تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلىشقا قانچىلىك خىراجەت كېتىدۇ؟
نۇرغۇن كىشىلەر تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلىش خىراجەتلىرىگە خېلىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئەمەلىيەتتە تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلىش ھەققى ئۈچۈن پەقەت ھەر بىر ماركىغا 600 يۈەن ئالىدۇ، ئۇنداقتا تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلىشقا 600 يۈەن تەييارلىساقلا بولامدۇ؟ بىر تۈردىكى تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلىشقا كېتىدىغان خىراجەت ئەمەلىيەتتە 600 يۈەن بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. سەۋەبى تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچى: ئەگەر سىز تاۋار ماركىسىنى ۋاكالىتەن ئىلتىماس قىلغۇچى ئورۇنلارغا ئىلتىماس قىلىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلمىسىڭىز، ئۇ ھالدا سىز تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلىشقا كېتىدىغان خىراجەتلەر تۆۋەندىكىلەرنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ:
1. تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلىش ھەققى 600 يۈەن (بىلىشىڭىز كېرەك، بۇ 600 يۈەن بىر تۈردىكى تاۋار ماركىسى ھەققى، پەقەت مۇشۇ تۈردىكى 10 دانە تاۋار بىلەنلا چەكلىنىدۇ. 10 دىن ئېشىپ كەتسە ئېشىپ كەتكەن ھەر بىر تاۋار ئۈچۈن 60 يۈەن قوشۇپ ئېلىنىدۇ)، ھازىر كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلىشتا تاۋار ماركىسىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلغان ۋاقىتتا كەسىپ ۋە مەھسۇلاتقا ئاساسەن ئىلتىماس قىلىشتىكى چوڭ تۈر بېكىتىلىدۇ. چوڭ تۈرنى بېكىتىدىغان تەرتىپ پىرىنسىپ جەھەتتىن تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ: ئاساسىي مەھسۇلات ـــ تۈر ھالقىغان ئاساسىي مەھسۇلات ـــ ئاساسىي مۇلازىمەت ـــ كەسىپ زەنجىرىدىكى مەھسۇلات ـــ كەسىپ زەنجىرىدىكى مۇلازىمەت ـــ ئاسانلا ئارىلاشتۇرىۋېتىدىغان مەھسۇلات/مۇلازىمەت ـــ خۈنۈكلەشتۈرۈلگەن مەھسۇلات/ مۇلازىمەت. ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائەتنى مىسال ئالساق، ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائەت بىرلا ۋاقىتتا مەھسۇلات ۋە سائەتتىن ئىبارەت ئىككى خىل خۇسۇسىيەتنى ھازىرلىغان، تاللايدىغان تۈر ئايرىم-ئايرىم 14-تۈر (سائەت)، 9-تۈر (يۇمشاق دېتال، كومپيۇتېرغا سىرتتىن چېتىلىدىغان ئۈسكۈنە)، 35-تۈر (سېتىش، ئېلان)، 38-تۈر (سانلىق مەلۇماتنى يوللاش)، 42-تۈر (يۇمشاق دېتال ياساش)، 37-تۈر (رېمونت) بولىدۇ. مەھسۇلات ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائەت بولغاچقا، سائەت ۋە يۇمشاق دېتالنىڭ بىرى كەم بولسا بولمايدۇ، شۇڭا 14-تۈر ۋە 9-تۈر ئاساسلىق مەھسۇلات تۈرى ھېسابلىنىدۇ؛ 35-، 38-، 42-تۈر ئاساسلىق مۇلازىمەت تۈرى، 37-تۈر رېمونت تۈرى بولۇپ، كەسىپ زەنجىرىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان مۇلازىمەت ھالقىسى ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇنداق ھېسابلانغاندا يەككە ھالدىكى 600 يۈەن تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلىش ھەققى قەتئىي يېتىشمەيدۇ.
2.ئىلتىماس قىلغۇچى ماركىنى ئۆزى تىزىمغا ئالدۇرسا رەت قىلىنىش ئەھۋالىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتا رەت قىلىنغان ماركىنى قايتا تەستىقلاش زۆرۈر بولىدۇ، بۇنىڭغىمۇ ھەق ئېلىنىدۇ، رەت قىلىنغان ماركىنى قايتا تەسىقلاش ھەققى 1500 يۈەن.
3. ئەگەر سىز ئىلتىماس قىلغان ماركا شەكىل تەستىقلاش ۋە ئەمەلىي تەسىقلاشتىن ئۆتۈپ، ماركا ئىلتىماس قىلىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە باشقىلار باشقىچە پىكىر بەرسە، ماركىنى باشقىچە پىكىر بويىچە قايتا تەستىقلىتىشىڭىز كېرەك، بۇنىڭغا 1000 يۈەن ئېلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ 600 يۈەن بىلەن بىر ماركىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش چۈشىڭىز رېئاللىققا ئايلىنالمايدۇ.
ئىككىنچى پەرەز: ئەگەر سىز تاۋار ماركىسىنى ۋاكالىتەن تىزىمغا ئالدۇرۇش ئورنىنىڭ تىزىملىتىپ بېرىشىگە ھاۋالە قىلغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ ماركا ئىلتىماس قىلىش ئىش تەرتىپىڭىز تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ.
1. تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلىش ھەققى 600 يۈەننى چوقۇم تاپشۇرىسىز، ئەلۋەتتە، ئەگەر تۈر ھالقىپ قوغداشنى ئىلتىماس قىلماقچى بولسىڭىز، ھەربىر ئېشىپ كەتكەن تاۋار ئۈچۈن 60 يۈەن قوشۇپ ئېلىنىدۇ.
2. تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك ھەققى تۆلەيسىز، ئوخشىمىغان ۋاكالەتىچلىك ئورۇنلىرىنىڭ ۋاكالەتچىلىك ھەققى ئوخشاش بولمايدۇ .
3. رەت قىلىنغان ماركىنى قايتا تەستىقلاش ۋە باشقىچە پىكىر بويىچە قايتا تەستىقلاشقا كەلسەك، ھەرقانداق ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرى ماركىنى رەت قىلىش ۋە ماركىغا باشقىچە پىكىر بېرىش ئەھۋالىنىڭ كېلىپ چىقماسلىقىغا %100 كاپالەتلىك قىلالمايدۇ، ئەمما بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىش نىسبىتى ئۆزىڭىز ئىلتىماس قىلغانغا قارىغاندا كۆپ تۆۋەن بولىدۇ.
ھازرقى ماركا ئىلتىماس قىلىش ھەققى 1200-1500 -1800 يۈەن دىن ئىبارەت 3خىل باھا ئىىچدە بۇلىۋاتىدۇ . بۇنىڭ ئىچىدىكى 1200-1500 يۈەن ئاساسى باھا بولۇپ ، ماركىغا جىددى ئىھتىياجلىق بولغان مەھسۇلات ئىشلەتمەكچى بولغانلار تىزلىتىش ھەققى 300 يۈەن قوشۇپ تاپشۇرغاندىن كېيىن ماركا قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرشى 7 كۈندە قولىڭىزغا يەتكۈزىلىدىغان مۇلازىمەتتىن بەھرىمان بولىۋاتىدۇ .1200-1500 يۈەنلىك ئىلتىماس قىلغان ماركىلارنىڭ قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرشى ئادەتتە 90 كۈندىن كېيىن كىلىدۇ .
ماركىغا جىددى ئىھتىياجلىق بولغانلار ئۇيغۇر ماركا تورى (uymarka.com)مىزدىن ماركا ئىلتىماس قىلىڭ . مۇلازىمەت قىززىق لىنىيىسى :18096962812 0997-8181000 09978138052
ماركا بېجىرىش سۈرئىتىمىز ئەڭ تىز ، مۇلازىمىتىىمىز ئەڭ ياخشى ، ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىمىز . ھەرۋاقىت قۇلىمىز كۆكسىمىزدە . سىز نەدىلا بولۇڭ ، بىر تېلفۇن ياكى ئۈندىدار بىلەنلا ماركا ئىلتىماس قىلالايسىز.
شىنجاڭ پاكدىل سودا مۇلازىمەت شىركىتى
بەك ئەرزام ئالىمەن دەپ ئالدىنىپ قالماسلىقىڭىزنى ئەسكەرتىمىز
ئۇيغۇر ماركا تورى