پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 145|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ماركا ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز يەتكۈزۈشنىڭ ھەق تەلەپ مەسئۇلىيىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

642

تېما

669

يازما

2561

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2561
ماركا ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز يەتكۈزۈشنىڭ ھەق تەلەپ مەسئۇلىيىتى


دەخلى– تەرۈزنى توختىتىش— ھەق تەلەپ مەسﺊۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشتىكى ئىنتايىن مۇھىم شەكىل بولۇپ، ماركا ھوقۇقدارىنىڭ رويخەتتىكى ماركىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقى باشقىلارنىڭ دەخلى– تەرۈز قىلىشىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ھوقۇقدار تەرەپ قىلمىش يۈز بەرگەن جايدىكى ناھىيىدىن يوقۇرى دەرىجىلىك سودا– سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنىغا شىكايەت قىلسا ياكى تەۋەلىك ھوقۇقىغا ئىگە سوت مەھكىمىسىگە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلسا، قىلمىش سادىر قىلغۇچى تەرەپ ئالدى بىلەن دەخلى– تەرۈزنى توختىتىشقا بۇيرىلىدۇ.
ماركا ھوقۇقى ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ھەم شۇنداقلا شەكىلسىز مۈلۈك ھوقۇقىغا تەۋە بولغاچقا، ئۇنىڭ قوغدىلىش ئوبيېكتى شەكىلسىز ھالەتتە بولىدۇ. شۇڭا باشقىلارنىڭ بۇنداق ھوقۇقتىن ئۆز مەيلىچە مەنپەئەتلىنىۋېلىشىنى توسۇش شەكىللىك مال– مۇلۈكنى قوغداش ھوقۇقى يۈرگۈزگەندەك ئاسانغا توختىمايدۇ. ماركا ھوقۇقىغا دەخلى– تەرۈز يەتكۈزۈش قىلمىشى بايقالغان ھامان توسۇلمىسا، ماركىنىڭ تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ مەنبەسىنى كۆرسىتىش رولىغا تەسىر يېتىپ، ماركا ھوقۇقدارىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق– مەنپەئىتىگە تېخىمۇ كۆپ زىيان يېتىشى مۇمكىن. يەنە بىر نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، دەخلى– تەرۈز توختىتىلسا، زىيان ئازىيىپ، دەخلى– تەرۈزگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي مەسﺊۇلىيەتمۇ كىچىكلەيدۇ. شۇڭا دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ماركا ھوقۇقىنى قوغداشتا، ماركا ھوقۇقىغا دەخلى– تەرۈز يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى بايقالغان ھامان توسۇشقا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارايدۇ.
ئېلىمىز «ماركا قانۇنى» نىڭ 57– ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ماركىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى ياكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار تەرەپلەر رويخەتتىكى ماركىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى– تەرۈز يەتكۈزۈش قىلمىشى يۈز بېرىۋاتقانلىقى ياكى شۇنداق قىلمىش يۈز بېرىدىغانلىقى، ۋاقتىدا توسۇلمىسا قانۇنلۇق ھوقۇق– مەنپەئەت تولدۇرىۋالغۇسىز زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىيالىسا، دەۋادىن بۇرۇن خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئالاقىدار قىلمىشنى توختىتىشقا بۇيرۇش ۋە دەۋاغا مۇناسىۋەتلىك مال– مۈلۈك، دەلىل– ئىسپاتنى ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللىنىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
يوقىرىدىكى بەلگىلىمە دەخلى– تەرۈزنى دەۋادىن بۇرۇن توختىتىشقا قارىتىلغان بولۇپ، ئۇنى ماركا ھوقۇقىغا دەخلى– تەرۈز يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى ئەدىلىيە تەرتىپى بويىچە توسۇش يەنى ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلىشتىن بۇرۇن بېجىرىدىغان مەجبۇرى تەرتىپ دەپ چۈشىنىۋېلىشقا بولمايدۇ. «ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەدىلىيە ئىزاھاتلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ماركا ھوقۇقدارى ياكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار تەرەپلەر ماركا ھوقۇقىغا دەخلى– تەرۈز يەتكۈزۈش قىلمىشى ئۈستىدىن رەسمىي ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلغاندا، سوت مەھكىمىسىدىن ئالدى بىلەن دەخلى– تەرۈز قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىۋېرىدۇ. قىسقىسى، ماركا ھوقۇقدارى دەخلى– تەرۈزنى دەۋادىن بۇرۇن توختىتىشنى تەلەپ قىلسىمۇ، دەۋا جەريانىدا ياكى دەۋاغا ھۆكۈم چىققاندىن كېيىن توختىتىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىۋېرىدۇ.
2) زىياننى تۆلەش
زىياننى تۆلەش ماركا ھوقۇقدارىنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇقىنى قوغداشتىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر تۈرلۈك قانۇنىي مەسﺊۇلىيەت بولۇپ، بۇ خىل مەسﺊۇلىيەت ئادەتتە «ئورنىنى تولدۈرۈش، كېمىنى تولۇقلاش» پىرىنسىپى بويىچە سۈرۈشتۈرىلىدۇ. يەنى زىياندار تەرەپ قانچىلىك زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، زىيان سالغۇچى تەرەپ شۇنچىلىك تۆلەم بېرىشكە بۇيرىلىدۇ.
«ماركا قانۇنى» نىڭ 56– ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ماركىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى– تەرۈز يەتكۈزۈشنىڭ تۆلەم سوممىسى ھوقۇققا دەخلى– تەرۈز يەتكۈزگۈچى ھوقۇققا دەخلى– تەرۈز يەتكۈزۈپ ئېرىشكەن مەنپەئەت ياكى ھوقۇقى دەخلى– تەرۈزگە ئۇچۇرىغۇچى ھوقۇقى دەخلى– تەرۈزگە ئۇچراپ تارتقان زىيان بولۇپ، ھوقۇقى دەخلى– تەرۈزگە ئۇچرىغۇچى ھوقۇققا دەخلى– تەرۈز يەتكۈزۈش قىلمىشىنى توسۇش ئۈچۈن خىراجەت قىلغان مۇۋاپىق چىقىمنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ئەدىلىيە ئىزاھاتلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ماركا ھوقۇقىغا دەخلى– تەرۇز يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئېرىشىلگەن پايدا ھوقۇققا دەخلى– تەرۇز بولغان تاۋارنىڭ سېتىلىش مىقدارىغا ۋە شۇ تاۋارنىڭ بىرلىك پايدىسىنى كۆپەيتىپ ھېسابلانسا بولىدۇ؛ ئەگەر ئۇ تاۋارنىڭ بىرلىك پايدىسىنى ئېنىقلىغىلى بولمىسا، ماركىسى رويخەتكە ئالدۇرۇلغان تاۋارنىڭ بىرلىك پايدىسى بويىچە ھېسابلانسا بولىدۇ. ماركا ھوقۇقىغا دەخلى– تەرۇز يېتىپ ئۇچرىغان زىيان ھوقۇق دەخلى– تەرۇزگە ئۇچراش تۈپەيلىدىن سېتىلىش مىقدارى ئازىيىپ كەتكەن تاۋارنىڭ ئەمەلىي قىممىتى ياكى ھوقۇققا دەخلى– تەرۇز بولغان تاۋارنىڭ سېتىلىش مىقدارىنى ماركىسى رويخەتكە ئالدۇرۇلغان تاۋارنىڭ بىرلىك پايدىسىنى كۆپەيتىش ئۇسۇلى بويىچە ھېسابلانسا بولىدۇ.
ئەگەر ھوقۇققا دەخلى– تەرۇز يەتكۈزگۈچى ھوقۇققا دەخلى– تەرۇز يەتكۈزۈپ ئالغان پايدا ياكى ھوقۇقىغا دەخلى– تەرۇز يەتكۈچى ھوقۇقىغا دەخلى– تەرۇز يېتىپ ئۇچرىغان زىياننى بېكىتىش تەس بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى تۆلەم سوممىسىنى ھوقۇققا دەخلى– تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشىنىڭ خاراكتېرى، مۇددىتى، ئاقىۋىتى، ماركىنىڭ داڭقى، ماركىنى ئىجازەتلىك ئىشلىتىش ھەققىنىڭ سوممىسى، ماركىنى ئىجازەتلىك ئىشلىتىشنىڭ تۈرى، ۋاقتى، دائىرىسى ۋە دەخلى– تەرۇز قىلمىشىنى چەكلەشكە قىلىنغان مۇۋاپىق چىقىم قاتارلىق ئامىللارنى ئويلىشىپ بېكىتىدۇ.
ماركا ھوقۇقىغا دەخلى– تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشىنى چەكلەشكە قىلىنغان مۇۋاپىق چىقىم— ماركا ھوقۇقدارى ياكى ھاۋالە قىلىنغان ۋاكالەتچى ھوقۇققا دەخلى– تەرۇز يېتىش قىلمىشىنى تەكشۈرۈش، دەلىل– ئىسپات ئېلىشقا خىراجەت قىلغان مۇۋاپىق چىقىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاقىدارلارنىڭ دەۋا تەلىپى ۋە دېلونىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئادۋوكاتلىق ھەققىنى تۆلەم دائىرىسىگە كىرگۈزسە بولىدۇ.
زىياننى تۆلەش ماركا ھوقۇقىغا دەخلى– تەرۈز يەتكۈزگۈچىلەر ئىچىدىكى ساختا ماركىلىق تاۋار ئىشلەپچىقارغان تەرەپنىڭلا مەسﺊۇلىيىتى ئەمەس. قانۇن بويىچە، تاۋارنى باشقىلارنىڭ رويخەتتىكى ماركىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى– تەرۈز بولغان تاۋار ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتقانلارمۇ مۇناسىپ يوسۇندا زىياننى تۆلەش مەسﺊۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەمما تاۋارنى باشقىلارنىڭ رويخەتتىكى ماركىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى– تەرۈز بولغان تاۋار ئىكەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ ساتقانلار ئۆزىنىڭ بۇ تاۋارغا قانۇنلۇق ئېرىشكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالسا ھەمدە تاۋار بىلەن تەمىنلىگۈچىنى ئېيتىپ بىرەلىسە، تۆلەم جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش