پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 167|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

شىركەت قۇرۇش ھەققىدىكى سۇئال -جاۋاپلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

642

تېما

669

يازما

2561

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2561
شىركەت قۇرۇش ھەققىدىكى سۇئال -جاۋاپلار

1– شىركەت دېگەن نىمە؟
شىركەت كارخانىنىڭ بىر تۈرى.كارخانا— كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل– پاراسەت، كۈچ– قۇدرەت، مەبلەغ ۋە باشقا ئىلغارئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى مۇئەييەن قانۇن– تەرتىپ بويىچە بىرلەشتۈرۈپ، يېڭىپايدا– قىممەت يارىتىش، خېيىم– خەتەرگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدەتەشكىللىنىدىغان ئىقتىسادىي تەشكىلات. كارخانىنىڭ تۆتتۈرلۈك ئاساسىي خاسلىقى بار:
(1) كارخانىدا چوقۇم كوللىكتىپنىڭ بىرلىكى، ھەمكارلىقگەۋدىلىنىشى كېرەك. ئىقتىسادىي ھەمكارلىق گەۋدىلەنمىسە كوللىكتىپلىق روھ يېتىلدۈرگۈلىبولمايدۇ. كوللىكتىپلىق روھى يوق ھەرقانداق تەشكىلاتنىڭ سېجىل تەرەققىياتقا ئېرىشىدىغانھاياتى كۈچى بولمايدۇ.
ئىككىنچىدىن، كارخانا پۇل تېپىش،پايدا– قىممەت يارىتىش مەقسىدىدە تەشكىللىنىدىغان تەشكىلات. كارخانىدىكى ھەرقانداقبىر ئىش– ھەرىكەت چوقۇم موشۇ مەقسەدكە شەرتسىز بوي سۇنۇشى كېرەك.
(2) كارخانا كېلىشىملىك تەشكىلات. كارخانا قۇرۇش چوقۇمھەمكارلاشقۇچى تەرەپلەرنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى ئاساسىدىكى كېلىشىملىك ھەرىكىتىبولۇشى كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەر بىربىرىنى ئالداش، قايمۇقتۇرۇش ياكى مەجبۇرلاشۋاسىتىسى بىلە قۇرغان كارخانىنىڭ ئۇلى مۇستەھكەم بولمايدۇ.
(3) كارخانا چوقۇم قانۇن– تەرتىپ بويىچە قۇرۇلۇشى كېرەك.ھۆكۈمەت ئورگىنىدا رەسمىيەت بېجىرىپ كېنىشكە، ئىجازەتنامە ئالمىغان كارخانىنىكارخانا دېگىلى بولمايدۇ.
ھازىرقى جۇڭگودا كارخانا تىپلىرىشېرىكسىز كارخانا، شېرىك كارخانا، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، پاي چەكلىك شىركىتىقاتارلىق تۆت چوڭ تۈرگە ئايرىلىدۇ. پۇقرالار كۆپ تىلغا ئالىدىغان شىركەت ئۇقۇمىئادەتتە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى كۆرسىتىدۇ. چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى— قانۇنبويىچە تەشكىللىنىدىغان، قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيەت ۋە مۇستەقىل مال– مۈلۈكھوقۇقىغا ئىگە كارخانا بولۇپ، بۇنداق تۈزۈمدە، پايچىك بىلەن كارخانىنىڭ مال–مۈلۈككە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى ئېنىق ئايرىلىدۇ. شىركەتنىڭ ھەقدارلىقمەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلگەندە، شىركەت قانۇنىي ئىگىسى ئەمەلىي مال– مۈلكى بىلەنچەكلىك مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، پايچىكلار ئۆزى قوشقان ياكى قوشۇشقا ۋەدە قىلغان مەبلەغ دائىرىسىدە چەكلىك مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇنداق ئەۋزەللىكشىركەتنىڭ چەكسىز تەرەققىيات ئىمكانىيىتىنىڭ ئاساسى
2 – شىركەت قۇرغان ياخشىمۇ ياكى يەككە سودا– سانائەتچى بولغان ئەۋزەلمۇ؟
مەيلى بازارغا كىرىش ئۆتكىلىياكى بازارغا كىرگەندىن كېيىن سودا– سانائەت پائالىيىتىنى نورمال قانات يايدۇرۇشنۇقتىسىدىن بولسۇن، يەككە سودا– سانائەتچىگە تەدبىقلىنىدىغان قانۇنىي تەرتىپ ۋەباشقا مەمۇرىي باشقۇرۇش قائىدىلىرى كارخانىغا سېلىشتۇرغاندا ئاددىي ھەم قولايلىقبولىدۇ. ئومۇمەن، يەككە سودا– سانائەتچىدىن ئىبارەت ئىقتىسادىي تۈزۈم ئادەتتىكىئەھۋالدا ئۇششاق قول ھۈنەرۋەنچىلىك، قول سانائەت ياكى مۇلازىمەت ئىگىلىكى بىلەنشۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدۇ. شۆبە ئاپپارات تەسىس قىلىش، جەمئىيەتتىن مەبلەغ،تېخنىكا، ئىقتىساسلىق خادىم ۋە باشقا ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى جەلىپقىلىش زۆرۈر بولمايدىغان ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار داۋاملىق تۈردەيەككە سودا– سانائەتچى بولسا بولىدۇ. ئەگەر ئىجتىمائىي ئىناۋەت مىخانىزمى بەرپا قىلىپ ھەم ئۇنى مۇكەمملەشتۈرۈپ، مەبلەغ، تېخنىكا، ئىقتىساسلىق خادىم جەلىپقىلىش ئارقىلىق تىجارەتنى كۆلەملەشتۈرۈش زۆرۈر بولسا ئىككىلەنمەستىنلا كارخانا تىپىدىكى ئىقتىسادىي تەشكىلات قۇرۇشياكى ئەسلىدىكى يەككە سودا– سانائەتچىلىك رەسمىيىتىنى كارخانا رەسمىيىتىگەئۆزگەرتىش كېرەك.
يەككە سودا– سانائەتچى بولغانياخشىمۇ ياكى كارخانا قۇرغان ياخشى؟ دېگەن سۇئالغا بېرىدىغان خۇلاسە جاۋاب شۇكى،يەككە سودا– سانائەتچى بىلەن كارخانىنىڭ ئاساسلىق پەرقى كوللىكتىپنىڭ ھەمكارلىقبىرلىكى بولۇش– بولماسلىقتا گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش– تىجارەتكۆلىمىنىڭ قانچىلىك زور بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر، كۆپچىلىكنىڭ ھەمكارلىق بىرلىكى، كوللىكتىپنىڭ ئورتاقھەرىكەت نىشانىغا ئايلانغان كارخانا روھى بولمىسا كارخانا شەكىللەنمەيدۇ. بازارسوبيېكتىنىڭ قانۇنىي رەسمىيەتلىرىنى يەككە سودا– سانائەتچىدىن كارخانىغا ئۆزگەرتىپقويۇش بىلەنلا ھەققىي مەنىدىكى كارخانا بەرپا قىلغىلى بولمايدۇ. كارخانا بولۇشئۈچۈن چوقۇم ئىقتىسادىي پايدا– قىممەت يارىتىشتىن ئىبارەت نېگىزلىك مەقسەدئاساسىدا شەكىللەنگەن كوللىكتىپلىق خاسلىق، كوللىكتىپلىق روھ بولۇشى كېرەك.كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل– پاراسەت، كۈچ– قۇدرەت، مەبلەغ ۋە باشقا ئىلغار ئىشلەپچىقىرىشئامىللىرىنى مۇئەييەن قانۇن– تەرتىپ بويىچە بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى پايدا– قىممەتيارىتىش، خېيىم– خەتەرگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشتەك ئېنىق مەقسەد– مۇددىئا بولمىسا،كارخانا تەشكىللەش بىھاجەت.
3– شىركەت قۇرسا باج– سېلىق ئېغىرلاپ كېتەمدۇ؟
جەمئىيەتتە «شىركەت قۇرۇلسا باج–سېلىق ئېغىرلاپ كېتىدۇ» دەيدىغان سەپىسەتە خېلى ئومۇمىيلاشقان. ئەمەلىيەتتە بۇگەپنىڭ قانۇنىي ئاساسى يوق. شىركەت قۇرۇشقا تەرەددۇت قىلغۇچىلار باج– سېلىقمەسىلىسىدە تۆۋەندىكى بىرقانچە مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشى كېرەك:
(1) كارخانىلاردىن ئېلىنىدىغانئاساسلىق باج ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ، بىرى قوشۇلما قىممەت بېجى، يەنە بىرى تىجارەتبېجى، ئۈچىنچىسى كارخانا تاپاۋەت بېجى.
(2) قوشۇلما قىممەت بېجى سودا–ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ۋە زامانىۋىي مۇلازىمەت كارخانىلىرىنىڭ كىرىم– چىقىمئوبروتى (كېسىلگەن باج تالونى) غا ئاساسەن ھىسابلىنىدۇ. باج نىسبىتى %3 ئەتراپىدابولىدۇ. باج تالونى كېسىلمىسە باجمۇ شەكىللەنمەيدۇ.
(3) تىجارەت بېجى ئەنئەنىۋىيمۇلازىمەت كارخانىلىرىنىڭ كىرىم– چىقىم ئوبروتى (كېسىلگەن باج تالونى) غا ئاساسەنھىسابلىنىدۇ. باج نىسبىتى ئادەتتە %5.5 ئەتراپىدا بولىدۇ. باج تالونى كېسىلمىسەباجمۇ شەكىللەنمەيدۇ.
(4) كارخانا تاپاۋەت بېجىكارخانىنىڭ ھەر بىر پەسىلدە ئېرىشكەن ساپ پايدىسىغا ئاساسەن ھىسابلىنىدۇ. كارخاناتاپاۋەت بېجىنىڭ مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن باج نىسبىتى %25 بولۇپ، بۇ باجشىنجاڭدا ئېتىۋەر بىلەن %15 تىن ئىجرا قىلىنىدۇ.
(5) كارخانا تارىخىدا بىرلا قېتىم ئېلىنىدىغان ماركا بېجى (باجنىسبىتى رويخەتتىكى كاپىتالنىڭ %0.5 ى بويىچە ھىسابلىنىدۇ) نى ھىسابقا ئالمىغاندا،رويخەتتىكى كاپىتالنىڭ ئاز– كۆپ بولۇشى بىلەن باجنىڭ مۇناسىۋىتى يوق.
(6) دۆلەت ھازىر شىنجاڭدا يولغا قوپيۇۋاتقان باجدا ئېتىباربېرىش سىياسىتى بويىچە، ئايلىق ئوبروتى (باج تالونى كېسىلگەن تىجارەت سوممىسى) 20مىڭ يۈەندىن ئاشمايدىغان ئوتتۇرا– كىچىك، مىكرو كارخانا، يەككە سودا–سانائەتچىلەردىن قوشۇلما قىممەت بېجى ياكى تىجارەت بېجى ئېلىنمايدۇ.
(7) غەربىي رايوننى ئېچىش باجسىياسىتى بويىچە، يېڭى قۇرۇلغان كارخانىلار پايدىغا كىرىشكەندىن تارتىپ ئۇدا ئۈچيىلغىچە كارخانا تاپاۋەت بېجى تاپشۇرمايدۇ. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايونرىغبەتلەندۈرىدىغان كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلاردا ئۈچ يىللىق باجكەچۈرۈم قىلىش قەرەلى توشقاندىن كېيىنمۇ، ئايرىم ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىق كارخاناتاپاۋەت بېجىنى يەنە ئۈچ يىلغىچە %50 كېمەيتىپ تاپشۇرۇشقا بولىدۇ.
(8) سودا– تىجارەت قىلىپ پۇل تاپقاندا ئازدۇر– كۆپتۇر باجتاپشۇرۇش كارخانا تەرەققىياتىغا پايدىلىق. كارخانا باشقۇرغۇچىلار دۆلەتنىڭ باجسىياسىتىنى تولۇق چۈشىنىپ، ئۇنىڭدىن جانلىق پايدىلانسا، باجنى كەچۈرۈم قىلدۇرغىلى،كېمەيتىپ تاپشۇرغىلى، دۆلەتنى رازى قىلىش ئاساسىدا كارخانىنى ساغلامراۋاجلاندۇرغىلى بولىدۇ.
  4 - شىركەتتىزىملىتىشتا قانداق تەييارلىقلارنى قىلىش كېرەك؟
«شىركەت قانۇنى» دىكى بەلگىلىمەبويىچە، شىركەت قۇرۇشقا تەرەددۇت قىلغۇچىلار تۆۋەندىكى بەش مەسىلىنى ئېنىقبېكىتىشى كېرەك:
(1) شىركەت نامىنى ئالدىن بېكىتىش.
(2) شىركەتنىڭ تۇرالغۇسىنى ئالدىن بېكىتىش.
(3) قانۇنىي ۋەكىل، پايچىكلار قۇرۇلمىسىنى بېكىتىش.
(4) رويخەتتىكى كاپىتالنى بېكىتىش.
(5) تىجارەت دائىرىسىنى بېكىتىش.
5– شىركەت نامىنى قانداق بېكىتىش كېرەك؟
شىركەت نامى ئادەتتە «شىنجاڭ ×××مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى»، «ئۈرۈمچى ××× خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى»،«خوتەن ××× بىئو– تېخنىكا چەكلىك شىركىتى» دېگەندەك شەكىللەردە بولىدۇ. شىركەت نامىنىبېكىتىشتە چوقۇم شىركەت نامىغا قوشۇلىدىغان مەمۇرىي رايون نامى، ماركا، تىجارەتنىڭساھە ئالاھىدىلىكى، شىركەتنىڭ ئىقتىسادىي تىپى قاتارلىقلارنى ئەستائىدىل ئويلىشىشكېرەك.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش: 2009– يىلىدىن بۇيان، شىركەت نامىنى «شىنجاڭ»بىلەن باشلاش ئۈچۈن ئادەتتىكى سودا كارخانىلىرىنىڭ رويخەتتىكى كاپىتالىنى 5 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈش، پەن–تېخنىكا، ئۇچۇر قاتارلىق ئالاھىدە كەسىپلەردىكى كارخانىلىرىنىڭ رويخەتتىكى كاپىتالىنى 5 مىليون يۈەنگەيەتكۈزۈش تەلەپ قىلىنىدىغان بولدى.
«شىركەت قانۇنى» قايتائۆزگەرتىلىپ، ھۆكۈمەت رويخەتتىكى كاپىتالنىڭ چوقۇم نەخلىنىشىنى تەلەپ قىلمايدىغان بولغاندىن كېيىن، شىركەتكە «شىنجاڭ» دەپ نام ئېلىش ئاسانلاشتى. تەپسىلاتىدىن خەۋەردار بولاي دېسىڭىز شىركىتىمىزگە كېلىپ مەسلىھەت سوراڭ.
6– شىركەتنىڭ تۇرالغۇسىنى قانداق بېكىتىش كېرەك؟
«شىركەت قانۇنى» دىكى بەلگىلىمەبويىچە، شىركەتنىڭ موقۇم تۇرالغۇسى يەنى ئىشخانا ياكى تىجارەت سورۇنى بولۇشىكېرەك. شىركەت تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشتە شىركەتكە ئىشخانا قىلىدىغانئورۇننىڭ مۆلۈك ھوقۇقى ئىسپاتى (ئۆي مۈلۈك ھوقۇقى كېنىشكىسىنىڭ كوپىيسى) ۋە ئىجارەتوختىمى، ئىجارە تاپشۇرغانلىق ئىسپاتى (باج تالونى) قاتارلىقلارنى ھازىرلاش كېرەك.
شىركەتكە ئىشخانا قىلىدىغانئورۇننى بېكىتىشتە قېيىنچىلىققا ئۇچرىسىڭىز، ئوقياشىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىڭ. كەسىپ ئەھلىدىن مەسلىھەت سورىسىڭىزماڭىدىغان يولىڭىز قىسقىرايدۇ.
7– قانۇنىي ۋەكىل، پايچىكلار قۇرۇلمىسىنى قانداق بېكىتىش كېرەك؟
قانۇنىي ۋەكىل شىركەتنىڭخوجايىنى ئەمەس بەلكى شىركەت پايچىكلىرىنىڭ ۋەكىلى. قانۇنىي ۋەكىلنىڭ ھەرىكىتىپايچىكلار ھوقۇق بەرگەن دائىرىدىن چىقىپ كەتمىسىلا، قانۇنىي ۋەكىلنىڭ جاۋابكارلىقمەسئۇلىيىتى ئۆزى قوشقان پاي نىسبىتىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. قانۇندا «ئەڭ كۆپ مەبلەغ قوشقان پايچىكنى قانۇنىي ۋەكىل قىلىش كېرەك» دەيدىغان تەلەپمۇ يوق. شۇڭا قانۇنىيۋەكىلنى بېكىتكەندە، شىركەتنىڭ ئەمەلىي باشقۇرۇش ئىھتىياجىنى ئاساسىي ئورۇنغاقويۇش كېرەك.
جەمئىيەتتە شىركەتنىڭ پاي قۇرۇلمىسىنى ياخشى بېكىتمەي، كېيىن پايچىكلار ئارا زىدىيەتلىشىپ قالىدىغان ئەھۋالبىر قەدەر ئېغىر. شىركەتنىڭ پايچىكلار قۇرۇلمىسى ياخشى بېكىتىلسە، باشقۇرۇش راۋان،مەبلەغ– تېخنىكا جەلىپ قىلىش ئاسان، شىركەتنىڭ تەرەققىيات ئاساسى مۇستەھكەم بولىدۇ.
8– رويخەتتىكى كاپىتالنى قانداق بېكىتىش كېرەك؟
يېڭى ئۆزگەرتىلگەن «شىركەتقانۇنى» دا، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن مەبلەغ چېكى، رويخەتتىكىكاپىتالنى چوقۇم بانكىغا قويۇپ نەخلەش دېگەندەك بەلگىلىمىلەر بىكار قىلىندى.بۇنىڭدىن كېيىن، شىركەت قۇرۇشتا مەبلەغنى نەخلەپ كۆرسەتمىسىمۇ رەسمىيەت بېجىرگىلى بولىۋېرىدۇ (پەۋقۇلاددە كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەر بۇنىڭ سىرتىدا).
      دىمەك، بىر يۈەن پۇلنى بانكىدا قويماي تۇرۇپمۇرويخەتتىكى كاپىتالنى 100 مىليون يۈەن دەپ تىزىملىتىپ شىركەت قۇرۇشقا بولىدۇ.ئەمما بۇ ئويۇن– چاخچاق ئەمەس. رويخەتتىكى كاپىتالنى قانچىلىك تىزىملاتسىڭىز،شىركەتنىڭ تىجارەت خەۋىپ– خەتىرىگە قارىتا ئۈستىڭىزگە ئالىدىغان قانۇنىيجاۋابكارلىق رويخەتتىكى كاپىتال بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشلىق بولىدۇ. يەنى، شىركەتباشقىلارغا قەرىزدار بولۇپ قالغاندا، پايچىكلار ئۆزى شىركەتكە قوشۇشقا لەۋز قىلغان مەبلەغ دائىرىسىدە چەكلىك مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.   
شىركەتنىڭ رويخەتتىكى كاپىتالىبىلەن ئەمەلىي مال– مۆلكىنىڭ ئارىلىقى بەك چوڭ بولۇپ كەتسە كارخانىنىڭ ئىناۋىتىبولمايدۇ. مەبلەغنى ساختا مەلۇم قىلىپ كۆپ تىزىملىتىۋېلىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتىيوق. تىزىملاتقان كاپىتال بەك ئاز بولۇپ قالسىمۇ كارخانىنىڭ سودا ئىناۋىتىگە تەسىريېتىپ، تىجارەتنى يۈرۈشتۈرۈش تەس بولىدۇ. شۇڭا، شىركەت قۇرماقچى بولغانلاررويخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتالنىڭ مىقدارىنى بېكىتىشتە، ئۆزىنىڭ سودىغا قاراتقانئەمەلي كۈچىنى ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى، كاپىتالنى تىجارەت خەۋپ–خەتىرىگە ئىگە بولالىغۇدەك دائىرىدە بېكىتىشى كېرەك.
9 – تىجارەتدائىرىسىنى قانداق بېكىتىش كېرەك؟
كارخانىنىڭ تىجارەت دائىرىسىنىبېكىتىش سىزنىڭ نىمە ئىش قىلالايدىغانلىقىڭىز، بازارنىڭ نىمىگە ئىھتىياجلىقئىكەنلىكى قاتارلىق بىرمۇنچە موھىم مەسىلىلەرگە چېتىلىدۇ.
شىركەتنىڭ تىجارەت دائىرىسىئىجازەتلىك تىجارەت تۈرلىرى ۋە ئادەتتىكى تىجارەت تۈرلىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ.ئىجازەتلىك تىجارەت تۈرلىرى دېگەندە قانۇن بويىچە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئايرىمتەستىقلاش تەرتىپىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ يولغا قويۇشقا بولمايدىغان تىجارەت تۈرلىرىكۆزدە تۇتۇلىدۇ. مىسال، يىمەكلىك، ئىچىملىك، دورا، ئۆي– مۈلۈك، تاشقى سودا،مىھمانساراي دېگەندەك. ئادەتتىكى تىجارەت تۈرلىرى دېگەندە ئايرىم تۈر بويىچەتەستىقلىتىش زۆرۈر بولمىغان تىجارەت تۈرلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مىسال: كىيىم– كىچەك،گىرىم بويۇملىرى، ئىلىكتىر سايمانلىرى، چىنە– قاچا، قۇرۇلۇش ماترىياللىرى، ئوغۇت،ماشىنا– ئۈسكىنە، كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرى دېگەندەك.
شۇڭا، شىركەتنىڭ تىجارەتدائىرىسىنى بېكىتشتە، بىرىنچىدىن، ھەممىنى يېزىشقا ئالدىراپ كەتمەسلىك،ئىككىنچىدىن ئۆزى بىۋاسىتە تىجارەت قىلىش ئىھتىمالى بولغان تۈرلەرنى چالاقويماسلىق، ئۈچىنچىدىن، قانۇن بويىچە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئايرىم تەستىقلاشتەرتىپىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ يولغا قويۇشقا بولمايدىغان تىجارەت تۈرلىرىنىتاللىغاندا، مۇناسىۋەتلىك ئىجازەتنامە، تەستىق رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشنىڭ شەرت–شارائىتىنى ئوبدان ئويلىشىش كېرەك.
–10 شىركەت قۇرۇشتا قانداقماترىياللارنى ھازىرلاش كېرەك؟
«شىركەت قانۇنى» دىكى بەلگىلىمەبويىچە، شىركەت قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار تۆۋەندىكى ماترىياللارنى تەييارلىشىكېرەك:
(1)پايچىكلاركىملىكىنىڭ ئەسلىسى ۋە نوپۇس كېنىشكىسىنىڭ كوپىيسى؛
(2) مەبلەغسالغۇچىلارنىڭ ئىككى پارچىدىن بىر سۇڭلۇق رەسىمى؛
(3) شىركەتكە ئىشخاناقىلىدىغان ئورۇننىڭ مۈلۈك ھوقۇقى كېنىشكىسىنىڭ كوپىيسى، ئىجارە توختىمىنىڭ ئەسلىسى.
(4)  شىركەتكە ئىشخاناقىلىدىغان ئورۇننىڭ ئىجارە ھەققىنى تاپشۇرغانلىق باج تالونى؛
(5)  شىركەت بوغالتىرىنىڭكىملىك ۋە بوغالتىرلىق سالاھىيەت كېنىشكىسىنىڭ كوپىيسى؛
(6)  رەسمىيەت ھەققى ۋە باشقىلار.
11 – شىركەت قۇرۇشرەسمىيىتىنى بېجىرىشكە قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟
شىركەت تىزىملىتىشنى ئىلتىماسقىلغۇچى تەييارلايدىغان ماترېيال تولۇق، ئۆلچەملىك بولسىلا، شىركەتنى تىزىمغائالدۇرۇش رەسمىيىتى بىر– ئىككى ھەپتەئىچىدە پۈتىدۇ. ئايرىم تۈر بويىچە ئىجازەتنامە بېجىرىش ۋە باجتىزىملىتىش ۋاقتى بۇنىڭ سىرتىدا.
12– شىركەت قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە قانچىلىك پۇل كېتىدۇ؟
ھازىر شىركەت قۇرۇش رەسمىيىتىبۇرۇنقىدىن كۆپ ئاسانلاشتى. شىركەت قۇرۇشقا كېتىدىغان خىراجەتمۇ ئازايدى.ئادەتتىكى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى قۇرۇش رەسمىيىتى نورمال ئەھۋالدا ئالتە– يەتتە مىڭ يۈەن پۇل بىلەن پۈتىدۇ. ئەگەر شىركەتنىڭ تىجارەت دائىرىسىدە يىمەك–ئىچمەك قاتارلىق ئايرىم تۈر بويىچە تەستىقلىتىپ ئىجازەتنامە ئېلىش زۆرۈر بولىدىغانتىجارەت تۈرلىرى بولسا ياكى رويخەتكە ئالدۇرىدىغان مەبلەغ كۆپ بولسا، كېتىدىغانرەھسمىيەت خىراجىتىمۇ مۇناسىپ ھالدا كۆپىيىدۇ. تەپسىلاتىدىنخەۋەردار بولماقچى بولسىڭىز ئوقيا شىركىتىگە كېلىڭ.
13– رويخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتالنى نەقلەشتۈرۈش كېرەكمۇ يوق؟
شىركەت پۇل بىلەن ئايلىنىدۇ.مەبلەغ، پۇل بولمىسا شىركەتتە ئىش ئاقمايدۇ.«شىركەت قانۇنى» دا رويخەتكەئالدۇرىدىغان كاپىتالنى نەخلەش تەلەپ قىلىنمىغانلىقى ھەرگىز شىركەت قۇرىدىغانلارئەمەلىي مەبلەغ چىقارماي ئاغزىدىن گەپ چىقارسىلا بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. رويخەتتىكى كاپىتال شىركەت ئىناۋىتىنىڭ ئاساسى.ھۆكۈمەتنىڭ رويخەتتىكى كاپىتالنى مەجبۇرىي باشقۇرمىغىنى كارخانا ئۆزى ئۆزىنىباشقۇرسۇن دېگەن گەپ. ئۆز– ئۆزىنى ياخشى ئىدارە قىلغان شىركەت جەمئىيەتتە ئىناۋەتتاپىدۇ، ساغلام تەرەققىي قىلىدۇ. قانۇندىكى يوچۇقتىن پايدىلىنىپ يوق مەبلەغنى بارقىلىپ كۆرسىتىپ كۆز بوياشقا ئۇرۇنىدىغان شىركەتلەر ھامان بازارنىڭ سىنىقىدىنئۆتەلمەي ۋەيران بولىدۇ.
شۇڭا، ئۆز ئىناۋىتىنى ئۇلۇغلاپئارامىخۇدا ئۆمۈرلۈك تىجارەت قىلىشنى ئويلايدىغانلار ئىمكانىيەت يار بەلگىلىمىدە رويخەتتىكى كاپىتالنى چوقۇم نەخلەشتۈرۈپ، كارخانا قانۇنىي ئىگىسىنىڭ مۇستەقىل مال–مۆلۈك ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك. بۇ گەپ قۇلاققا خۇش ياقمىغانلارغاپېقىرنىڭمۇ ئارتۇق گېپى يوق.     
رويخەتتىكى كاپىتالنىنەخلەشتۈرۈش چوقۇم مەبلەغنى تولۇق بانكىغا سېلىپ شىركەت ھىساباتىغا ئكتكۈزۈڭدېگەنلىك ئەمەس. كاپىتال قانۇنلۇق ئىگىلەنگەن ماددىي بويۇم، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى، ئەقلىي مۈلۈكھوقۇقى قاتارلىق ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدىغان پۇلدىن باشقا مال– مۈلۈكنىڭ قىممىتىنىپۇلغا سۇندۇرۇپ باھالاشتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ھەل قىلىنسىمۇ بولىدۇ. بۇ بىر قاتار ئىشلارنى پۇختا بىر تەرەپ قىلماقچى بولسىڭىز،ئوقيا شىركىتىگە كېلىپ مەسلىھەت سوراڭ.
      14– شىركەت قۇرۇشتا بوغالتىر بولمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟
ئالاقىدار قانۇن– قائىدىلەردىكىبەلگىلىمە بويىچە، كارخانىدا چوقۇم بوغالتىر بولۇشى، كارخانىنىڭ مالىيە كىرىم–چىقىم ھىساباتى تەپسىلىي خاتىرىلىشى ھەمدە قەرەللىك ھالدا باج قانۇنىدا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە بەلگىلىمە بۇيىچە كىرىم يۈز بەرسۇن بەرمىسۇن چوقۇم باج مەلۇم قىلىش مەجبۇريىتىنى ئۆتە ش كېرەك، باج– مالىيە، سودا –سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنىغا مالىيە مەلۇماتى يوللىنىشى كېرەك.  سۈرۈك ئۆتۈپ كەتسە جەرىمانە تۆلەيدىغان گەپ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس بوغالتىر تۇرغۇزۇش ئىمكانىيىتى بولمىغان شىركەتلەر ياكى كارخانىلار بوغالتىرلىق شىركەتلىرىگە مالىيە باج ئىشلىرىنى ۋاكالىتەن خاتىرلەپ باشقۇرشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.
ئەگەر شىركەت قۇرغۇچى, لاربوغالتىر تەكلىپ قىلىش، مالىيە ھىساباتى تۇرغۇزۇشتا قىينالسا، شىركىتىمىز بىلەن«باج– بوغالتىرلىق ئىشلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش توختىمى» تۈزسە بولىدۇ.

شىنجاڭ پاكدىل سودا مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى
0997-8181000     0997-8138052    18096962812


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش