ئۆي مۈلۈك سودىسى ئەمەلگە ئاشمىغاندا ۋاستىچىلىك ھەققى تۆلەش كېرەكمۇ؟
ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى چې X 2015 – يىلى 10 – ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭىشەھەر رايونىدىكى ئۆيىنى مەلۇم ئۆي مۈلۈك ۋاسىتىچىلىك شىركىتىگە 830 مىڭ يۈەنگە سېتىپ بېرىشكە ھاۋالە قىلىپ، توختام تۈزۈشىدۇ، ھاۋالە مۇددىتىنى يەتتە ئاي دەپ بېكىتىدۇ.
ئۆي مۈلۈك ۋاسىتىچىلىك شىركىتى بۇ ئۆينى سېتىش توغرىسىدا ئېلان چىقارغاندىن كېيىن جاۋ X بۇ ئۆينى ياقتۇرۇپ قېلىپ، ئۆي مۈلۈك ۋاسىتىچىلىك شىركىتى بىلەن توختام ئىمزالايدۇ. لېكىن ئويلىغان باھاسى بىلەن چې X قويغان باھادا پەرق بولغانلىقتىن، جاۋ X يەنە ئۆي مۈلۈك شىركىتى بىلەن ‹‹سودىدا كېلىشتۈرۈش ھەققى كېلىشىمى›› تۈزىدۇ. ئاخىرىدا چې X ئۆيىنى 680 مىڭ يۈەنگە سېتىشقا قوشۇلىدۇ.
بۇ يىل 5 – ئايدا چې X بىلەن جاۋ X ئىككى تەرەپ ئۆي پۇلىنى تۆلەش ئۇسۇلىدا ئىختىلاپ كۆرۈلگەنلىكتىن سودىنى ۋاقىتلىق توختىتىدۇ. ئۆي مۈلۈك ۋاسىتىچىلىك شىركىتى 6 – ئايدا چې Xتىن ۋاسىتىچىلىك ھەققىنى تەلەپ قىلغاندا، ئۇ رەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆي مۈلۈك ۋاسىتىچىلىك شىركىتى چې X ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنۇپ، 13 مىڭ 600 يۈەن ۋاسىتىچىلىك ھەققى تۆلەشنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئۆي مۈلۈك ۋاسىتىچىلىك شىركىتى چې X بىلەن جاۋ Xنىڭ ئۆي مۈلۈك ئېلىم – سېتىم سودىسىدا توختام تۈزۈش غەرىزىگە تۈرتكە بولىدۇ ھەم ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى قىلىدۇ. ئۇنداقتا، كېلىشىمگە ئاساسەن ۋاسىتىچىلىك ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەكمۇ؟
چۈشەندۈرۈش: ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سودىيەسى لى جيەنجۇڭ مۇنداق دېدى: ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى توختام قانۇنى››نىڭ 426 –، 427 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ۋاسىتىچىلىك شىركىتى ئالغۇچى ۋە ساتقۇچىنىڭ توختامنى ئىمزالىشىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرەلمىسە، ۋاسىتىچىلىك ھەققى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ، لېكىن، ھاۋالە قىلغۇچىدىن ۋاسىتىچىلىك پائالىيىتىگە ئىشلەتكەن چىقىمنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. بۇ دېلودا ئالغۇچى ۋە ساتقۇچى ئىككى تەرەپ پەقەت ئۆينىڭ باھاسىدىلا پىكىر بىرلىكىگە كەلگەن، لېكىن پۇلنى تۆلەش ئۇسۇلىدا بىرلىككە كېلەلمىگەن ھەم ‹‹ئۆي مۈلۈك ئېلىم – سېتىم توختامى›› تۈزمىگەن. شۇڭا ھازىرقى پاكىتلار ۋاسىتىچىنىڭ توختامنىڭ ئىمزالىنىشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ.
توختامنىڭ ماددىلىرىدا ئىككى تەرەپنىڭ ئۆيىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش غەرىزى بار بولغاچقا، ھاۋالە قىلغۇچى ۋاسىتىچىگە نىشان نەرسىنىڭ پۈتۈشۈش باھاسىنىڭ %2ى بويىچە مۇلازىمەت ھەققى تاپشۇرىدۇ، دېيىلگەن. لېكىن بۇ توختام ماددىلىرىنى ۋاسىتىچى بىر تەرەپلىك تۈزگەن بولۇپ، ئەندىزىلىك ماددىغا تەۋە. توختام تۈزگەندە، قارشى تەرەپنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك يېزىق، بەلگە ۋە خەت شەكلى قاتارلىق ئالاھىدە كۆرسەتمىلەر يوق ھەم چې X كىمۇ ئەھۋالنى ئالاھىدە چۈشەندۈرمىگەن. شۇڭا بۇ توختام ماددىسى ئىناۋەتسىز ماددىغا تەۋە.
ئاخىرىدا، سوت مەھكىمىسى ئۆي مۈلۈك ۋاسىتىچىلىك شىركىتىنىڭ بۇ قېتىملىق ئۆي مۈلۈك ئېلىم – سېتىم توختامىنىڭ ئىمزالىنىشىغا تۈرتكە بولالمىغان بولسىمۇ، لېكىن، ۋاسىتىچىلىك پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش جەريانىدىكى چىقىمىنى كۆزدە تۇتۇپ، چې Xنى ئۆي مۈلۈك ۋاسىتىچىلىك شىركىتىگە ۋاسىتىچىلىك پائالىيىتى جەريانىدىكى چىقىمى ئۈچۈن 1000 يۈەن تۆلەشكە بۇيرۇغان.
دىلئارا نۇرئەخمەت(ت)