شەخىسلەر ئاچقان تور بېكەتنى يەرلىك ئورۇنلادىن ئەنگە ئالدۇرۇش ھەققىدە ئىككى كەلىمە
يېقىندا مەن مۇشۇ ‹ئۇيغۇر ماركا› تورىنى يەرلىكتىن ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ تۈگەتتىم. ماڭغان يولىرىممۇ ئاز ئەمەس ، شۇنىڭ ئۈچۈن شەخىسلەر ئۆزىنىڭ نامىغا تىزىملاتقان تور بىكەتنى زادى قاندا ئەنگە ئالدۇرۇش توغرىسىدا ئىككى كەلىمە بىر نەرسە دەپ بەرگىم كىلىۋاتىدۇ .
1. سىز ئاۋۋال تور بېكىتىڭىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماتىريالىنى يەنى تور نامى كېنشكىسى، بوشلۇق كېشنىكسى ھەمدە ئۆزىڭزىنىڭ تىجارەت كېنىشكىسى ، كىملىك كۆپەيتىلگەن نۇسقىسىنى ئېلىپ، ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق تور ئۇچۇر ئىشخانىسى ( 网信办 ) دىگەن ئىشخانىغا بېرىپ شۇ لارغا تاپشۇرسىز، سىز تاپشۇرۇپ بولغۇچە ئۇلار سىزنى سۈلەپ ئولتۇرغۇزمايدۇ.
2. ئۇلار سىزگە بىر نەپەر پارتىيە .ئەزاسىنى يىتەكچى قىلىپ تور بىكەتنى باشقۇرۇشنى ئۇقتۇرىدۇ ، بۇ 2016 - يىل يىل ئاخىرىدا چىققان بىر ھۆججەت ، سىز ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق سودا سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە بېرىپ شۇ لار ئارقىلىق دەسلەپكى قەدەمدە ئۆزىڭىزگە بىر يىتەكچى پارتىيە ئەزاسى تېپىپ، ئىدارىنىڭ تامغىسىنى باستۇرسىز، يەنى پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ تامغىسىنى بېسىپ بىرىدۇ ، ئەۋەتىلگەن خادىم ئىسپاتى بىلەن پارتىيە ئەزاسىنى تىزىملاش جەدىۋىلىگە تامغا بېسىپ بىرىدۇ . سىز ئۇنى ئېلىپ، (网信办) نىڭ مەسئۇل خادىمىنى ئېلىپ ، تەشكىلات بۆلىمىنىڭ ئاساسى قاتلام تەشكىلاتى دەيدىغان بىر تارماق ئىش بېجىرىش گوروپپسى باركەن كېيىنكى ئىككى جەدىۋەلگە شۇلار تامغا بېسىپ بىرىدۇ .
3. قەدەمدە ۋىلايەتلىك (网信办) تامغا بېسىپ قولىڭىزغا بىر دانە تىزىمغا ئالغانلىق توغرىسىدا ئىسپات بىرىدۇ ، سىز ئۇنى ئېلىپ ، ئۆزىڭزىنىڭ ناھيىسىگە بېرىپ ناھيىلىك (网信办) گە تزىمغا ئالدۇرسىڭىز لا پۈتىدۇ ، ئۇنداق قىلمىسىڭىز تور بېكىتىڭىز تاقىلىدۇ. 2017-يىل 5-ئاينىڭ 25--كۈندىن بۇرۇن تىزىمغا ئالدۇرمىغان تۇر بېكەتلەر بىردەك تاقىلىدۇ دەپ ئۇقتۇرۇش قىلىدى. مەنمۇ 10 كۈن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئاران تۈگەتتم بۇ ئىشلارنى شۇ سەۋەپتىن تۇر بەتكە مەزمۇ يولايدىغان ئىشلار كەينىگە كىچىكتى .
قۇشۇمچە قىلىپ شۇ جەدىۋەللەرنى يوللاپ قويدۇم پايدىلانارسىلە: