ئۈرۈمچىدىكى تۇنجى يالغان تۇز ياساش دېلوسىغا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى
يېقىندا بىڭتۇەن ئۈرۈمچى بوز يەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى ئۈرۈمچىدىكى تۇنجى يالغان تۇز ئىشلەپچىقىرىش جىنايى دېلوسىغا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، ۋاڭ XXكە مۇددەتلىك 3 يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ، 60 مىڭ يۈەن شىتراپ قويغان، قالغان 7 جاۋابكارنى ئايرىم-ئايرىم جىنايى ئىشلار بويىچە بىر تەرەپ قىلغان.
مۇخبىرنىڭ 27-مارت ئۈرۈمچى تۇزچىلىق شۆبە ئىدارىسىىدىن ئىگىلىشىچە، 2016-يىلى يانۋاردىن ئىيۇلغىچە، ۋاڭ XX، گاۋ XX قاتارلىق سەككىز كىشى ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلەپ، 104-تۇەن 7-لىيەنىدىكى بىر يەر ئاستى زاۋۇتىدا، سانائەتكە ئىشلىتىدىغان تۇزنى يېمەكلىككە ئىشلىتىدىغان تۇزغا ئارىلاشتۇرۇپ ساتقان، سەككىز كىشى ئايرىم-ئايرىم قاچىلىغان يالغان تۇزنىڭ ئېغىرلىقى 292.75 توننىغا يەتكەن.
بۇلتۇر 28-ئىيۇل ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇزچىلىق شۆبە ئىدارىسى بۇ يالغان تۇز ياساش ئۇۋىسىنى بايقىغاندىن كېيىن، بىڭتۇەن 12-دېۋىزىيەسى ج خ ئىدارىسىگە دېلو مەلۇم قىلغان .
ج خ ئورۇنلىرى يالغان تۇز ياساش ئۇۋىسىدىن 43.5 توننا سانائەتكە ئىشلىتىلدىغان تۇز، ماركا چاپلىنىپ كىچىك بولاققا ئايرىلغان 48 مىڭ خالتا تۇزنى تۇتۇپ قالغان. تۇزچىلىق تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىچە، نەق مەيداندا تۇتۇپ قېلىنغان پىششقلاپ ئىشلەنگەن تۇزدا يود يوق بولۇپ، لاياقەتسىز ئىكەن.
بۇ يىل 14-مارت بىڭتۇەن ئۈرۈمچى بوز يەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، يۇقىرىقى 8 جاۋابكارنى دۆلىتىمىز جىنايى ئىشلار قانۇنىغا خىلاپلىق قىلدى دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايىتىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ھەمدە تۆۋەندىكىدەك ھۆكۈم ئېلان قىلغان:
باش جىنايەتچى ۋاڭ XX كە مۇددەتلىك 3 يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ، 60 مىڭ يۈەن شىتراپ قويۇش؛ يەنە بىر باش جىنايەتچى ۋاڭ XX كە مۇددەتلىك 2 يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ، 30 مىڭ يۈەن شىتراپ قويۇش؛ جىنايەتچى گاۋ XX كە مۇددەتلىك ئىككى يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ، 30 مىڭ يۈەن شىتراپ قويۇش، قالغان 5 جىنايەتچىنىڭ جىنايەت ئەھۋالىغا قاراپ، 8 ئايلىقتىن بىر يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىپ، 3000 يۈەندىن 10 مىڭ يۈەنگىچە شىتراپ قويۇش؛
مەنبە: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى