جۇڭگو ساياھەتچىلىرى تايلاند ئۈچۈن يېرىم يىلدا 48 مىليارد يۈەن ساياھەت كىرىمى ياراتتى
تايلاند ساياھەت ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرلىكى ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان دوكلاتتىن مەلۇم بولىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا تايلاندقا كەلگەن چەتئەللىك ساياھەتچىلەر سانى 17 مىليون 330 مىڭغا يېتىپ تايلاند ئۈچۈن 876 مىليارد بات ساياھەت كىرىمى ياراتقان، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو ساياھەتچىلىرى %27نى ئىگىلەپ تايلاند ئۈچۈن 241 مىليارد 200 مىليون بات (تەخمىنەن 48 مىليارد 240 مىليون دوللار) ساياھەت كىرىمى ياراتقان.
ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا تايلاندنىڭ ئومۇمىي ساياھەت كىرىمى بىر تىرىليون 370 مىليارد باتقا يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو ساياھەتچىلىرى ياراتقان ساياھەت كىرىمى 500 مىليارد بات بولغان.
بۇنىڭدىن سىرت، رۇسىيە ۋە مالايسىيا ساياھەتچىلىرى تايلاند ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 56 مىليارد بات ۋە 46 مىليارد بات ساياھەت كىرىمى يارىتىپ، جۇڭگودىن كەينىدىنلا ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئورۇنغا تىزىلغان.
تايلاند ساياھەت ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرلىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگو تايلاندنىڭ ئەڭ چوڭ ساياھەت مەنبەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ يىل ئىچىدە تايلاندقا كەلگەن جۇڭگولۇق ساياھەتچى سانى توققۇز مىليوندىن، ياراتقان ساياھەتچىلىك كىرىمى 500مىليارد باتتىن ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن.