پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 70|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

تۇرمۇشقا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغان 30 يىل مايۈن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

642

تېما

669

يازما

2561

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2561
مايۈن: كەلگۈسىدىكى 30 يىل تۇرمۇشقا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغان 30 يىل بولىدۇ


u=963510151,4067593799&fm=21&gp=0.jpg (12.41 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

چۈشۈرۈش

2016-10-13 00:15 چىقىرىش



u=3602882548,2270834412&fm=21&gp=0.jpg (19.18 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

چۈشۈرۈش

2016-10-13 00:15 چىقىرىش



u=201506090,3723416332&fm=21&gp=0.jpg (19.08 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

چۈشۈرۈش

2016-10-13 00:15 چىقىرىش




«2016-يىللىق مەملىكەتلىك ھەممەيلەن ئىگىلىك تىكلەش، ھەممەيلەن يېڭىلىق يارىتىش ھەپتىلىكى پائالىيىتى» ۋە «2-نۆۋەتلىك شېنجېن خەلقئارالىق ئىگىلىك تىكلەش ھەپتىلىكى» شېنجېن ئىگىلىك تىكلەش مەيدانىدا رەسمىي باشلاندى. مايۈن، ما خۇاتېڭ، تىم كۇك قاتارلىق جۇڭگو ۋە چەتئەل ئىگىلىك تىكلەش رەھبەرلىرى شېنجېنغا يىغىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ھەققىدە سۆھبەتلەشتى. ئەلى بابا گورۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ باش مۇدىرى مايۈن نۇتۇقىدا مۇنۇلارنى تىلغا ئالدى: ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش جۇڭگوغا يېڭى ئوي-پىكىرلەرنى ئېلىپ كەلدى، ئۇ بارغان 30 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننىڭ ھەممىسى يېڭىلىق يارىتىش ھەققىدە ئويلىنىۋاتىدۇ، ھەر بىر دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى جەھەتتە بەسلىشىۋاتىدۇ. ئىنتېرنېت تورى بولسا جۇڭگودا تەرەققىي قىلغىلى ئەمدى 20 يىل بولدى، كەلگۈسىدىكى 30 يىل ئاندىن ھەقىقىي تۇرمۇشقا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغان 30 يىل.
ما يۈن مۇنداق دېدى: «كەلگۈسى 30 يىلدا جۇڭگونىڭ ھەر ساھە كەسىپتە يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ، مەسىلەن، يېڭى پارچە سېتىش، يېڭى ئىشلەپچىقىرىش، يېڭى پۇل مۇئامىلە، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئېنېرگىيە...»
«يېڭى پارچە سېتىش بولسا توردا سېتىش ۋە تور سىرتىدا سېتىش، مال يەتكۈزۈشنىڭ بىرلەشمىسى؛ يېڭى ئىشلەپچىقىرىش بولسا ئەقلىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە خاسلاشتۇرۇلغان ئىشلەپچىقىرىش؛ يىڭى پۇل-مۇئامىلە بولسا كەلگۈسىدىكى پۇل-مۇئامىلە ساھەسى %80دىن ئارتۇق ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ.»
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «سانائەت دەۋرىدىكى پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرى تېخنىكا دەۋرىدىكى پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىغا ئۆزگىرىدۇ، سانلىق مەلۇمات دەۋرى ئېلىپ كەلگەن يېڭى بىرىكىش تېخنىكىسى يېڭى بايلىققا تەرەققىي قىلىدۇ ھەمدە تېز سۈرئەتتە گۈللىنىدۇ.»
ئۇ مۇنداق دېدى: «سانلىق مەلۇمات بولسا ئىنسانلار تارىخىدىكى ئۇلار ياراتقان غايەت زور بايلىق. تور سودىسى بولسا پەقەت 30 يىللىق يېڭى ئىنقىلاپنىڭ مۇقەددىمىسى. تور سودىسى چوقۇم تور ئۈستىدىكى ۋە تور سىرتىدىكى سودا ۋە مال يەتكۈزۈشنى بىرلەشتۈرۈپ يېڭى سودا چەمبىرىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك.»
مايۈن يەنە تور سودىسى بىلەن ئەنئەنىۋى سودىنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغاندا، ئۆزىنىڭ مۇنداق قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى: «تور سودىسى ئەنئەنىۋى سودىغا زەربە بەرمىدى، بەلكى يېڭى بىر سودا ئەندىزىسىنى ياراتتى.» مايۈن ئىگىلىك تىكلەش ھەققىدە ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى سۆزلىدى، ئۇنىڭ دېيىشىچە، كەلگۈسىدىكى ئىگىلىك تىكلەش بولسا، سىزنىڭ ياخشى بىر ئوي-پىكىرىڭىز بولسا جەمئىيەت سىزگە ئادىللىق بىلەن بايلىق تەقسىملەپ بېرىدۇ. ئىگىلىك تىكلەش ئادىل بولغان قانۇن مۇھىتىغا مۇھتاج، باجدا ئېتىبار بېرىشلا كۇپايە قىلمايدۇ.
مايۈن يەنە پات يېقىندا ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان خاڭجۇ يۈنچى چوڭ يىغىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئىنتېرنېت تورى چوڭ شىركەتلىرى چوقۇم مەسۇلىيەتچان بولۇشى ھەمدە ئىگىلىك تىكلەشنىڭ بوسۇغىسىنى تۆۋەنلىتىپ، ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن باراۋەر بولغان ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك.»
ئۇ يەنە مۇنداق تەكلىپ بەردى: «ئىگىلىك تىكلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىشتا قايناق ھېسسىيات ۋە ئوي-پىكىر بولسىلا بولمايدۇ، يەنە ئىلمىي باشقۇرۇش بولۇشى كېرەك. دۆلەت باشقۇرۇش مائارىپى ۋە تەربىيلەشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.»
ئۇ يەنە مائارىپ تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تىلغا ئالدى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە تەكىتلەپ، «كەلگۈسى 30 يىلدىكى ئۆزگىرىشلەردە ھۆكۈمەت چوقۇم ھەر قېتىملىق پەن تېخنىكا ئىنقىلابىدا ھەمىشە نامراتلىق، مۇھىت قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك» دېدى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش