پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 4|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ناچار ئىناۋەت خاتىرىسىنىڭ قانچىلىك زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

642

تېما

669

يازما

2561

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2561
ناچار ئىناۋەت خاتىرىسىنىڭ قانچىلىك زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز


20160723202946385.jpg (70.08 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

چۈشۈرۈش

2017-7-16 16:33 چىقىرىش


ئىناۋەت گۇۋاھلىقى كەسپى ئەڭ دەسلەپ ئەنگلىيەدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، كېيىنچە بارا-بارا باشقا تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگە كېڭەيگەن. بۈگۈنگە قەدەر ئامېرىكىنىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى كەسپى ئاللىقاچان 160 يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان بولۇپ، دانىيە دۇنيادىكى ئەڭ سەمىمىي دۆلەت شەرىپىگە ئېرىشكەن. گېرمانىيەدىكى ئىناۋەت خاتىرىسى ئاللىقاچان كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرگە سىڭىپ كىرگەن بولۇپ، ھەتتا ئىجارە ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرغۇچىلارمۇ ئۆي ئىگىسىگە شەخسىي ئىناۋەت خاتىرىسى تاپشۇرۇشى لازىم.
ئۇنداقتا شەخسلەر ئىناۋەت خاتىرىسى دېگەن نېمە؟

20160723203239240.jpg (51.03 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

چۈشۈرۈش

2017-7-16 16:33 چىقىرىش


جۇڭگودا «ئادەمدە ئىشەنچ بولمىسا پۇت تىرەپ تۇرغىلى بولماس!» دېگەندەك ئۈگۈتلەر كۆپ. ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، شەخسىي ئىناۋەتنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشىمىزدىكى رولى بارغانسېرى مۇھىم ئورۇندا تۇرۇشقا باشلىدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، شەخسىي قەرز پۇل خاتىرىسى نۆۋەتتە دەل بىزنىڭ ئىككىنچى كىملىكىمىز بولۇپ قالدى. ھازىر قەرز ئېلىپ بىرەر نەرسىنى سېتىۋالماقچى ياكى تىجارەتكە دەسمىي قىلماقچى بولسىڭىز چوقۇم ياخشى شەخسىي ئىناۋەت خاتىرىڭىز بولۇشى شەرت.

20160723203427186.jpg (63.48 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

چۈشۈرۈش

2017-7-16 16:33 چىقىرىش


ئەمەلىيەتتە شەخسلەر ئىناۋەت خاتىرىسى ئۇنداق سىرلىقمۇ ئەمەس. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتساق، ئۇ بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى پۈتۈشكەن پۈتۈمنى، توختامنى ئادا قىلىش-قىلماسلىق جەھەتتىكى ئوبيېكتىپ خاتىرىنى كۆرسىتىدۇ. پۈتۈمنى ئادا قىلساق، توختامغا رىئايە قىلساق ئىناۋەت خاتىرىمىز ياخشى بولىدۇ. توختامغا خىلاپلىق قىلىپ توختام ماددىلىرىغا رىئايە قىلمىساق ئىناۋەت خاتىرىمىز ناچار بولىدۇ. بۇ يەنە ئىناۋەت دېغى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ياخشى ئىناۋەت خاتىرىسى قانچە كۆپ بولغانسېرى شەخسىي ئىناۋەت خاتىرىمىزگە قويۇلىدىغان باھا شۇنچە يۇقىرى، شەخسلەر ئىناۋەت دەرىجىمىزمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. بۇنىڭدا قەرز پۇل ئېلىشىمىزمۇ شۇنچە ئاسان بولىدۇ.

20160723203124581.jpg (41.7 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

چۈشۈرۈش

2017-7-16 16:33 چىقىرىش


كىشىلەر بارغانسېرى كىرېدىت كارتىسى ئىشلىتىپ چىقىم قىلىشقا كۆنۈپ قالغاندىن كېيىن، شەخسىي ئىناۋەت تىلغا ئېلىنسىلا چوقۇم ئۇنى كىرېدىت كارتىسى بىلەن بىر دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە كىرېدىت كارتىسى پەقەت شەخسلەرنىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر كىچىك تۈر خالاس. ئادەتتە، شەخسىي ئىناۋەت دائىرىسى تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :
  (1) شەخسنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرلىرى. مەسىلەن، ئوقۇش تارىخى، كەسپى، نىكاھلىنىش ئەھۋالى قاتارلىقلار؛ 2) كىرېدىت سودا ئۇچۇرى. مەسىلەن، قەرز پۇل ئۇچۇرى، كىرېدىت كارتىسى، قەرز كارتىسى، كېپىللىك ئۇچۇرى قاتارلىقلار ؛ 3) شەخسلەرنىڭ ئىناۋەت ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان جامائەت ئۇچۇرى. مەسىلەن، مەمۇرىي مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش ئۇچۇرى، سوت ئۇچۇرى قاتارلىقلار.
يەنە بىر تەرەپتىن، شەخسىي ئامانەت پۇل، كىرىم، قولىدا بار بولغان ئاكسىيە، سۇغۇرتا، مۇقىم مۈلۈك، باج تاپشۇرۇش ئۇچۇرى قاتارلىقلارمۇ شەخسىي ئۇچۇر سۈپىتىدە ئىناۋەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ.

20160723203150155.jpg (71.8 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

چۈشۈرۈش

2017-7-16 16:33 چىقىرىش


(سۈرەتتە : 2011-يىلى خەلق بانكىسىنىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى)
قايسى قىلمىشلار ناچار ئىناۋەت خاتىرىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ؟
«ئىناۋەت گۇۋاھلىقىنى باشقۇرۇش نىزامى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە، شەخسىي ئىناۋەت دوكلاتىدىكى ناچار ئۇچۇرلار پەقەت كىرېدىت كارتىسىنىڭ قايتۇرۇش قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنىلا ئەمەس بەلكى يەنە ئۇچۇر ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ ئىناۋەت ئەھۋالىدىن ھاسىل بولغان ھەر خىل ناچار ئۇچۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى لازىم. بۇ ئۇچۇرلار ئاساسىي گەۋدىسى ئېلىم-بېرىم، قەرز، كېپىللىك، ئىجارىگە ئېلىش، سۇغۇرتا، كىرېدىت كارتىسى ئىشلىتىش قاتارلىق تەرەپلەردە توختام بويىچە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان-قىلمىغانلىق ئۇچۇرى، ئۇچۇر سۇبيېكتىگە بولغان مەمۇرىي جازالاش ئۇچۇرى، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم ياكى كېسىم ئۇچۇر ئاساسىي گەۋدىسىنى ئادا قىلىش ئەھۋالى ۋە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش ئۇچۇرى، شۇنىڭدەك دۆلەت مەھكىمىسىنىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقىنى باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلىگەن باشقا ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

20160723203311469.jpg (68.5 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

چۈشۈرۈش

2017-7-16 16:33 چىقىرىش


ئومۇمەن ئېيتقاندا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللار ناچار ئىناۋەت خاتىرىسىنى پەيدا قىلىدۇ :
1.ئىناۋەتلىك كارتا بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بەزى قىلمىشلار. كىرېدىت كارتىسى بىلەن ئانكول ئىستېمال قىلىش، ئۇدا ئۈچ قېتىم رەنىلىك قەرز پۇل ئېلىش، جەمئىي ئالتە قېتىم قەرەلى ئۆتكەندە ئاندىن قايتۇرۇش؛ ئىناۋەتلىك كارتىنى يامان نىيەتتە ئىشلىتىپ نەق پۇل ئېلىش، ئەگەر كىرېدىت كارتىسىنى قوزغاتماي يىللىق ھەققى پەيدا بولسىمۇ سەلبىي قەرز پۇل خاتىرىسى پەيدا بولۇشى مۇمكىن.

2. يانفون نومۇرىنى توختىتىۋەتكەن بولسىمۇ لېكىن ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرمەي ئايلىق ئىجارە ھەققى پەيدا بولۇش. نۆۋەتتە يانفون نومۇرلىرىنىڭ ھەممىسى كىملىك بىلەن باغلىنىدۇ. شۇڭا ئايلىق ئىجارە ھەققى قەرزىنى قايتۇرماي كارتىنى تاشلىۋەتسىمۇ ناچار ئىناۋەت ئارخىپىغا يېزىلىدۇ.
3. ئۆي قەرزىنى قايتۇرغان ۋاقىتتا، ئۆسۈم نىسبىتىگە دىققەت قىلمىسا ئايلىق تۆلەيدىغان پۇلى ئارتىپ كېتىدۇ-دە، بۇ ئارتىپ كەتكەن پۇل ئەڭ ئاخىرىدا قەرەلى ئۆتۈپ كەتتى دەپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئۆي قەرزىنى قايتۇرغان ۋاقىتتا ئۆز ۋاقتىدا قايتۇرۇشقا دىققەت قىلىش بىلەن بىللە يەنە ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىش كېرەك.
4. ئۈچىنچى تەرەپكە كېپىللىك بېرىپ ئۈچىنچى تەرەپ قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرمىسا يەنە ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىدە ناچار تەسىر پەيدا قىلىدۇ.
5. ئۆي، ئاپتوموبىل قەرزىنى تەخمىنەن 2-3 ئاي قايتۇرماي توختىتىپ قويسىمۇ يەنە ناچار ئىناۋەت خاتىرىسى پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى قايتۇرۇشنى كەينىگە سۈرسىمۇ ناچار ئىناۋەت خاتىرىسى پەيدا قىلىدۇ.
6. قەرز ئىقتىسادىي ماجىرالىرى. شەخسىي ئىناۋەت دوكلاتىغا يەنە سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر قىسىم ئىقتىساد تۈرىدىكى ھۆكۈملىرىمۇ يېزىلىدۇ.
ئەڭ ئاخىرقى بىر خىل ئەھۋالنى بەلكىم ئويلاپ باقمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. سۇ، توك، يېقىلغۇ گاز ھەققىنى ۋاقتىدا تاپشۇرمىسىڭىزمۇ ناچار ئىناۋەت خاتىرىسى شەكىللىنىدۇ.

20160723203339715.jpg (61.05 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

چۈشۈرۈش

2017-7-16 16:33 چىقىرىش


( رەسىم : شاڭخەيدە سۇ، توك، گاز پۇلى قەرزى 500 يۈەندىن ئېشىپ كەتسە، ھەمدە ئىككى قېتىم سۈيلىسىمۇ كارى بولمىسا ناچار ئىناۋەت خاتىرىسىگە يېزىلىدۇ)
ناچار ئىناۋەت خاتىرىسى قانداق زىيىنى بار ؟
ناچار ئىناۋەت خاتىرىسىنى ئېلىپ كەلگەن بىۋاسىتە زىيان :
1) بانكىدىن قەرز پۇل ئالالمايسىز؛ 2) ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرەلمەيسىز؛ 3) ئەگەر يامان نىيەتتە بانكا قەرزىنى قايتۇرۇشنى كەينىگە سۆرەپ يەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئىناۋەت گۇۋاھلىقى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلۈپ قالسا سەپەرگە چىقىش تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن، شەخسنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىقتىسادىي تۇرمۇش سۈپىتىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئۇنداق بولغاندا «ئەتىدىكى پۇلغا بۈگۈنكى بەختنى سېتىۋېلىشقا» ئامالسىز قالىمىز.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە شەخسنىڭ شەكىلسىز مۈلۈكىمۇ زور دەرىجىدە ئازىيىپ كېتىدۇ

يۇقىرىقى تونۇشتۇرۇشلاردىن بىلىشكە بولىدۇكى، كىرېدىت كارتىسىنىڭ تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان تەرەپلىرى ئانچە كۆپ ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىرېدىت كارتىسى ئىشلىتىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە بىر قەدەر مۇرەككەپ. ئېھتىيات بىلەن ئىشلەتمىسىڭىز ناچار ئىناۋەت خاتىرىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ئەگەر ياخشى ئىناۋەت خاتىرىسىگە ئىگە بولماقچى بولسىڭىز كىرېدىت كارتىسىنى ئېھتىيات بىلەن ئىشلەتكەندىن باشقا، قەرز ئالسىڭىز ئەڭ ياخشىسى بالدۇر قايتۇرۇۋېتىڭ !

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش