندۇرۇش لازىم.
3. قانغىچە ئۇخلاش لازىم
سىز ياخشى ئۇخلىماي چارچىسىڭىز كاللىنىڭئىشلىنىشى ئاستىلاپ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭىزدىن چاتاق چىقىدۇ. مەنمۇ بەزى ۋاقىتتاكوپ ئىش قىلىپ چارچىغان ۋاقىتلىرىمدا، بالىلىرىمنىڭ مەندىن نېمە سوراۋاتقانلىقىنىئۇقالماي خاتا جاۋاب بېرىپ قويغان ۋاقىتلىرىم بولغان. بۇنداق ئىش داۋاملاشسا بەدەنئاجىزلاپ كاللىنىڭ ئىشلىشى ئۇياقتا تۇرسۇن تەن-سالامەتلىگىڭىز ناچارلىشىدۇ. شۇڭاقانغىچە ئۇخلاش لازىم. قانغىچە ئۇخلىيالمىدىم دەپ ئورۇندىن تۇرماي يېرىم كۈنئۇخلاشنىڭ لازىمى يوق. ئادەتتە 6 سائەت قانغىچە ئۇخلاشقا يېتىدىكەن. قانغىچەئۇخلاش ئۈچۈن تەبىئەت ئاۋازلىرى ئېلىنغان مۇزىكىلارنى ئاڭلاپ ياتسا ياخشى دەپقارىلىدىكەن. مەسىلەن سۇلارنىڭ شارقىرىغان ئاۋازلىرى ئېلىنغان مۇزىكىلارنى ئاڭلاپيېتىش. كەچتە ياخشى ئۇخلاش ئۈچۈن ھەددىدىن ئارتۇق ئېغىر تەن ھەرىكەت بىلەنشۇغۇللىنىشمۇ ياخشى ئەمەس ئىكەن. مەسىلەن، قاتتىق يۈگۈرۈش ۋە ئېغىر نەرسىلەرنىكۆتۈرۈش. بۇ دېگەنلىك ھەرگىز بەدەن چىنۇقتۇرما دېگەنلىك ئەمەس. ھەر كۈنى بەدەنچېنىقتۇرۇش كاللىنىڭ ئىشلىشىگە تەسىر قىلىپ قالماي تەن-سالامەتلىگىڭىزنىڭ ياخشىبولۇشىغىمۇ ئالاھىدە تەسىر قىلىدۇ.
4. ھەر كۈنى چوقۇم مېڭىش لازىم
ھەر كۈنى مېڭىش ۋە بەدەننى تولغاچ، كاللىنىڭئىشلىشىگە بەكمۇ ياخشى دەپ قارىلىدىكەن. بىراق ھەددىدىن ئارتۇق ھەرىكەت ياخشىئەمەس ئىكەن. ئادەتتە كىشىلەر ھەر كۈنى كەم دېگەندە 3 كۈن بەدەن چېنىقتۇرۇشى، كەمدېگەندە 50 مىنۇت مېڭىپ بېرىشى زۆرۈر ئىكەن. بۇنداق بولغاندا بەدەندىكى قانتومۇرلارنىڭ ئايلىنىشى ياخشىلىنىپ، كاللىنىڭ ھەرىكەتلىنىشىگە لازىم بولغان شىكەرلائەمەس، كاللىغا مۇتلەق لازىم بولغان ئوكسىگەن يېتىپ كېلىدىكەن. شۇڭا ھەر كۈنىھەرىكەت قىلىپ قان تومۇردىكى قاننىڭ ئايلىنىشىنى ياخشىلىتىپ، قان ئېقىم مىقدارىنىكۆپەيتكەن ياخشى ئىكەن. سىز كاللىڭىزنىڭ ئىشلىشىنى ھەقىقىي ياخشىلايمەن دېسىڭىزھەر كۈنى نورمال تەن ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىڭ. مۇمكىن بولسىلا ماڭىدىغان يەرلەرگەمېڭىپ بېرىپ، ماشىنا ياكى ئاپتوبۇسلارنى ئىشلەتمىگەن ياخشى. خىزمەت ۋاقتىدىكى دەمئېلىشلاردا مۇمكىن بولسىلا يارلىقلاردىكى دەم ئېلىشلاردا ماڭغىنىڭىز ياخشى.
5. ئوخشىمىغان ئىش قىلىش
كاللىنىڭ ئىشلىشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن قىلىپباقمىغان ئىشنى قىلىپ بېقىشمۇ ياخشى ئۇنۇم بېرىدۇ. بۇنداق بۆلىشى ئوخشىمىغان ئىشنىقىلغاندا كاللىنىڭ ئىشلەپ باقمىغان قىسىملىرى ھەرىكەتلىنىدىكەن. ھەر كۈنى ئوخشاشلائىش قىلغاندا كاللىنىڭ پالىيەتچانلىقى تۆۋەنلەيدىكەن. شۇڭا قىلىۋاتقان ئىشىڭىزدىنباشقا ئىشلارنىمۇ داۋاملىق قىلىپ بەرگىنىڭىز ياخشى ئىكەن. مەسىلەن شەخمەت ئويناشۋە تېپىشماق ئېيتىش قاتارلىقلار.
6. كىشىلەر بىلەن بولغان ئالاقىنىكۆپەيتىش
كاللىنى چېنىقتۇرۇش ئۇسۇللىرى كوپ بولۇپ، بۇئۇسۇللار كىشىلەرنىڭ تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى بىلەن چۈشىنىش قابىلىيىتىنى ئۇستۇرىدۇ.يەنى ھېسابلاشنى تېزلەتكىلى، يېڭى نەرسىلەرنى چۈشىنىشنى ياخشىلىغىلى بولسىمۇ بىراقبۇنۇڭ بىلەيلا كىشىلەر ئىپادىلەش كۈچىنى ياكى تەسەۋۋۇر كۈچىنى ئۆزىگەئۆزلەشتۈرەلمەيدۇ. شۇڭا كىشىلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى ئاشۇرساق ئىپادىلەش كۈچىنىياكى تەسەۋۋۇر كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. كىشىلەر بىلەن بولغان ئالاقە دېگەندەچوقۇم سوز ئىشلىتىپ باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئېغىزىمىزداسوز ۋە جۈملىلەرنى ئىشلىتىپ قارشى تەرەپ بىلەن پاراڭلىشىش. بولۇپمۇ باشقىلارغاناھايىتى ئاسانلار ئۆزىنىڭ دېمەكچى بولغىنىنى يەتكۈزۈش بەك مۇھىم. چۈنكىباشقىلارغا دېمەكچى بولغىنىنى ئاسان چۈشەندۈرۈشنىڭ ئۆزى ئىپادىلەش كۈچىنىڭ ياخشىئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىپ سۆزلىشىش بىرئاز قىيىن بولسىمۇتارتىنماي قارشى تەرەپكە ئۆزىڭىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىڭىزنى يەتكۈزسىڭىز ۋە بۇنداققورقماسلىقنى قايتىلاپ تۇرسىڭىز سىزنىڭ ئىپادىلەش كۈچىڭىز تېزلا نامايان بولىدۇ.شۇڭا باشقىلار ئالدىدا تارتىنماي سوز قىلىش ئادەتنى يېتىلدۈرۈڭ. بۇ يەردە يەنە بىرمۇھىم مەسىلە باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا قانداق نەرسىنى ئەڭ ئالدى بىلەنيەتكۈزۈشتىن ئىبارەت. سىز باشقىلار بىلەن پاراڭلاشتىم دەپ كاللىغا نېمە كەلسە شۇنىدەۋەرسىڭىز بولمايدۇ. كالىدا دېمەكچى بولغاننى ياخشى ئويلاپ ناھايىتى راۋان ۋەنورمال ئاۋازدا ئىپادىلەشنى ئۆگىنىڭ. ئەلۋەتتە سوز بايان قىلىشتىن بۇرۇن قارشىتەرەپنىڭ پىكرىنى ياخشى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاش لازىم. بۇنداق قىلىش سىزنىڭ تەسەۋۋۇركۈچىڭىزنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي ناھايىتى رەتىملىك ئىپادىلەشنىئۆگەنگىلى بولىدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىڭىزنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن رادىئو ۋەقىزىقارلىق ھېكايىلەرنى ئاڭلاشمۇ ناھايىتى چوڭ ئەھمىيىتى بولىدۇ. بۇنداق دېگەنلىكسۈرەت ۋە رەسىملەر يوق ھالەتتە كالىڭىزغا ئۇچۇرلارنى قاچىلاشتىن ئىبارەت. ئۇچۇرنىرەسىمسىز تەھلىل قىلغاندا ئاشۇ ئۇچۇرنىڭ نەق مەيدان ھالىتىنى كالىڭىزدا سۈرەتلەپچىقىسىز. شۇڭا كوپ ئاڭلاش تەسەۋۋۇر كۈچىڭىزنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.يۇقىرىدا دېگەندەك قىزىق ھېكايىلەرنى ئوقۇشمۇ سىزنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىڭىزنى ئاشۇرىدۇچۈنكى ئوقۇغان ھېكايىدىكى قىزىق ھالەتنى كاللىڭىزدا تەسۋۇرلىيەلمىسىڭىز ئۇنۇڭقىزىق بىر ھېكايە ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىز.
7. تېز ئاڭلاش ئۈنۈمى
تېز ئاڭلاش ئۈنۈمى دېگىنىمىزدە  تېز سۈرەتتىكى ئاۋازلارنى ئاڭلاشقاقارىتىلغان بولىدۇ. بۇنداق ئاۋازلارنى ئاڭلاپ بەرگەندە كىشىلەرنىڭ نەرسىلەرنىچۈشىنىش كۈچى ئالاھىدە ئارتىپ مېڭىش بىلەن بىرگە تەسەۋۋۇر كۈچىمۇ ئازراقئۆسىدىكەن. بولۇپمۇ باشقىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تېز چۈشىنەلمەيدىغانلار بۇ ئۇسۇلنىقوللىنىپ باقسا بولىدىكەن. كاللىڭىز چارچاپ كەتكەندە بۇ ئۇسۇلنى تەجرىبە قىلماڭ.
8. ئەتىگەن تۇرۇش
چۈشتىن بۇرۇنقى كاللىنىڭ ھەرىكىتىنى ياخشىلاشئۈچۈن ئەتىگىنى ئەتىگەن تۇرغان ياخشى ئىكەن. مەسىلەن سىز سائەت توققۇزلاردائىشلىمەكچى بولسىڭىز چوقۇم ئىككى سائەت بۇرۇن تۇرغىنىڭىز ياخشى ئىكەن. ئەتىگەنتۇرغاندىن كېيىن ئەلۋەتتە ئەتىگەنلىك تاماق يېيىشنى ئۇنتۇماسلىقىڭىز لازىم.ئەتىگەنلىك تاماقنى مۇمكىن بولسا ياخشى يېمەكلىكلەر بىلەن قورساقنى راۋۇرۇستويدۇرۇش لازىم. ئەتىگەنلىك تاماققا سەل قارىسىڭىز سىزنىڭ بىر كۈنلۈك ئىشىڭىز ۋەكاللىنىڭ ئىشلىشىگە ياخشى تەسىر بەرمەيدىكەن.
چۈشتىن بۇرۇنقى كاللىنىڭ ھەرىكىتىنىياخشىلاش ئۈچۈن ئەتىگىنى ئەتىگەن تۇرغان ياخشى ئىكەن. مەسىلەن سىز سائەتتوققۇزلاردا ئىشلىمەكچى بولسىڭىز چوقۇم ئىككى سائەت بۇرۇن تۇرغىنىڭىز ياخشى ئىكەن.ئەتىگەن تۇرغاندىن كېيىن ئەلۋەتتە ئەتىگەنلىك تاماق يېيىشنى ئۇنتۇماسلىقىڭىزلازىم. ئەتىگەنلىك تاماقنى مۇمكىن بولسا ياخشى يېمەكلىكلەر بىلەن قورساقنى راۋۇرۇستويدۇرۇش لازىم. ئەتىگەنلىك تاماققا سەل قارىسىڭىز سىزنىڭ بىر كۈنلۈك ئىشىڭىز ۋەكاللىنىڭ ئىشلىشىگە ياخشى تەسىر بەرمەيدىكەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش