پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 81|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

كارخانىچىلارغا زىيالىيلارنىڭ دەرس سۆزلىشى توغرىمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

642

تېما

669

يازما

2561

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2561
كارخانىچىلارغا زىيالىيلارنىڭ دەرس سۆزلىشى توغرىمۇ؟

ئابدۇراھمان دوكتور


كىچىك چاغلىرىمىزدا كىتابلاردىن «ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر  كىم؟»، «دۇنيادا كىم بولماق ئەڭ تەس» دېگەن سوئاللارغا «ئوقۇتقۇچى»، «ئەسكەر»، «دېھقان» دەپ نۇرغۇنلىغان جاۋابلارنى بەرگىنىمىز ھېلىھەم ئېسىمدە. ئەگەر مەندىن ھازىر مۇشۇ سوئاللار قايتا سورالسا، مەن ئىككىلەنمەيلا «كارخانىچى» دەپ جاۋاب بەرگەن بولاتتىم. چۈنكى شۇ سۆيۈملۈك كارخانىچىلىرىمىز كىچىك تىجارەت قىلىپ، ھازىرغىچە مەلۇم كۆلەملىشىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان جاپالارنى تارتىدۇ. ھەربىر تارتقان جاپاسىنى نەچچە قېتىم يېقىلىپ ئورنىدىن تۇرغانلىقىنى شۇ كارخانىچىلار ئۆزلىرىلا بىلىدۇ. چۈنكى مەبلەغ سېلىش ئەندىزىسى شەكىللەنمىگەن ،ئىختىساسلىق خادىم كەمچىل بولغان رايونىمىزدىكى  كارخانىچىلىقنىڭ تەرەققىياتى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تامامەن ئوخشىمايدۇ. ئىچكىرى ئۆلكىلەردە مەخسۇس مەبلەغ سېلىش ئورگانلىرى بار. سىزدە ياخشى بىر ئىدىيە بولسىلا، مەبلەغ ئاساسەن ھەل بولىدۇ. بىزنىڭ رايونىمىزنىڭ كارخانىچىلىقتا %99 شىركەت-كارخانىلار قۇرۇق قول ئىگىلىك يارىتىپ، بىرقەدەم بىرقەدەمدىن ئىلگىرىلەپ ھازىرغا كەلگەن.
95-يىلدىن باشلانغان مىللىي كارخانىچىلىقىمىز  نۇرغۇنلىغان مۇساپىلەرنى بېسىپ 21 ياشقا كىردى. بىر ئىستاتىستىكىغا قارىسام ھازىرغا قەدەر سودا-سانائەت ئورۇنلىرىدا ئەنگە ئالدۇرغان مىللىي كارخانا، كوپىراتىپلارنىڭ سانى 28000گە يېتىپتۇ. لېكىن بۇ كارخانىلىرىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 1.5يىلغا بارمايدىكەن. دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا-كىچىك مىكرو تىپتىكى كارخانىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 2.5يىل ئىكەن. ئامېرىكىنىڭ بولسا 40يىلغا بارىدىكەن. بۇلارنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق بۇنىڭدىكى تۈپكى سەۋەب بىزدىكى سىستىمىلاشقان كارخانا مائارىپىنىڭ شەكىللەنمىگەنلىكىدە دەپ ئويلىدىم.
ئىنسانىيەتنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىگە قارايدىغان بولساق، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ 100يىل بۇرۇنقى ئوتتۇرىچە ئۆمرى 47ياش ئىكەن. 21-ئەسىرگە كەلگەندە ئەنگلىيە، ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئەرلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 74 ياش، ئاياللىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 80ياشقا بېرىپتۇ.
دۆلىتىمىزگە قارايدىغان بولساق، دۆلىتىمىز دەسلەپ ئازاد بولغاندا يەنى 1949-يىلى خەلقىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 45ياش ئىكەن. 80-يىلىغا كەلگەندە 61 ياشقا يەتكەن. 2015-يىلدىكى ئىستاتىستىكىغا قارىساق ئوتتۇرىچە ئۆمرى 75.1 ياشقا بېرىپتۇ. دېمەك، سەھىيە مېدىتسىنانىڭ تەرەققىياتى ئىنسانىيەتنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىنى زور دەرىجىدە ئۇزارتقان. ( چۈنكى بۇدۇنيا سەۋەب ئالىمى، ھەرقانداق ئىشقا سەۋەب قىلىشىمىز كېرەك)
دېمەك، ئوتتۇرىچە ئۆمرى 1.5يىلغا بارمايدىغان رايونىمىز كارخانىچىلىقىنى قانداق قىلىپ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرالايمىز؟ مەلۇم بىر شىركەتنى چوڭ قىلىش، كۈچلۈك قىلىش ئاسان. لېكىن ئۇزۇن مەزگىل تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەڭ ھالقىلىق ۋە ئەڭ قىيىن مەسىلە.
ئىنسانىيەتنىڭ ئۆمرىنى مېدىتسىنا تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق ئۇزارغان بولسا، رايونىمىزدىمۇ كارخانا مائارىپى تەرەققىي قىلغاندىلا ئاندىن كارخانىچىلىقىمىز ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدۇ. چۈنكى كارخانىچىلىق بىر سىستېمىلاشقان تەشكىلات. بۇ تەشكىلاتنى بىر ماشىنىغا ئوخشاتساق، شىركەتنىڭ ھەربىر بۆلۈمى شۇ ماشىنىنىڭ ھەربىر قىسمىغا ئوخشايدۇ. شۇڭا كارخانىچىلىرىمىزغا بۇ تەشكىلاتنىڭ ھەربىر فونكىسىيەسىنى بىلدۈرۈش، كەلگۈسى تەرەققىياتىدا ساغلام تىز  تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، چوقۇم سىستىمىلاشقان كارخانا مائارىپى شەكىللىنىشى كېرەك.
ئەمدى رايونىمىز كارخانا مائارىپىغا قارايدىغان بولساق، دەسلەپتە 2006-يىلدىن باشلاپ، كارخانىچىلارنى تەربىيەلەش سىنىپلىرى ئېچىلىپ، شۇخىل مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەر قۇرۇلدى. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ شىركەتلەر ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن رايونىمىز كارخانىلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كېلىشىگە نۇرغۇنلىغان ئاساسلارنى سالدى. بۇلاردىن بىز پەخىرلىنىپ شانئال، ئۆزتۈر، مەرىپەت، راۋان قاتارلىقلارنى تىلغا ئالىمىز. مەقسەت مەنمۇ كارخانا مائارىپى بىلەن 2يىل شۇغۇللىنىش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى بايقىدىم ( 2013-يىلى ئۆتۈكەن سودا-مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنى بىرلىشىپ قۇرغان ). شۇڭا زادى كارخانىچىلىرىمىزغا زىيالىيلار دەرس ئۆتۈش توغرىمۇ دېگەن تېمىدا ئويلىغانلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقاي دەپ قولۇمغا قەلەم ئالدىم.
كارخانىچىلىق بولسا تۈر باشقۇرۇش، ئادەم كۈچى بايلىقى، مالىيە، مەبلەغ باشقۇرۇش، ماركىتىڭ قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئىلىملەرگە چېتىلىدىغان مۇرەككەپ بىر ئىلىم. شۇڭا بۇ ئىلىمنى ئىگىلەشكە سەل قارىغان كارخانىچى ھەقىقىي كارخانا باشقۇرغۇچى بولالمايدۇ. (ياپۇنىيەدە 100 دوكتور تەربىيەلىگەندىن بىر كارخانىچى تەربىيەلىگەن ياخشى دەيدىكەن )ھازىرقى كارخانا تەربىيەلەش ئورۇنلىرىدا دەرس سۆزلىۋاتقىنىنىڭ %90تى زىيالىيلىرىمىز ۋە كارخانا ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلىرىمىز  بولۇپ بۇنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولۇۋاتىدۇ. مەن كارخانىچىلار بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا شۇ نەرسىنى ھېس قىلدىمكى كارخانىچىلىرىمىز بىلىم ئىگىلەشتە بېلىق سۇغا ئېھتىياجلىق بولغاندەك ئېھتىياجلىق ئىكەن. ھەتتا ھەر ئايدا جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شىمالىي شىنجاڭلاردىن ئۆزىنىڭ نۇرغۇنلىغان مۇھىم ئىشلىرىنى تاشلاپ قويۇپ ئۈرۈمچىگە كىلىدىكەن. ئەمدى زادى ھازىرقىدەك زىيالىيلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر دەرس ئۆتىدىغان بۇ خىل ئۇسۇلنى ئىسلاھ قىلغىلى بولامدۇ دېگەن نۇقتىنى جىق ئويلاندىم. چۈنكى كارخانا تەرەققىي قىلدۇرۇپ 5يىلدىن ئاشقان شۇ كارخانىچىلار ئۆزىنىڭ ئۇتۇق قازانغان تەجرىبىسىنى سۆزلىسە، ئەڭ مۇھىمى كارخانىچىلىق يولىدا ئىزدىنىپ مەغلۇپ بولغان كارخانىچىلار مەغلۇپ بولغان سەۋەبلىرىنى سۆزلىسە ئىگىلىك ياراتماقچى بولغانلارغا تېخىمۇ نەپ ئېلىپ كېلەلەيدۇ دەپ قارايمەن. چۈنكى كارخانىچىلىقتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ بىرلىككە كەلگەن تىئورمىسى بولۇشى ناتايىن. لېكىن كارخانىچىلىقتا مەغلۇپ بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى ئاساسەن ئوخشاش. شۇ كارخانا مائارىپىدا مۇتەخەسسىسلەر + زىيالىيلار دەرس ئۆتۈش ئاساس، مەلۇم ساھەدە ئۇتۇق قازانغان كارخانىچىلار ۋە مەلۇم تۈردە مەغلۇپ بولغان كارخانىچىلىرىمىزنىڭ تەجرىبە سۆزلىشى قوشۇمچە بولغان بولسا، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى تېخىمۇ ياخشى بىرىككەن بولاتتى.
مەن ئۆزۈم تور سودىسىدا 11يىل ئالىي مەكتەپتە ئوقۇدۇم. 2010-يىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن. لېكىن 2015-يىلى بايرام شىركىتىنى قۇرغاندىن كېيىن تور سودىسىدا ئىگىلىگەن بىلىم تەجرىبەم 11 يىللىق ئالىي مەكتەپتە ئۆگەنگەنلىرىمدىن يۇقىرى تۇرىدۇ. ھەمدە 2015-يىلدىن بۇرۇنقى سۆزلىگەن لېكسىيەلىرىم بىلەن 2015-يىلدىن كېيىنكى سۆزلىگەن لېكسىيەلىرىمدىكى پەرق بىر قەدەر زور.
شۇڭا، كارخانا مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كارخانىچىلىقىمىزنى ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرىمىز دەيدىكەنمىز مۇتەخەسسىس-زىيالىيلار ۋە كارخانىچىلاردىن تەشكىللەنگەن ئوقۇتقۇچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر قوشۇنىنى تەشكىللەش كېرەك.  كارخانىچىلىرىمىز بىلىم ئىگىلىمەي تۇرۇپ تەرەققىي قىلالمايدۇ.
مەن پەقەت كارخانىچىلىققا ئوتتەك قىزىقىشىم بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۈزۈمنىڭ كۆزىتىش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن ئوي-پىكرىمنى يېزىپ چىقتىم. بۇ پەقەت ۋە پەقەت مېنىڭ ئويلىغانلىرىم ۋە ھېس قىلغانلىرىم خالاس، مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ، شاكىلىنى ئايرىۋېتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، كۆپچىلىككە رەھمەت..
مەنبەسى بايرام سالونى

نۆۋەتتە بايرام تورسودا شەھەرچىسى توردەرسخانىسىنى يولغا قويدى. دەرس ئۈندىدار توپىدا سۆزلىنىدۇ،  ئېھتىياجى بولغان قېرىنداشلار ئالاقىلىشىپ بايرام تور دەرسخانىسىغا قاتناشساڭلار بولىدۇ، دەرس 10-ئاينىڭ 3-كۈنى باشلاندى، ھازىر قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارغا بۇرۇن ئۆتۈلگەن دەرسنى تولۇقلاپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىمىز .

ھازىرغىچە دەرس سۆزلەپ بولغان ئوقۇتقۇچىلار :
شىنجاڭ بايرام تور سودا شەھەرچىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇراھمان دوكتۇر .
مىراس كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ قۇرغۇچىسى، شىنجاڭ مەغرىپ شىركىتىنىڭ لىدىرى قەمىردىن ھاجىىم.
ئىقتىساد پەنلىرى دوكتۇرى دولقۇن قادىر ، مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى.
نۇر مۇھەممەت  قارلۇق شىركىتى ئېنتىرنىت بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى.
ئۇبۇل ھەسەن رۇزى شىنجاڭ ئابىدە بىيو-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى.
ئوسمان ئىبراھىم شىنجاڭ ئەلبېك يېمەك-ئىچمەك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى.
قالدى تەپسىلاتلارنى بابرام دەرسخانىسىغا مەسئۇل خادىملاردىن سۈرۈشتۈرسەڭلار بولىدۇ.

دەرس سۆزلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى بۇ ئۇلانمىغا كىرىپ كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ       http://bayram.cn/site/edu



كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش